0 / 0
4/شەئبان/1446 , 3/فېۋرال/2025

ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان ھالەتلەر قايسىلار؟

سوئال: 147381

مەن ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەلدىم، شام نامىزى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر مەسچىتكە بارسام، ئىمام شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇدى، مەن ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىللە ئوقۇشنىڭ سەۋەپلىرىنى ئاساسەن بىلسەممۇ، لېكىن تولۇق مۇكەممەل بىلىپ كېتەلمەيمەن، مەن بېرىپ ئىمامدىن بۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئىمام: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يامغۇردا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇغان، ھازىر سېرتتا قار بولغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ جۇغلاپ ئوقۇدۇق دېدى، قار بولسا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟، نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر قايسى؟، قېيىنچىلىق بولمىغان ھالەتتىمۇ نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. ئاللاھ تائالا ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سەھىھ ھەدىسلەردە يامغۇر سەۋەبىدىن شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇسا بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان. بۇ توغرىدا سەئىيد ئىبنى جۇبەر ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرۇپ قورقۇنچمۇ بولمىغان، يامغۇرمۇ بولمىغان بىر ھالەتتە پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان دېگەندە، مەن ئىبنى ئابباستىن: نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟ دەپ سورىسام، ئىبنى ئابباس: ئۇممىتىگە قىيىنچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن دېگەن دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 705-ھەدىس].

يامغۇرغا قىياس قىلغان ھالەتتە قار چۈشكەندىمۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.

“كەشاپۇل قىنا”دا مۇنداق كەلگەن: “قار ۋە مۆلدۈر ياغسا شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا بولىدۇ لېكىن پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە جۇغلاپ ئوقۇسا بولمايدۇ، چۈنكى قار بىلەن مۆلدۈرمۇ يامغۇرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، قاتتىق سوغۇق بولغاندا كۈچلۈك-تاقەت كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەرمۇ شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ”.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ قاتتىق سوغۇقتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: “قاتتىق سوغۇقتا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن كىشىلەرگە ئەزىيەت يېتىدىغان سوغۇق شامالنىڭ بىرگە بولىشى شەرت قىلىنىدۇ ياكى قار بىلەن بىرگە شىۋېرغان بولىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا قار چۈشكەندە كىشىلەرگە ئەزىيەت بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەنبەلى مەزھىبى بولسا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان ئۈزۈرلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەڭ كەڭرى بولغان مەزھەپتۇر، بىز بۇ پايدىلارنى تاماملاش ئۈچۈن بۇ ئۈزۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزگە بايان قىلىپ بېرىمىز.

بەھۇتى رەھىمەھۇللاھ “كەشاپۇك قىنا” 2- توم 5-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرىسىدىكى پەسىل: پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا ۋە شام بىلەن خۇپتەننى يەنە ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، جۇغلاپ ئوقۇيدىغان نامازلار پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت تۆت ناماز بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ۋاقىتىدا ئىككىسى جۇغلاپ ئوقۇلىدۇ. بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلسا ئالدىغا تارتىپ جۇغلاپ ئوقۇش، ئىككىنچىسىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلسا كېچىكتۈرۈپ جۇغلاپ ئوقۇش دېيىلىدۇ، بۇنداق قىلىش سەككىز تۈرلۈك ھالەتتە دۇرۇس بولىدۇ:

بىرىنچىسى: تۆت رەكەتلىك ناماز قەسىر ئوقۇلىدىغان مۇساپىدە سەپەر قىلغان بولىشى ۋە قىلغان سەپىرى ھارام ۋە مەكرۇھ ئىشلار ئۈچۈن بولماستىن بەلكى مۇباھ ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن بولىشى كېرەك.

ئىككىنچىسى: ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇمىسا، قىيىنچىلىق بولىدىغان ۋە ئاجىزلاپ قالىدىغان كېسەل بولىشى كېرەك. خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭمۇ ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرى. ئىمام ئەھمەد كېسەللىنىڭ جاپاسىنى سەپەرنىڭ جاپاسىدىنمۇ قىيىن دەپ بايان قىلغان، ئۇ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ھىجامە قىلدۇرۇپ، كەچلىك يېمەك يەپ ئاندىن شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان.

ئۈچىنچىسى: بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال بالىسىنىڭ تەرىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ھەر ناماز ۋاقتىدا پاكىزلىشى قىيىن بولسا كېسەلگە ئوخشاش ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. ئەبۇل مەئالىمۇ شۇنداق دېگەن.

تۆتىنچىسى: سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشتىن ياكى ھەر نامازغا ئايرىم تەيەممۇم قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىگە دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش مۇساپىرغا، كېسەلگە، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە ۋە ھەر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئېلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىلەرگە دۇرۇس بولىدۇ.

بەشىنچىسى: نامازنىڭ ۋاقتىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن، ئەما ۋە كۆزى ئاجىز كىشىلەرگە دۇرۇس بولىدۇ.

ئالتىنچىسى: خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال، سۈيدۈك توختىمايدىغان، مەزى ئېقىپ تۇرىدىغان، دائىم بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغىردا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ھىمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خۇن كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قىلالىسىڭىز: پېشىننى كېچىكتۈرۈپ، ئەسىرنى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ ياكى تاھارەت ئىلىپ ئىككىسىنى بىرگە ئوقۇڭ، ئاندىن شامنى كېچىكتۈرۈپ، خۇپتەننى ئىلگىرى سۈرۈپ يۇيۇنۇپ ياكى تاھارەت ئىلىپ ئىككىسىنى بىرگە ئوقۇڭ». [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە سەھىھ دېگەن].

دائىم سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان كېسەللەرمۇ بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاش.

يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچىسى: بەك قاتتىق ئىشلەۋاتقان ياكى ئۆزىدىن، ئائىلە-بالىلىرىدىن ياكى مال-دۇنياسىدىن ئەنسىرەيدىغان ياكى تۇرمۇشىغا كېلىدىغان زىيان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، جۈمە نامىزى بىلەن جامائەت نامىزىنى تەرك قىلسا دۇرۇس بولىدىغان ئۈزۈرسى بار كىشىگە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈزۈرلەر پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىسىنى ۋە شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس قىلىدۇ.

بۇ يەردە يەنە شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس قىلىدىغان خاس ئۈزۈرلەر بولۇپ، ئۇ ئالتە تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش: يامغۇردا كىيىمى، ئايىغى ياكى بەدىنى ھۆل بولۇپ قالىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قىيىنچىلىق بولىدىغان كىشىلەرگە دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا بۇخارىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يامغۇرلۇق كەچتە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق خەلىپىلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئەمما شەبنەم چۈشسە ياكى كىيىمى نەم بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ قىيىنچىلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزھەپكە كۆرە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ.

قار يېغىپ قاتتىق سوغۇق بولغاندا بۇ ئىككىسى يامغۇرنىڭ ھۆكمىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، تاقەت كەلتۈرەلەيدىغان كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈنمۇ قاتتىق سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى سوغۇقنىڭ قاتتىقلىقىدىن يول تىيىلغاق، كۈچلۈك سوغۇق ۋە شامال بولىدۇ.

مەيمۇنىينىڭ رىۋايىتىدە: ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: “ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سوغۇق بولغان كەچ ۋاقتىدا شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇيتتى”. مەزھەپتە، “مۇستەۋئەپ ۋە كاپى” قاتارلىق كىتاپلاردا قاراڭغۇ كېچىدە دەپ كەلگەن.

قازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سوغۇق ۋە ئۇنىڭغا پاتقاق بولغانلىقى ئۈچۈن جامائەتنى تەرك قىلىش بولۇپ قالسا، سوغۇقنىڭ قىيىنچىلىقى پاتقاقنىڭ قىيىنچىلىقىدەك قىيىن ئەمەس. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدە قورقۇنچمۇ بولمىغان ۋە يامغۇرمۇ بولمىغان ئەھۋالدا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇغان دېگەن دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنى پەقەت پاتقاق بولۇپ كەتكەن دېگەن سەۋەپكە قارىتىش مۇمكىن بولىدۇ.

قازى رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: “نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ سەۋەبىنى پاتقاققا قارىتىش سەۋەپسىز ئوقۇغان ياكى بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان دېيىشتىن ياخشىدۇر، چۈنكى بۇ بىر پايدىغا قارىتىلغان بولدى، مۇشۇنداق ئۈزۈرلەر بىلەن ئۆيىدە ناماز ئوقۇغان كىشىمۇ، مەسچىتگە بېرىش يوللىرى مۇستەھكەم بولسىمۇ ياكى ئۇ كىشى مەسچىتتە بولسىمۇ ياكى ئۆيى بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىلىقى بىر قانچە مېتىر كەلسىمۇ بۇنداق ھالەتتە ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇ مەسىلىدە رۇخسەت ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەرگە ئوخشاش قىيىنچىلىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھۆكۈم ئوخشاشتۇر. بۇ ھۆكۈم پەقەت شام بىلەن خۇپتەنگە خاس قىلىندى، رۇخسەتمۇ شۇ توغرىدا كەلگەن. شۇنىڭدەك بۇ ئىككى نامازنىڭ كەچ-قاراڭغۇدا ئادا قىلىنىدىغانلىقى ۋە باشقا نامازلارغا كۆرە قىيىنچىلىقىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۈر.

سەپەرنىڭ قېينچىلىقى بولسا، يولنى تىز مېڭىش ۋە ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتۇر، ئەمما بۇ يەردە ئۇنداق قىيىنچىلىق يوق”.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمەن رەھىمەھۇللاھ قىيىنچىلىق تىپىلسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈزۈرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرگەن.

شەيخ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ مەسىلىدىكى توغرا سۆز: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈزۈرلەر بولغانلىقى، يەنى قىيىنچىلىقتىن ئىبارەت سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. يەنى كېچىدە بولسۇن ياكى كۈندۈزدە بولسۇن قىيىنچىلىق تىپىلىدىكەن، ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ”. [“شەرھىل مۇمتى” 4-توم 393-بەت].

شەيخ رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: “كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان شېۋىرغانلىق سوغۇق قاتتىق بولغاندا، مۇسۇلمان كىشى پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدە يامغۇرمۇ بولمىغان ۋە قورقۇنچمۇ بولمىغان بىر ھالەتتە ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان دېگەندە، كىشىلەر ئىبنى ئابباستىن: نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟ دەپ سورىۋىدى، ئىبنى ئابباس: ئۈممىتىمگە قىيىنچىلىق بولمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغان» دېگەن.

ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت بولسا: مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىشتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولمايتتى، سوغۇقنىڭ قىيىنچىلىق بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا شېۋىرغانلىق شامال بولىشى كېرەك، ئەگەر كۈچلۈك شامال بىرگە بولمىسا ئىنسان قېلىن كېيىملەرنى كېيىش ئارقىلىق سوغۇقتىن ساقلىنالايدۇ، ئەزىيەتكە ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسى: قاتتىق سوغۇق بولسىلا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا: دۇرۇس بولمايدۇ لېكىن بۇنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ شەرتى: كىشىلەرگە ئەزىيەت بولىدىغان شېۋىرغان بىلەن قار چۈشكەن بولسا ياكى كۈچلۈك شامال بىلەن سوغۇق بولغان بولسا بۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما پەقەت سوغۇق بولسىلا ياكى قار ياغقان بولسىلا بۇ ۋاقىتتا ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇقنىڭ ئۆزىلا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈزۈر بولالمايدۇ. شەرئى ئۈزۈرسىز ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ جۇپلاپ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، يەنى ئادا بولغان ناماز ھېساپلانمايدۇ. (بەلكى ئۇ نامازنى قايتىدىن ئىئادە قىلىش كېرەك بولىدۇ). ئەگەر نامازنى جۇغلاپ كېچىكتۈرۈپ ئوقۇغان بولسا، بىرىنچى نامىزى ۋاقتىدا ئوقۇلغان بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ. بۇ مەسىلىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى خالىدىم، چۈنكى بەزى كىشىلەر ماڭا: ئىككى كۈن بۇرۇن كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان شامال يوق پەقەت سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ”. [“ئوچۇق سۆھبەت”(1/18)].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android