ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
252001/08/1999

زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى

سۇئال: 1344

ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن، بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇغان لېكىن زاكات بەرمىگەن ۋە بېرىشكە رازى بولمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ئىسلامدا قانداق بولىدۇ؟ ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى ئوقۇلامدۇ ياكى ئوقۇلمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زاكات بولسا ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىگە، زاكاتنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى بايان قىلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ زاكات بەرمەسلىكنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، ئۆلۈپ كەتسە ئۇنداق كىشىنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغىمۇ دەپنى قىلىنمايدۇ، ئەمما زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، بېخىللىق قىلىپ زاكاتنى ئادا قىلمىسا، مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇ كىشى چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان  ئاسى ۋە پاسىق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كاپىر بولمايدۇ، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشىنىڭ جەسىدى يۇيۇلىدۇ، نامىزى ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى قىيامەتكە قالدۇرىلىدۇ".

مەنبە

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"9-توم 184-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android