0 / 0

سەپەر ئېيىدىن، ھۇقۇشتىن، شامالدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال: 13930

مەن: سەپەر ئېيىدىن، ھۇقۇشتىن، ئاي مەنزىلىسىدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسنى ئوقۇدۇم، مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىبنىمۇپلىھ ئەلھەنبەلى رەھىمەھۇللارمۇنداق دەيدۇ: “مۇسنەدتە، بۇخارى،مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ھۇقۇشتىن، سەپەر ئېيىدىنشۇم پال ئىلىش يوق» دېگەن ھەدىس بايان قىلىنغان،ئىمام مۇسلىم ۋە ھەدىس ئالىملىرى: ئايمەنزىلىسىدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوقدېگەن سۆزنى ئارتۇق كەلتۈرگەن.

بۇسۆزلەرنىڭ چۈشەندۈرلىشى: ھۇقۇش،ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە، بىر كىشىۋاپات بولۇپ دەپنى قىلىنغاندىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭقەبرىسىدىن ھۇقۇش چىقىدۇ دەيتتى. ئۇلارخىيالىدا ۋاپات بولغۇچىنىڭ سۆڭەكلىرىھۇقۇشقا ئايلىنىپ ئۇچىدۇ دەپ ئويلايتتى،ئۇلار يەنە:” باشقىلار تەرىپىدىنئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ باش تەرىپىدىنھۇقۇش چىقىدۇ، ماڭا سۇ بېرىڭلار،ماڭا سۇ بېرىڭلار دەپ توختىماي سايرايدۇ،ھەتتا قاتىلدىن قىساسىنى ئىلىپ ئۆلتۈرىدۇ دەپئېتىقاد قىلاتتى.

سەپەرئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن سۆزنىڭمەنىسى: ئەرەپلەر جاھىلىيەتدەۋرىدە سەپەر ئېيىنىڭ كىرىشىدىنشۇم پال ئالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوقدېگەن، يەنە بىر قاراشتا: ئەرەپلەرئىنساننىڭ قورسىغىدا يىلان بولۇپ، ئەر-ئاياللارمۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە يىلان ئەركىشىگە ئازار يەتكۈزىدۇ ۋەدۈشمەنلىك قىلىدۇ دەپ قارايتتى. ئىسلام دىنى بۇقاراشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىكىتتى.

ئىماممالىك رەھىمەھۇللاھ: جاھىلىيەت ئەھلى بىر يىلىسەپەر ئىيىنى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايدىسە، يەنە بىر يىلى ئۇرۇشچەكلەنمىگەن ئاي دەپ بىكىتەتتى، دەيدۇ.

ئايمەنزىلىسى دېگەن: ئاينىڭ 28 چۈشۈش ئورنىبولۇپ، ھەدىستە بايان قىلىنغىنى ئۇنىڭ بىرى،بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداقدەيدۇ: وَالْقَمَرَقَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ تەرجىمىسى: ئايغا سەير قىلىدىغانمەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق [سۈرە ياسىن 39-ئايەت].

ئايھەر ئون ئۈچ كۈندە تاڭ يورۇش بىلەنغەرىب تەرەپتە بىر ئورۇنغا چۈشىدۇ،يەنە ئون ئۈچ كۈندىن كىيىن شەرقتەرەپتىن كۆتۈرلىدۇ، بۇنىڭھەممىسى يىلنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،ئەرەپلەر ئاينىڭ چۈشۈش ئورنى بىلەنكۆتۈرلۈش ئورنى بىر-بىرىگە ئۇدۇلكەلگەندە يامغۇر ياغىدۇ دەپ قاراپ، يامغۇرنىئاينىڭ كۆتۈرۈلۈش ئورنىغا نىسبەتبېرەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاي پالانىئورۇنغا چۈشكەندە، پالانى يۇلتۇز چاقنىغاندايامغۇر ياغىدۇ دەيتتى.

ئەممامۇسۇلمانلار يامغۇرنى ئاللاھ تائالا بىزگەياغدۇرۇپ بەردى، ئادەتتە مۇشۇنداقۋاقىتتا يامغۇر ياغىدۇ دەپ قارايتتى. ئاينىڭچۈشۈش ئورنىدىن شۇم پال ئىلىشنىڭ ھاراملىقى ياكى ياخشىكۆرۈلمەيدىغانلىقى توغىرسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.

ئىزىتقۇ جىن-شەيتانلاردىن شۇمپال ئىلىش يوق دېگەن سۆزنىڭچۈشەندۈرلىشى: ئەرەپلەرنىڭ”غول” دېگەن سۆزى جىن ياكى شەيتاننىڭ بىرتۈرى بولۇپ، چۆل-باياۋاندا كىشىلەرگەكۆرۈنۈپ تۈرلۈك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇلارنىئازدۇرۇپ ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ دەپقارايدۇ، ئىسلام دىنى بۇ تۈردىكى باتىل قاراشلارنى رەتقىلىدۇ.

يەنەبىر قاراشتا ئىسلام دىنى ئىزىتقۇ-جىنلارنىڭمەۋجۇتلىقىنى رەت قىلمىدى بەلكىئەرەپلەرنىڭ ئىزىتقۇلار ئىنساننىئازدۇرۇپ ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇدېگەندەك قاراشلىرىنى رەت قىلدى دېيىلىدۇ،چۈنكى ئىزىتقۇ-شەيتانلار ئەمەلىيەتتە ھېچكىشىنى ئازدۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇنىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: ئىزىتقۇ-شەيتانلار زىيانيەتكۈزەلمەيدۇ لىكىن خىيال قىلدۇرۇپئارىلاشتۇرىۋىتىدۇ دېگەن ھەدىسئىسپاتلايدۇ. خەللالنىڭ تاۋۇستىن نەقىل قىلغانرىۋايىتىدە، بىر كىشى سەپەردە تاۋۇسرەھىمەھۇللاھغا ھەمرا بولغان، بىر جايدا قاغاقاقىلدىغاندا، ئۇ كىشى: ياخشىلىق، ياخشىلىق، دېگەندە،تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ ئۇئادەمگە:” قارغىنىڭ قاقىلدىشىدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىقكۈتىلەمدۇ؟!! دەپ ئاچچىقلاپ سەن ماڭاھەمراھ بولمىغىن دەيدۇ. [“شەرئىيەتئادابلىرى” ناملىق ئەسەر 3-توم 369-370-بەتلەر].

ئىبنىقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:بەزى ئالىملارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كېسەل ئادەم ساق ئادەمنىڭيىنىغا كىرمىسۇندېگەن ھەدىسنى :قوتاتۈگىدىن ساق تۈگىگە كېسەل يۇقۇش يوقدېگەن ھەدىس بويىچە ئەمەلدىنقالدۇرۇلغان دەپ قارايدۇ، بۇ قاراش توغرائەمەس، بىز ھازىرلا سۆزلەپ ئۆتتۇق،چەكلەنگەن ئىش بولسا، رۇخسەت قىلىنغان ئىشتىنئايرىم بىر ئىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭھەدىستە چەكلىگىنى: كېسەلنىڭ يۇقىشىيوق، سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوقدېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جاھىلىيەتئەھلىنىڭ شېرىك ئىتىقادى بولۇپ، ئۇلارنىڭبۇ ئىتىقادى ئۆزلىرىنىڭ شېرىك ۋە كۇپىرئاساسىغا قۇرۇلغان.

ئەمماپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كېسەل ئادەم ساق ئادەمنىڭيىنىغا كىرمىسۇن دېگەن ھەدىسى توغىرسىدا ئىككىخىل قاراش بار:

بىرىنچى:ئاللاھ تائالا يۇقۇشنى تەقدىر قىلغان بىر ئىشقانىسبەتەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدەقىيىنچىلىق ۋە قورقۇشنىڭ پەيدا بولىشى،كېسەل يۇقىدۇ دېگەن ئىتىقاد بىلەنيىنىغا كىرگەن كىشىلەردىن تەشۋىشلىنىش، ئۇلارغاقوپاللىق قىلىش قاتارلىق ئىھتىماللار بولۇپ، مەزكۇر ھەدىسبىلەن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق.

ئىككىنچىسى:كېسەل ئادەمنىڭ ساق ئادەمنىڭ يىنىغا كىرىشىئاللاھ تائالانىڭ ساق ئادەمگە پەيدا قىلىدىغانكېسەللىكىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قىلىشىۋە كېسەل كىرىشى سەۋەبى بىلەنساق ئادەمگە كېسەل يۇقىشى مۇمكىن، ئاللاھتائالا ساق ئادەمگە كېسەلنىڭ يۇقىشىنىكېسەللىكنىڭ قارشىسىدىكى سەۋەبلەربىلەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغانسەۋەپلەر بىلەن چەكلەپ قويۇشىمۇمكىن، بۇ شېرىك ئەھلىنىڭ قارشىسىدىكى خالىستەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن بولىدۇ.

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكۈنىدە شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭچەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتكە ئوخشايدۇ. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَنيَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سودا – سېتىق،دوستلۇق ۋە (اﷲ نىڭ ئىزنىسىز) شاپائەتبولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) يىتىپكېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپبەرگەن مال – مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا)سەرپ قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 254-ئايەت].

ھەقىقەتەنقىيامەت كۈنىدە شاپائەتنىڭ قوبۇلقىلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدىغان مۇتەۋاتىرھەدىسلەر بىلەن بۇ ئايەتنىڭ ئارىسىداھېچ قانداق زىتلىق يوق. ئايەتتە ئاللاھ تائالا شېرىكئەھلىنىڭ شېرىك ئىتىقادى بىلەن ئىسپاتلىغان يەنىشاپائەت قىلغۇچىنىڭ شاپات قىلىنغۇچى رۇخسەتقىلمىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا شاپائەت تەلەپقىلىدىغان يولسىز شاپائىتىنى چەكلىدى، ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسپاتلىغان شاپائەت بولسا، ئاللاھتائالا رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن. [سۈرەبەقەرە 255-ئايەت].

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰتەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەتقىلىدۇ. [سۈرەئەنبىيا 28-ئايەت].

ئاللاھتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَاتَنفَعُ الشَّفَاعَةُ عِندَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ تەرجىمىسى: ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىنباشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدابەرمەيدۇ. [سۈرە سەبەئ 23-ئايەت].[“ھاشىيەتى سۈنەن ئەبى داۋۇد”10-توم289-291-بەتلەر].

ئاللاھتائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android