ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇسۇلماننىڭ غەيرى مۇسلىمغا قارىتا مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا

سۇئال: 131777

 مۇسۇلماننىڭ غەيرى مۇسلىمغا قارىتا مەسئۇلىيىتى قانداق بولىدۇ؟، ئۇ كىشى مۇسۇلمانلار زېمىنىدا ياشاۋاتقان ياكى ئۆز يۇرتىدا ياشاۋاتقان زىممىي بولسۇن، (مۇسۇلمان شۇ زىممىينىڭ يۇرتىدا تۇرغان بولسا، تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇئامىلىلەر) دەسلىپى سالام قىلىشتىن باشلاپ ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھېيتبايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىشقا قەدەر، ئۇنى خىزمەت جەريانىدا دوست بولۇشقىچە بولغان ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان ھەممە ئىشلارنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى  سورايمەن؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمانغا مۇسۇلمان بولمىغانلارغا نىسبەتەن تۆۋەندىكى ئىشلار ۋاجىپ بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئاللاھنىڭ تەرىپىگە، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، مۇمكىن بولغان شەكىلدە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بېرىش، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىلېممەرىپەت بولىشى كېرەك، مانا بۇ ئۆزى بىرگە ياشايدىغان ۋەتەندىكى ۋەتەنداشلارغا، يەھۇدىي، ناسارالارغا ۋە باشقا مۇشرىكلەرگە ھەدىيە قىلىدىغان ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ بۈيۈك ياخشىلىقتىن ئىبارەتتۇر.  بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم!  سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى سەن ئۈچۈن ئەڭ كاتتا بايلىق ھېسابلىنىدىغان قېزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «توغرا يولغا (ھىدايەتكە )چاقىرغان كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەجىرساۋابىنىڭ ئوخشىشىدا ئەجىرساۋاپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىرساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ» .

    غەيرى مۇسلىماننى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىش، ئۇنىڭغا ئىسلامنى يەتكۈزۈش، ئۇ توغرىدا نەسىھەت قىلىش بولسا، ئەڭ مۇھىم ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

     ئىككىنچى:  غەيرى مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلماسلىق، مالمۈلكىگە، يۈزئابرۇيىغا چېقىلماسلىق، زىممىي بولسۇن ياكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كاپىر بولسۇن ياكى كېلىشىم تۈزۈلگەن كىشى بولسۇن ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان بېرىش، خىيانەت قىلىش ياكى ئالداش ئارقىلىق زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك، ئۇرۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق جىسمانىي ئەزىيەت بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ كېلىشىم تۈزۈلگەن كىشى بولىشى، شۇ شەھەردىكى زىممىي بولىشى ياكى ئەمىنلىك بېرىلگەن بولىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەھدە ئۇ كىشىنى بارلىق ئەزىيەتلەردىن ھىمايە قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئۇلار بىلەن ئېلىم، سېتىم، ئىجارە قاتارلىق مۇئامىلىلەرنى قىلىش چەكلەنمەيدۇ، سەھىھ بولغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان كاپىردىن بىر نەرسە سېتىۋالغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ تۆمۈر كىيىمى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىسى ئۈچۈن ئالغان يېمەكلىك بەدىلىگە يەھۇدىينىڭ يېنىدا گۆرۈدە ئېدى.

    تۆتىنچى: ئۇلارغا دەسلەپتە سالام قىلماسلىق، لېكىن سالام قىلسا جاۋاپ قايتۇرۇش، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يەھۇدى ۋە ناسارالارغا سىلەر دەسلەپتە سالام قىلماڭلار». يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەھلى كىتاب سىلەرگە سالام قىلسا، ئۇلارغا:  سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن دەڭلار».

    مۇسۇلمان كاپىرغا سالام قىلمايدۇ، لېكىن مۇسۇلمانغا كاپىر، يەھۇدىي، ناسارا ياكى باشقىلار سالام قىلسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقانغا ئوخشاش" سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن" دېيىش كېرەك.

    مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ئارىسىدىكى ھەقلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ جۈملىسىدىن:  خوشنىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، غەيرى مۇسلىم بىلەن خوشنا بولغاندا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، كەمبەغەل بولسا خەيرئېھسان قىلىش، بىر نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىش، ئۇنىڭغا پايدىلىق بولغان نەسىھەتلەرنى قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىسلامغا قىزىقىشى ۋە مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. چۈنكى خوشنىنىڭ ھەققى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا تەۋسىيە قىلغانلىقتىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخور قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم». [ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     ئەگەر خوشنا كاپىر بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشنىلىق ھەققى بولىدۇ، ئەگەر كاپىر خوشنىسى يېقىنى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشنىدارچىلىق ۋە يېقىنلىقتىن ئىبارەت ئىككى ھەققى بولىدۇ.

    خوشنىدارچىلىق ھەققىدىن:  خوشنىسى كەمبەغەل بولسا ئۇنىڭغا زاكاتتىن باشقا سەدىقەئېھسانلارنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَا يَنْهَاكُمْ اللَّهُ عَنْ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ تەرجىمىسى: «كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ». [سۈرە مۇمتەھىنە 8 ئايەت.]

    ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ئارىسىدا سۈلھى بولغاندا (ھۈدەيبىيە سۈلھىسى) ئەسمانىڭ ئانىسى ئۇ ۋاقىتتا مۇشرىك بولۇپ، مەدىنىگە كەلگەندە، ئەسما ئانىسىغا ياردەم قىلىشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:  ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدى.

   مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ ھېيتبايرام پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلمايدۇ، لېكىن ئۆلۈم سەۋەبىدىن تەزىيە بىلدۈرسە ۋە "ئاللاھ مۇسىيبىتىڭلارنى يەڭگىل قىلىپ بەرسۇن ياكى ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرسۇن "دېگەندەك ياخشى سۆزلەرنى قىلسا بولىدۇ. ئەمما مېيىت كاپىر بولسا: ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن دېيىلمەيدۇ، كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن كىشىگە دۇئا قىلىنمايدۇ، لېكىن ھاياتلارغا ھىدايەت تىلەپ، ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدۇ". [شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 1 توم 289-291 بەتلەر].

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android