ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
149913/09/2009

كىچىك بالىلارغا يېمەك بېرىش كاپارەتتە دۇرۇس بولامدۇ؟

سۇئال: 133076

قەسەمنىڭ كاپارىتىدە كىچىك بالىلار مىسكىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟ كاپارەتتە يېمەك بېرىش مەلۇم يېمەكلىك بىلەن چەكلىنەمدۇ ياكى ھەر قانداق بىر يېمەكلىك بولسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر كىچىك بالىلار شەرىئەتتە پىقىر دەپ قارالسا، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا كىچىك بالىلارمۇ كاپارەتتە مىسكىنلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: كاپارەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان يىمەكلىك كاپارەت بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئادەتتە يىمەكلىك قىلىدىغان خورما، بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ قاتارلىق يىمەكلىكلەردىن بولسا بولىدۇ.

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تەۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

[ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان. شەيخ ئاندۇللاھ ئىبنى قەئۇد. دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى ئىككىنچى بۆلۈم 9-توم 219-بەت].

مەنبە

دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى ئىككىنچى بۆلۈم 9-توم 219-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android