ھەدىسدىكى "رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا" دېگەن سۆز توغرىسىدا

سۇئال : 132280

04/04/2023

مەن بىر ھەدىس ئوقۇدۇم، مەن ئۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورايمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كۈنى جۈمە بولسا، ئارامسىزلىق، تەۋرىنىش بولىدۇ، بۇ ئۇخلىغاننى ئويغىتىدۇ، ئويغاقلارنى بىئارام قىلىدۇ، ئاياللارنى ھۇجرىلىرىدىن چىقىرىدۇ، مۇشۇ كۈندە كۆپ يەرتەۋرەش بولىدۇ». ئاللاھ خالىسا سىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس بەلكى مۇنكەر ھەدىستۇر،  قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسناد بىلەن كەلمىگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىمۇ ئىسپاتلانمىغان، ئەمەلىيەت ئۇنى رەت قىلىدۇ ۋە يالغانغا چىقىرىدۇ، ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن رامىزانلار ئۆتتى، ئون بەشىنچى كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بۇ ھەدىسكە يالغان ۋە توقۇلما دەپ ھۆكۈم قىلدى.

    ئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەھىھ ھەدىس جەھەتتىن بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق، ھېچ بىر يولدىن سەھىھ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان".  ["زۇئەپا" 3-توم 52-بەت]. 

    ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ "ئايلار توغرىسىدىكى ئالامەتلەرنىڭ ئاشكارا بولىشى" دەپ ئايرىم بىر باب كەلتۈرۈپ بۇ "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توقۇلغان يالغان ھەدىس" دېگەن. ["ئەل مەۋزۇئات" 3-توم 191-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "مەنارىل مەنىيپ" 98-بەتتە  كەلگۈسىدىكى تارىخلار توغرىسىدىكى دۇرۇس بولمايدىغان ھەدىسلەرنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسلەردىن: "رامزاندا بىر ئاۋاز بولىدۇ. ئۇخلىغاننى ئويغىتىدۇ، ئۆرە تۇرغاننى ئولتۇرغۇزىدۇ، ئاياللارنى ھۇجرىلىرىدىن چىقىرىدۇ، شەۋۋال ئېيىدا چەكلىمە بولىدۇ، زىلقەئەدە ئېيىدا قەبىلىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن ئايرىلىدۇ، زۇلھەججە ئېيىدا قان تۆكۈلىدۇ". يەنە بىر ھەدىستە: "رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى جۈمە كۈنى بولغاندا بىر ئاۋاز بولىدۇ، ئۇ ئاۋازدىن يەتمىش مىڭ كىشى بىھۇش بولىدۇ، يەتمىش مىڭ كىشى پاڭ بولىدۇ".

   شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى: توقۇلما " دېگەن، نۇئەيىم بىن ھەمماد "ئەلپىتەن" 1-توم 160-بەتتە كەلتۈرگەن، مۇشۇ ئىسناد بىلەن ئەبۇ ئابدۇللاھ  ھاكىم 4-توم 517-518-بەتتە، ئەبۇ نۇئەيىم ئىسباھانىي"ئەخبارۇل ئىسباھان" 2-توم 199-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزگە ئىبنى ۋەھەب ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ مەسلەمە ئىبنى ئەلىيدىن، ئۇ قەتادىدىن، ئۇ ئىبنى مۇسەييىبتىن، ئۇ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان".

    ھاكىم مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ تېكىستى غەلىتە، مەسلەمە گۇمانلىق ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ".

    ئىمام زەھەبىي مۇنداق دەيدۇ: "مەن بۇ ھەدىس توقۇلما، مەسلەمە ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان ئېتىبارىدىن چۈشكەن دېدىم".

    بۇ ھەدىس باشقا بىر ئىسناد بىلەن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىسنادنى ئىمام سۇيۇتىي "ئەل لەئالىي" 2-توم 387-388-بەتتە كەلتۈرگەن، بۇنىڭ ھەممىسى ئىللەتلىك ساق ئەمەس، بەزىسى بەك ئۇزۇن، بەزىسى بەك قىسقارتىلغان، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن كەلتۈرگەن ھەدىس، ئاندىن شەيخ ئەلبانى ھەدىسنى باشقا لەپزى بىلەن مۇنداق كەلتۈرگەن: "رامزاندا بىر ئاۋاز بولىدۇ، ئۇلار: بۇ ئاۋاز رامىزاننىڭ ئەۋۋىلىدىمۇ ياكى ئوتتۇرسىدىمۇ ياكى ئاخىرىدىمۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: "ياق، بەلكى رامزاننىڭ ئوتتۇرىدا، رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كېچە جۈمە كېچىسى بولسا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ، ئۇ ئاۋاز بىلەن يەتمىش مىڭ كىشى ھوشسىز بولىدۇ، يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ، يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قالىدۇ"، ئۇلار: سىلىنىڭ ئۇممەتلىرىدىن كىم سالامەت قالىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: "ئۆيىدە ئولتۇرغان، سەجدە قىلىش بىلەن پاناھلانغان، ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارا تەكبىر ئېيتقان كىشى دېگەن"، ئاندىن بىرىنچى ئاۋازغا يەنە بىر ئاۋاز ئەگىشىدۇ، بىرىنچى ئاۋاز جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى، ئىككىنچى ئاۋاز بولسا شەيتاننىڭ ئاۋازى، رامزاندا ئاۋاز بولىدۇ، شەۋۋالدا شاۋقۇن-سۈرەن بولىدۇ، زۇل قەئەدە ئېيىدا قەبىلىلەر ئايرىلىدۇ، زۇل ھەججە ئېيىدا ھاجىلارغا ھۇجۇم قىلىنىدۇ، مۇھەررەم ئېيىدا، مۇھەررەم ئېيى دېگەن قانداق ئاي؟، مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئاۋۋىلى ئۇممىتىمگە بالا-مۇسىبەت، ئاخىرى ئۇممىتىم ئۈچۈن خۇرسەنلىك، ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇلىغىنىڭ توقۇمى بىلەن  يۈرۈپ بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇش مۇئ‍مىن ئۈچۈن يۈز مىڭ تەڭگە غەللە ئالغاندىن ياخشىدۇر". ئاندىن شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: توقۇلما" دېگەن. بۇ ھەدىسنى تەبرانى" مۆجەمۇل كەبىر" 18-توم 332-853-بەتتە كەلتۈرگەن. 

    مۇشۇ يول بىلەن ئىبنى جەۋزىي" توقۇلمىلار" ناملىق ئەسىرى 3-توم 191-بەتتە، ئابدۇلۋەھھاب بىن زەھھاكنىڭ يولىدىن: بىزگە ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش  ئەۋزائىيدىن، ئۇ ئەبدەتە بىن ئەبى لۇبابەدىن، ئۇ پەيرۇز دەيلەمىدىن مەرپۇ ھالەتتە ھەدىس سۆزلەپ بەردى دەپ، بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس دېگەن.

     ئۇقەيلى: ئابدۇلۋاھھاب ھېچ نەرسە ئەمەس يەنى سۆزى ئېتىبارسىز دېگەن.

    ئىبنى ھىببان: ئابدۇۋاھھاب ھەدىس ئوغۇرلايدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسى بىلەن ھۆججەت كەلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ دېگەن.

دارى قۇتنىي: ئابدۇۋاھھابنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش زەئىپ، ئەبدەتە پەيرۇزەدىن رىۋايەت قىلمىغان، پەيرۇزە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن دېگەن". [زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى 6178- 6178-ھەدىسلەر].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى جاھىل، نادانلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توقۇلغان يالغان ھەدىسنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقى ماڭا يەتتى، ئۇ ئۇچۇرلار مۇنۇ يالغان ھەدىسنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىكەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«رامزاندا ئاۋاز بولسا، شەۋۋال ئېيىدا شاۋقۇن-سۈرەن بولىدۇ، زۇل قەئدىدە قەبىلىلەر ئايرىلىدۇ، زۇل ھەججە ۋە مۇھەررەم قان تۆكۈلىدۇ، مۇھەررەم ئېيى قانداق ئاي؟، بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم دېدى، ھەي، ھەي، بۇ ئايدا كىشىلەر بەك كۆپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! رامىزاندىكى قانداق ئاۋاز؟ دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ ئاۋاز رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى جۈمە كۈنى بولغاندا بولىدۇ، بۇ ئاۋاز ئۇخلىغاننى ئويغىتىدۇ، ئۆرە تۇرغاننى ئولتۇرغۇزىدۇ، جۈمە كېچىسىدە ئاياللارنى ھوجۇرلىرىدىن چىقىرىدۇ، رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى جۈمە كۈنى بولغاندا بامدات نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا كېرىپ كېتىڭلار، ئېشىكلىرىڭلارنى تاقاڭلار، دېرىزە-تەكچىلەرنى ئېتىڭلار، ئۆزۇڭلار ئورىنىۋېلىڭلار، قۇلاقلىرىڭلارنى ئېتىۋېلىڭلار، بىرەر ئاۋازنى ھېس قىلساڭلار ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، "سۇبھانەل قۇددۇس، سۇبھانەل قۇددۇس، رەببەنا قۇددۇس دەڭلار، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان كىشى قۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئۇنداق قىلمىغان كىشى ھالاك بولىدۇ». بۇ ھەدىسنى سەھىھ دىيىشكە ھېچ ئاساس يوق، بەلكى باتىل ۋە يالغان ھەدىسدۇر. مۇسۇلمانلار ياشاپ نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، ئۇ يىللاردا رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كېچىلىرى كۆپ ۋاقىتتا جۈمە كۈنىگە توغرا كەلدى، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلاردىن ھېچ بېرى يۈز بەرمىدى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاۋاز ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ئوپ-ئوچۇق يالغان، كاززاپلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باتىل، توقۇلما نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان مۇشۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنى تارقىتىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھەممە جايدىن ئۆچۈرۈپ يوق قىلىشى ۋە بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ھەتتا ئاخىرىقى ھاياتىغىچە ئاللاھدىن قورقىدىغان، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر قىلىدىغان بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن»، يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 102-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلغىن، يامانلىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن، ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن».

    تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇشنىڭ، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ، رامزاندا ۋە باشقا ھەممە ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى  توغرىسىدا كەلگەن ئايەت، ھەدىسلەر كۆپ ۋە ھەممەيلەنگە مەلۇملۇقتۇر.   ئاللاھ  تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، دىننى توغرا چۈشىنىدىغان ئەقىل ئاتا قىلسۇن، بىزنى ۋە ئۇلارنى ئازغۇن پىتنىلەردىن، باتىل دەۋەتچىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسۇن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېخىدۇر، ئېسىلدۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن."  ["بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 26 -توم 339 -341-بەت.]

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە:  

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى