0 / 0
05/رمضان/1446 , 05/مارت/2025

دۇئا ۋە زىكىرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاپ ئوقۇۋەتسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 145952

دۇئالارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاپ، ئۇنى تەسبىھ ۋە ھەمدىلەرگە ئۇلاشتۇرۇپ ئەرەبچە دۇئا قىلساق توغرا بولامدۇ؟، مەسىلەن: دۇئا: سۇبھانەللاھى، ۋەبى ھەمدىھى، ئەدەدە خەلقىھى، ۋە رىزائە نەپسىھى، ۋە زىنەتە ئەرشىھى، ۋە مىدادە كەلىماتىھى، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ: سۇبھانەللاھى، ۋەبى ھەمدىھى، سۇبھانەللاھىل ئەزىيم دەپ ئۇنىڭغا باشقا دۇئالارنى ئۇلاپ ئوقۇساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى رەببىنى دۇئا سۆزلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاپ زىكىر قىلسا بولىدۇ، بۇ بىرنەچچە ئىشلاردىن بولىدۇ: زىكىرنى دۇئا جۈملىسى بىلەن ئۇلاش، بۇ پەقەت شەرئى سۆزلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولىشى كېرەك. شەرئى زىكىرنىڭ سىرتىغا چېقىپ كەتمەسلىكى، مۇستەھەب ياكى سۈننەت  دائىرىسىدە بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار»[سۈرە ئەھزاب 41-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەت ئۇنداق قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، كۆپ زىكىر قىلىش بەزى ۋاقىتلاردا زىكىر قىلغۇچىدىن جۈملە ۋە سۆزلۈكلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
دۇئا ۋە زىكىرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۇلاپ ئوقۇۋەتسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ