0 / 0

ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟

سوئال: 129141

ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلسا، نېمە ئۈچۈن دىندىن يېنىۋالغان مۇرتەدلەر، بۇتلارغا چوقۇنغۇچى ۋە دىنسىزلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئىسلام دىنى ئەقىدەمەسىلىسىدە ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىسلامدىنى ئىنسانلارنى توغرا ئەقىدىگە بۇيرۇيدۇۋە ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشى لازىمدەپ بېكىتىدۇ. ئەقىدە مەسىلىسىدەكىشىلەردە خالىغان بىر دىننى تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ.ئىسلام دىنى ئەقىدە مەسىلىسىدە ئەركىنلىكنىقوللايدۇ دېگەن سۆز توغرا ئەمەس.

ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالانى بىر دەپئېتىقاد قىلىش ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىسقېلىشقا، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىسلامغاتولۇق بويسۇنۇپ، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋەچەكلىگەن ئىشلاردىن تولۇق ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ كاتتاۋە مۇھىم بولغان بەلگىلىمىلەر: ئاللاھ تائالانى بىردەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىسقېلىشتىن ئىبارەت بولسا، گۇناھ-مەسىيەتنىڭئەڭ بۈيۈكى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئىنساننىكۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنىڭبىرەرسىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتەئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاعْبُدُوا اللَّـهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًاتەرجىمىسى:ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار.[سۈرە نىسا 36-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُواإِلَّا إِيَّاهُتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭپەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەتقىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. [سۈرە ئىسرا23-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُتەرجىمىسى:رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋەسەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. [سۈرە پاتىھە5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنەمۇنداق دەيدۇ:فَاعْبُدِ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُالدِّينَتەرجىمىسى:دىنىڭنى شېرىك ۋە رىيادىن ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقائىبادەت قىلغىن. [سۈرە زۇمەر 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوااللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَتەرجىمىسى: ئۇلار ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغانھالدا، ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس قىلىشقابۇيرۇلدى. [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: مەن،ئىنسانلار پەقەت بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىقھېچ ھەق ئىلاھ يوق، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپگۇۋاھلىق بېرىپ، نامازنى ئادا قىلىپ، زاكاتبەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقابۇيرۇلدۇم. ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىنماللىرى ۋە جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەممائىسلامنىڭ ھەققى بولسا ئۇ تولۇق ئىجرا قېلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقىدۇر. [بىرلىككەكەلگەن ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ۋەپەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامئەقىدە مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋەئاللاھنىڭ قانۇن-شەرىئەتلىرىگە بويسۇنۇشنىڭزۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇمەسىلىدە ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئىسلام دىننى قويۇپ باشقا بىر دىننى تاللاش،شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋە چەكلىگەنشەيئىلەرنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئاللاھ تائالائۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەنمەسئۇلىيەتنى تەرك قىلىش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ.بەلكى ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بولغانئاللاھنىڭ توغرا دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىبىكىتىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتەيەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشى، ئىبادەتتەئاللاھقا باشقىنى شېرىك قىلماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىۋە پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پرىنسىپىدامۇستەھكەم تۇرۇشى، ناماز، روزا، زاكاتۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھبۇيرىغان شەكىلدە ئادا قىلىشى تەلەپقىلىنىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەڭچوڭ گۇناھ قايسى؟ دېسەم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىنىڭ سىنى ياراتقانپەرۋەردىگارىڭغا شېرىككەلتۈرۈشۈڭ دېدى. مەن:ئۇنىڭدىن قالسا قايسى؟ دېۋىدىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:پەرزەنتىڭنىڭ سەن بىلەن بىرلىكتەتائام يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭدېدى. مەن: ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭدېدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا بۇئايەتنى نازىل قىلدى: وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّـهِإِلَـٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّـهُإِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَأَثَامًا ، يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَالْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا ، إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًاتەرجىمىسى:ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىكقىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەمئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكىبۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن، ئاخىرەتتە ئۇجازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغاھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەتئۇلارنىڭ ئىچىدىن (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا)تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشىئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ[سۈرە پۇرقان 68-69 -70- ئايەتلەر].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانئايەت-ھەدىسلەردە ئاللاھ تائالانىيەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئىبادەتنىئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكاتبېرىشتەك ئىشلارغا بۇيرىسا، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشۋە زىنا قىلىشتەك ئىشلارنىڭ ھاراملىقى ئالاھىدەتەكىتلىنىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقاشېرىك كەلتۈرۈشى، زىنا قىلىشى، ئوغۇرلۇققىلىشى، ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشى، ھاراق-شاراپئىچىشى، جازانىخورلۇق قىلىشى، قىمار ئوينىشى، ھەقىقەتئۈچۈن ھەق سۆز قىلماسلىقى، كۈندە ئاداقىلىنىدىغان بەش ۋاخ نامازنى تەرك قىلىشى، مال-مۈلكىتۇرۇپ زاكاتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىشى، بېجىرىمۋە مۇقىم تۇرۇپ رامىزان ئېيىدا روزاتۇتۇشنى تەرك قىلىشى، ئۆمرىدە بىر قېتىمھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ھەجقىلىشنى تەرك قىلىشى قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

دېمەك؛ ئىسلامدا ئېتىقادئەركىنلىكى بولمايدۇ. بەلكى ھەر بىر كىشىنىڭ توغرائېتىقادتا بولىشى ۋە ئاللاھ تائالا چەكلىگەنئىشلارنى تەرك قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. شۇنداق، ئىنسانئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇباھ قىلغان (يەنى قىلسادۇرۇس بولىدىغان) ئىشلاردا، مۇستەھەبدەرىجىسىدىكى ئەمەللەردە قىلىش ياكى قىلماسلىقئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئۇ ئىشلارنى خالىسا قىلىدۇ، خالىمىساقىلمايدۇ.

ئەمما ئاللاھنىڭ دىنىدابېكىتىلگەن پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنىقەتئىي ئورۇنداش تەلەپ قىلىنغاندەك، ئاللاھ تائالاھارام قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن دەرھال قولئۇزۇشى لازىم بولىدۇ.

ئىنساننىڭ كومىنېست، يەھۇدىيياكى خرىستىيان، بۇتپەرەس ياكى ئاتەش پەرەسقاتارلىق باتىل ئەقىدىلەرنى ئېتىقاد قىلىش ئىختىيارلىقى يوق،بەلكى ئۇ كىشى قاچانكى، مۇرتەد ياكى يەھۇدىي،خرىستىيان ياكى ئاتەش پەرەس ياكى كومىنېستبولىدىكەن شۇ ۋاقىتتا ئۇ كاپىر بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شۇ يۇرتتىكىمۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئۇنىڭغاتەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىش بىلەنبىرگە، ئۇنىڭ تەۋبە قىلىپ ھەق دىنغاقايتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەرتەۋبە قىلىپ ھەق دىنغا قايتسا ئامانلىقبېرىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىسلام دىنىنىڭ جىنايىئىشلار قانۇن پرىنسىپى روھى ئاستىدا (يەنى بۇ ھۆكۈمكىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئىسلامىھاكىمىيەت ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ) ئۇنىئۆلتۈرۈش ۋە مال-مۇلكىنىمۇسادىرە قىلىش توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: دىنىنىئۆزگەرتكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار.[بۇخارى رىۋايىتى].

كىمكىئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىئۆزگەرتىپ، ياراتقۇچى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن،ئەگەر ئۇ ھەقىقەتكە قايتىپتەۋبە قىلمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈشۋاجىپ بولىدۇ.

يۇقىرىقى سۆزلەردىنشۇ مەلۇم بولدىكى، مۇسۇلماننىڭھەقىقەتنى تاشلاپ، باتىلغا ئېسىلىش ئىختىيارلىقى قەتئىبولمايدۇ. بەلكى باتىلنى تەرك قىلىپھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشىلازىم بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ باشقىلارنى ياخشىلىققابۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىشى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنباشقىلارغا نەسىھەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ دىنىغادەۋەت قىلىشى، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىنئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى،كىشىلەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى تەرك قىلىشقاچاقىرىشىقاتارلىق ئىشلارنىڭھەممىسى ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىگە ئۆز تاقىتىبويىچە بىكىتىلىنىدۇ. تۈگىدى.

[شەيخ بىن بازرەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇنئەلەردەرب پىروگراممىسى پەتىۋالىرى 1-توم311-313-بەتلەرلەرگە قارالسۇن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىنتوغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android