روزىدار ئايال ھامىلدارلىق تەكشۈرتسە توغرا بولامدۇ؟ سېسترا بالىياتقۇنىڭ ئۇستىدىن ئەۋرىشكە ئالسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
0 / 0
1,25209/04/2023
بالىياتقۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئالسا ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟.
问题: 13982
答案
感谢真主,祝福先知及其家人
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش ۋە بالىياتقۇنىڭ ئۈستىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا مەنى چېقىشقا ئىلىپ بارسا ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا شەھۋەت بولىدۇ، ئەمما شەھۋەتسىز پەقەتلا ئەۋرىشكە ئېلىش بولسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ئۇنى كەچتە ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرسە ياخشى بولىدۇ.
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.
Source:
شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇزەر