ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ۋاقىتنى بىلمەي شام ۋاقتىدا خۇپتەن نامىزى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال: 131632

شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغان ئىدى، مەن بۇنى خۇپتەن نامىزىنىڭ ئەزىنى دەپ ئويلاپ، خۇپتەن نىيىتى بىلەن شامنى تۆت رەكەت ئوقۇپ، ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئولتۇردۇم، كېيىن خۇپتەنگە ئەزان ئوقۇلغاندا ھەيران قىلىپ سورىسام، ئۇلار خۇپتەنگە ھازىر ئەزان ئوقۇلدى دېدى، مەن شام نامىزىنى قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     سىز شام نامىزى ئوقۇماي، ئوقۇلغان ئەزاننى خۇپتەننىڭ ئەزىنى دەپ ئويلاپ خۇپتەن نامىزى ئوقۇغان بولسىڭىز، شام نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن خۇپتەن نامىزىنى قايتا ئوقۇيسىز، چۈنكى سىز خۇپتەن نامىزىنى ۋاقتى كىلىشتىن بۇرۇن  شامنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇغان بولدىڭىز، گەرچە سىز شام نامىزىنى كۈن ئولتۇرىشى بىلەن ئوقۇۋەتكەن بولسىڭىزمۇ يەنىلا خۇپتەن نامىزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنى ۋاقتى كىرگەندە قايتىدىن ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ، نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز شام نامىزىنى ئوقۇمىغان بولسىڭىز چوقۇم شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ بولۇپ، ئاندىن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى ناملىق پروگراممىسى 2- توم 728-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android