ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

نامازدا ئىمام قىرائەتتە خاتالاشسا، ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئىمامغا تۈزۈتۈش بېرىشى توغرىسىدا

سۇئال: 14278

ئىمام پەرز نامازدا قىرائەتتە ئېزىقىپ كەتسە ياكى ئوقۇۋاتقان سۈرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇپ قالسا، ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ خاتاسىنى توغرىلاپ قويىشى دۇرۇسمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇئىمامغا لوقما سېلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئىمامغا لوقما سېلىشئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئىمام بولغۇچى ئايەتنى قەستەنخاتا ئوقۇسا، يەنى ناماز توغرا بولمايدىغان دەرىجىدە خاتائوقۇسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئىمامغا لوقما سېلىشىۋاجىپ بولىدۇ. مەسىلەن: پاتىھە سۈرىسىنىئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكىدەكدەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئوقۇسا، بۇ ۋاقىتتائىمامغا لوقما سېلىش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى پاتىھەسۈرىسىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىش بىلەن نامازبۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك، پاتىھەسۈرىسىدىن بىرەر ئايەتنى چالا قويسا، يەنى ئوقۇمايئۆتۈپ كەتسە ناماز بۇزۇلىدۇ. بۇۋاقىتتا ئىمامغا لوقما سېلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئەمماناماز بۇزۇلمايدىغان لېكىن كامىل بولىشىغا تەسىريېتىدىغان ئورۇنلاردا ئىمامغا لوقما سېلىشمۇستەھەپ بولىدۇ. ئەگەر ئىمام پاتىھەسۈرىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن سۈرەئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا ئىمامنىئاگاھلاندۇرۇش سۈننەتتۇر.

بۇنىڭ دەلىلىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭتۆۋەندىكى ھەدىسىدۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: مەنمۇسىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، سىلەر ئۇنتۇپقالغاندەك مەنمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.ئەگەر ئۇنتۇپ قالسام، ئىسىمگە سىلىپقويۇڭلار.[بۇخارى رىۋايىتى401].

يۇقىرىدىكى ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېسىگە سىلپقويۇشقا بۇيرىغان. بىر قېتىمپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازداقىرائەتتە ئېزىقىپ كېتىدۇ، نامازدىن كېيىنئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇئەنھۇغا: نامازدا ماڭا لوقما سېلىشىڭدىننېمە چەكلەپ قالدى، دېدى.

يۇقىرىقىھەدىستىنمۇ نامازدا جامائەت ئارىسىدىن بىرىنىڭ ئىمامغالوقما سېلىشنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە نامازنىڭساغلام ئادا بولىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردىنئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ”شەرھ ئەلمۇمتىئ” ناملىق ئەسىرى 3-توم346-347-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android