ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ

سۇئال: 12914

بىر قانچە قېتىم ياتلىق بولۇپ ئاجراشقان ئامېرىكىلىق بىر مۇسۇلمان قىز ، مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. مەن ئۇنى قانداق قىلىپ توسۇپ قالسام بولىدۇ؟ ئۇ دەيدۇكى:” مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟“

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇشرىك ئەرگە ياتلىق بولىشى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. پەقەت خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، پاك ئاياللارنى ئېلىش جائىزدۇر. بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلە.
ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بۇ كەمتۈك ئەقلىمىز بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېرەر
ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايال ئاللاھتىن قورقىشى لازىم. ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ كاپىر بېرىگە ياتلىق بولىشى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى بۇنداق نىكاھ باغلانمايدۇ ۋە باتىلدۇر.

مەنبە

شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇزەر

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android