مېنىڭ ياتلىق قىلغان قىزىم بولۇپ، بىز رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قىزىم يولدىشى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى، قىزىمنىڭ يولدىشى دوستلىرى بىلەن ساياھەتكە چېقىپ، ئۇلارنى شەيتان ئازدۇرۇپ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزىسىنى بۇزۇپ يەپ-ئىچىپ يۈرۈپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندە قىزىمنىڭ يولدىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تاماق تەييارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، قىزىم يولدىشىغا تاماق تەييارلاپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئەگەر ماڭا تاماق تەييارلاپ بەرمىسەڭ تالاق قىلىمەن، دەپ قەسەم قىلىدۇ، قىزىممۇ ئۇنىڭغا تاماق تەييارلاپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىدۇ، مەن ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوغلۇمنىڭ ئايالىنى قىزىمنىڭ يولدىشىغا تاماق تەييارلاپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم، لېكىن كېلىنىممۇ دەسلەپتە ئۇنىمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنى مەجبۇرى تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇدۇم. كېلىنىم ياقتۇرمىغان ھالەتتە تاماق تەييارلىدى. قىزىمنىڭ يولدىشى يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماقنى يېدى. مەسىلە: بىز بۇ ئىش ئۈچۈن خاتالىق سادىر قىلغۇچى بولدۇقمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا بۇ خاتالىق ئۈچۈن قانداق كاپارەت كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى ئۆزى ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق تەييارلاشقا بۇيرىغانلىق توغرىسىدا
سوئال: 130828
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
ھەقىقەتەنرامىزاننىڭ كۈندۈزىدە شەرىئەت ئېتىراپقىلغان ئۆزۈرلەردىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئېغىزئىچىش چوڭ گۇناھ ۋە ئالاھىدەچەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر. ئەمما پىيادە ياكىئۇلاغلىق 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا سەپەر قىلغانبولسا، ئۇ سەپەرئۆزۈر ھېسابلىنىپ ئۇ كىشىنىڭ ئېغىزئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تۇغقانلىرىنىڭئۆيى ياكى شەھەر ئەتراپىغا چىققان بولسا بۇسەپەر ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق ھالەتتەئېغىز ئىچىشچوڭگۇناھلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ،مەزكۇر كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغاياردەم بەرگەن كىشىمۇ گۇناھقا تەڭشېرىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدەبۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:ۘوَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّوَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَىٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚتەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋەتەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقاۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار[سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
رامىزاندا شەرئىرۇخسەتسىز ئېغىز ئاچقۇچىغاتاماق تەييارلاپ بېرىش، چاي ياكى قەھۋەقاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ھازىرلاپبېرىشتەك ئىشلار بىلەن ياردەم بەرگەن كىشىقەستەن روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ئوخشاش گۇناھكاربولىدۇ.
گەرچە توغرا بولمىغان ئىشقاياردەملەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ كىشىنىڭتۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، قىلغان گۇناھىئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپتەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك.
ئەمدى سۇئالسورىغۇچىنىڭ مەسىلىسىگەكەلسەك: قېرىندىشىم! سىز قىزىڭىزۋە كېلىنىڭىزگە ئاچچىقلىنىپ تاماقتەييارلاتقۇزغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغاتەۋبە قىلىڭ. سىز كېلىنىڭىزنىقىزىڭىزنىڭ يولدىشىغا تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇپخاتا ئىش قىلدىڭىز، ئەمما قىزىڭىزبۇ ئىشتا يولدىشىنىڭ سۆزىگە كىرمەيناھايىتى ياخشى قىلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردامەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: ئېتائەتقىلىش-بويسۇنۇش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
قىزىڭىزنىيولدىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە كېسەللىك ياكىسەپەردىن ئىبارەت شەرئى رۇخسەتسىزلا تاماقتەييارلاشقا بۇيرىسا، قىزىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالاچەكلىگەن-ھارام قىلغان ئىشتا يولدىشىغا ياردەمبەرمىگەنلىكى توغرا بولۇپ، گەرچە يولدىشىئۇنىڭغا ئاچچىقلانسۇن ياكى تالاق قىلىۋېتىمەندەپ تەھدىت سالسۇن بۇنىڭھېچنېمىگە زىيىنى يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالاغائىتائەت قىلىش دېگەن يولدىشىغا، دادىسىغا، پادىشاھقاۋە باشقىلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئۈستۈنۋە ئىلگىرى تۇرىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداقدەيدۇ: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىقبولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرائەمەس. [شەيخ ئالبانى سەھىھھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دېگەن].
ئۇ كىشىسەپەر قىلغۇچى ئەمەس، چۈنكى ئۇ قىيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغان.ھەقىقەتتە ئۇ ئۆيدە تۆت كۈندىنئارتۇق تۇرۇشنى كەسكىنلەشتۈرگەن.شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇكىشىگە روزا تۇتۇش بېكىتىلگەن. بۇكۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. ئۇلار قىيىن ئانىسىنىڭئۆيىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنىمەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەنبىرلىكتە روزا تۇتۇشى لازىم بولىدۇ. (بۇيەردىكى تۆت كۈندىن ئارتۇق دېگەنھۆكۈم ھەنبەلى مەزھەب قارىشى، ئەمماھەنەپى مەزھىپىدە مۇساپىرنىڭ روزىدائېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ياكى نامازنى قەسرىئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى 15 كۈن دەپ قارىلىدۇ)ئەمما تۆت كۈن ياكى تۆت كۈندىن ئازراقتۇرىدىكەن، ئۇلار سەپەر قىلغۇچىنىڭھۆكمىدە بولۇپ روزا تۇتۇشبېكىتىلمەيدۇ، ئەمما قىيىنچىلىق بولمىغان ئاساستا روزاتۇتسا بولىدۇ.
ئەمما مۇساپىر تۆتكۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەتقىلىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ئالىملار ئارىسىدىكىئىختىلاپتىن چېقىش ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭكۆزقارىشىغا ئەگەشكەن ئاساستا روزا تۇتۇشتەلەپ قېلىنىدۇ. ئەسلىدە رامىزاندا روزاتۇتۇش كېرەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالئاستىدا ئېغىز ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغاشەك قىلىنىدۇ.
مەنبە:
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى ناملىق پروگراممىسى 3- توم 1266-بەت