ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ئەيىپلەنگەن ئىسراپچىلىق توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ تەرجىمىسى: «يەڭلار، ئىچىڭلار ،ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» [سۈرە ئەئراپ 31-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ تەرجىمىسى: «ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» [ئەنئام سۈرىسى 141-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا تەرجىمىسى: «قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن» [سۈرە ئىسرا 29-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَآتِ ذَا الْقُرْبَى حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا تەرجىمىسى: «تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە (خەيرى ـ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل ـ مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن، ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى» [سۈرە ئىسرا 26 -27-ئايەتلەر].
ئىسراپ قىلىش بىلەن بۇزۇپ-چېچىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: ئىسراپ قىلىش دېگەن: مالنى تەلەپ قىلىنىدىغان ئورۇنغا تەلەپ قىلىنغاندىن زىيادە سەرپ قىلىش، بۇزۇپ چېچىش دېگەن: مالنى توغرا بولمىغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. [مەناۋى "پەيزۇلقەدىر" 1-توم 50-بەتتە شۇنداق دېگەن].
ئىككىنچى: ئىسراپچىلىق دېگەن: چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش، بۇ قورسىقى توق تۇرۇپ ئۈستىگە يەنە بىر نەرسە يېگەنگە ئوخشاشتۇر. بەزى ۋاقىتتا ئىنسان كۈنىگە بىر ۋاخ يىمەك يەيدۇ، بۇنىڭدا ئىسراپ قىلغان بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۈچ ۋاقىت يەيدۇ بۇنىڭدا ئىسراپ قىلغان بولمايدۇ.
يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولسا: ئىنساننى تاماقنى ئاز يېيىشكە، ئۆرە تۇرالىغىدەك يېيىش بىلەن كۇپايىلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭدا كۈنىگە بىر قانچە ۋاخ يىمەك يېيىشكە قارشى چىققانلىق ئېپادىلەنمەيدۇ، ناشتىدا ئاز يەپتۇ، چۈشتىمۇ ئاز يەپتۇ ۋە كەچتىمۇ ئاز يەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاز يېيىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ناشتىدا سەل جىقراق يەي دېگەن بولسا، ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى تاماق، ئۈچتىن بىرىنى ئىچىملىك ۋە قالغان ئۈچتىن بىرىنى نەپەس ئىلىشقا قالدۇرىشى كېرەك بولىدۇ. كۆپچىلىك كىشىلەرگە ئوخشاش ناشتىدىن كېيىن يەنە بىر ۋاخ تاماق يېمەكچى بولسا، بۇنىڭدىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆلچەمگە رىئايە قىلسا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ ياكى تۆت ۋاج تاماق يىمەكچى بولسىمۇ شۇنداق، چۈنكى كۈندە يەيدىغان تاماقنىڭ قانچە قېتىم بولىشى، كىشىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى، تاماقنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇنىڭغا بولغان تېرىشچانلىقنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ.
ئاساسى مەقسەت: بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش، بەك تويغۇزۇش بىلەن بولسۇن ياكى بەك ئاچ قويۇش بىلەن بولسۇن بەدەنگە زەرەر يەتكۈزمەسلىكتۇر.
يەنە بىر مەقسەت بولسا: تائەت-ئىبادەت ۋە تەقۋادارلىق ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش، بۇ بەك كۆپ يېيىش ياكى بەك ئاز يېيىش بىلەن ھاسىل بولمايدۇ بەلكى نورمال يېيىش بىلەن بولىدۇ.
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئال ئىمران سۈرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلا تُسْرِفُوا تەرجىمىسى: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار» دېگەن ئايىتىنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يىمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ بولمىغان ۋە پەخىر قىلىش بولمىغان ئەھۋالدا ھالال قىلدى، ئەمما ھاجەت بولغىنى: ئاچلىقنى كەتكۈزگىدەك ۋە ئۇسسۇزلۇقنى باسقۇدەك نەرسىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەقلى جەھەتتىنمۇ ۋە شەرئى تەرەپتىنمۇ مۇستەھەپ بولغىنى: ھاياتىنى ساقلاش ۋە سەزگۈ ئەزالىرىنى قوغداشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت مۇسۇلمانلارنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن يەنى ئىككى-ئۈچ كۈن ئىپتار قىلماي سوھۇرلۇقلا يەپ روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنداق قىلىش: بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، نەپسىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئىبادەتتىن ئاجىزلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ئۇنىڭدىن چەكلەيدۇ ۋە ئەقىل بۇنى رەت قىلىدۇ، ئۆز نەپسىنى ھاجەت مىقدارى بىر نەرسە يېيىشتىن چەكلەش ياخشىلىقنىڭ قاتارىدىن ياكى زاھىدلىقنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ. بەلكى نەپسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زەئىپلەشتۈرۈپ تائەت-ئىبادەتتىن بوشاشتۇرۇپ، كۆپ ساۋاپ ۋە كاتتا ئەجىرلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ.
تاماقنى ھاجەت مىقدارىدىن ئارتۇق يېيىش مەسىلىسىدە ئىككى تۈرلۈك قاراش بولۇپ، بىر قىسىم ئۆلىمالار ھارام دېگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار مەكرۇھ دېگەن.
ئىبنى ئەرەبىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرا قاراش، چۈنكى تويۇشنىڭ ئۆلچىمى شەھەرلەرنىڭ، ۋاقىتلارنىڭ، ياشلىرىنىڭ ۋە تاماقلارنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ.
تاماقنى ئاز يېيىشتە كۆپ مەنپەئەت بار دېيىلسە، ئۇنىڭدىن: ئاز تاماق يېگەن كىشىنىڭ تېنى ساق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى كۈچلۈك،چۈشىنىشى تىز، ئۇيقۇسى ئاز، نەپەسلىنىشى يەڭگىل بولىدۇ. كۆپ تاماق يېگەن كىشىنىڭ ئاشقازىنى ئېغىرلىشىدۇ، سېسىق كېكىرىدۇ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك كېسەللەر پەيدا بولىدۇ، ئاز يېگەن كىشىدىن بەكرەك داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزى دانىشمەن-ھۆكۈمالار مۇنداق دەيدۇ: "تاماقنى ئۆلچەملىك يېيىش ئەڭ چوڭ دورىدۇر". ["تەپسىر قۇرتۇبى" 7-توم 191-بەت].
"پىقھى توپلاملىرى" 25-توم 332-بەتتە: "يېيىشنىڭ ئەدەپلىرى" دەپ مۇنداق كەلگەن: "تاماقنى نورمال يېيىش، قورساقنى بەك تويغۇزىۋەتمەسلىك، ئەڭ كۆپ يېگەندە: قورسىقىنى ئۈچكە ئايرىش: ئۈچتىن بىرى تاماق ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئۇسۇزلۇق ۋە ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادى قورساقتىنمۇ يامانراق بىر قاچىنى تولدۇرمىدى، ئادەمگە سۈلبىنى تۇرغۇزغۇدەك لوقما كۇپايە قىلىدۇ، بەك زۆرۈر بولۇپ قالسا، قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرى يىمەك ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئېچىملىك ئۈچۈن ۋە قالغان ئۈچتىن بىرى نەپەس ئىلىشى ئۈچۈن بولسۇن».
تاماقنى نورمال يېگەن بەدەن يەڭگىل بولىدۇ، تاماقنى كۆپ يېگەن بەدەن ئېغىرلىشىدۇ، ئىبادەت ۋە خىزمەتكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ، ئۈچتىن بىرى تاماق ئۈچۈن دېگەنلىك شۇنچىلىك تاماق بىلەن تويىدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تويىشىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، بۇ ئاز يېسە ئاجىزلىشىپ قالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا، بەدىنىنى نورمال تۇتۇپ ئىبادەت ئۈچۈن جۇشقۇن بولىدىغان دەرىجىدە يېيىش ياخشى بولىدۇ.
"پەتىۋا ھىندىيە"دە يېيىشنى ئۈچ مەرتىۋېگە ئايرىغان:
پەرز: ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېيىشتۇر. ئەگەر ھالاك بولۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە يىمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلسا گۇناھكار بولىدۇ. ئەجىرگە ئېرىشىدىغان دەرىجىدىكى يىمەكلىك بولسا: نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆرە بولغۇدەك مىقداردا يېيىشتۇر، بۇنداق كىشىگە روزا تۇتۇش ئاسان بولىدۇ. دۇرۇس بولغان يېمەكلىك: بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تويغىدەك يېيىش، بۇنىڭدا ساۋاپمۇ بولمايدۇ ۋە گۇناھمۇ بولمايدۇ، ئەگەر ھالالدىن يېگەن بولسا ئاز ھېساپ بولىدۇ. ھارام بولغىنى: توق قورساقنىڭ ئۈستىگە يېيىش، لېكىن ئەتە روزا تۇتسام كۈچلۈك تۇرىمەن دەپ يېگەن بولسا ياكى مېھماندىن ھايا قىلىپ ئولتۇرۇپ توق قورساققا يېگەن بولسا، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ.
ئىبنى ھاج مۇنداق دەيدۇ: "يېيىشنىڭ ئۆزى بىر قانچە مەرتىۋېدە بولىدۇ: ۋاجىپ، سۈننەت، مۇباھ، مەكرۇھ ۋە ھارامدىن ئىبارەتتۇر.
ۋاجىپ: رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۇرالىغىدەك يېيىش دېمەكتۇر، چۈنكى ۋاجىپقا يەتكۈزىدىغان ئىشمۇ ۋاجىپ بولىدۇ.
سۈننەت: نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا، ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تائەت-ئىبادەتلەرگە ياردىمى بولىدىغان دەرىجىدە يېيىش سۈننەتتۇر.
مۇستەھەپ: شەرئى ئۆلچەم بويىنچە تويغىدەك يېيىش.
مەكرۇھ: قورسىقى توق بولسىمۇ زىيان قىلمايدىغان دەرىجىدە ئازراق يېيىش.
ھارام: قورسىقى توق بولسىمۇ بەدىنىگە زىيان قىلىدىغان دەرىجىدە كۆپ يېيىش.
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "قورسىقى توق تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالال بولغان ياماقنى يېيىش مەكرۇھ بولىدۇ.
ھەنبەلى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "زىيان قىلمايدىغان دەرىجىدە كۆپ يېيىش دۇرۇس بولىدۇ.
يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: سېسىق كېكىرىپ تۇرۇپ يېيىش مەكرۇھ بولىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ: سېسىق كېكىرىشكە ئىلىپ بارىدىغان دەرىجىدە بىر نەرسە يېيىشنى مەكرۇھ دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. يەنە ھارام دېگەنلىكىمۇ نەقىل قىلىنغان".
ئۈچىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە: ئىنسان بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم تاماق يېسە گۇناھ بولمايدۇ، بۇ ئىسراپ قىلغانلىق بولمايدۇ، بەلكى ئىسراپ قىلىش دېگەن: كۈندە بىر قېتىم يېسىمۇ توق قورساقنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېيىشتۇر.
تاماقنى تويۇش دەرىجىسىگىچە يېيىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە مەكرۇھ ۋە ھارام بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۈلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوش چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇنىڭدىن قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم، ئۆيدە يېگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ؟ دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن تاماقنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك بولۇپ بۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون كىشىگە ئۆيگە كېرىشكە ئىزنە بەرگىن دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار تويغىدەك يېدى ئاندىن چىقىپ كەتتى، ئاندىن يەنە ئون كىشىگە رۇخسەت بەرگىن دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ھەتتا ئۇلارمۇ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، جامائەتنىڭ ھەممىسى يېدى ۋە تويدى، ئۇلار تەخمىنەن سەكسەن ئەر كىشى ئېدى». [بۇخارى رىۋايىتى5381-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2040-ھەدىس].
ئىمام بۇخارى كىتابىدا بۇ ھەدىسكە: "تاماقنى تويغىدەك يېيىشنىڭ بابى" دەپ باپ كەلتۈردى. بۇ باپتا يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان: «بىز خورما بىلەن سۇغا تويغان ۋاختىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى» دېگەن ھەدىسنى كەلتۈرگەن.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى بەتتال مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس بەزى ۋاقىتتا بەك تويغۇدەك يىسىمۇ بەزى ۋاقىتتا نورمال يېيىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، لېكىن تويغىدەك يېيىش ئۆز دائىرىسىدە بولسا دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، ئىسراپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن مۇتلەق بولغىنى: رەببىگە ئىتائەت قىلىشقا ياردىمى بولغىدەك دەرىجىدە يېيىش، كۆپ يەپ ئۆزىگە ۋاجىپ بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالماسلىق.
ئىمام قۇرتۇبە "ئەلمۇپھىم"ناملىق كىتابىدا: ئەبۇلھەيسەم ئەنسارىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىككى ھەمراھىغا قوي ئۆلتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى ۋەقەسىنى سۆزلىگەندە: ئۇلار تويغىدەك يېدى، دېدى: بۇ تويغىدەك يېيىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، تويغىدەك يېيىشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى دەلىللەر بولسا: ئاشقازاننى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ساھىبىنى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان، چوڭچىلىق، ئاچكۆزلۈك، كۆپ ئۇخلاش ۋە ھورۇنلۇققا ئىلىپ بارىدىغان دەرىجىدە يېيىشكە قارىتىلىدۇ، كېلىپ چېقىدىغان ناچارلىققا كۆرە مەكرۇھلىقتىن ھاراملىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ". ["پەتھۇل بارى"].
تۆتىنچى: سىز بايان قىلغاندەك ناشتىلىقىڭىز، چۈشلۈك ۋە كەچلىك يىمەكلىرىڭىز ئىسراپ قاتارىدىن ھېساپلانمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.