0 / 0

ئەر كىشى ئۆز ئۆيىگە كېرىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سورىشى كېرەكمۇ؟

سوئال: 147652

ئائىلە ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئۆيىگە ئىزنىسىز كىرىشى توغرا بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّى تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَى أَهْلِهَا ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشكە ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ( يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ ( يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر». [سۈرە نۇر 27 -ئايەت.]

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ئىزنە سوراشقا بۇيرىدى، ئىزنە سوراش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىستە، كېرىشتىن ئىلگىرى ئىزنە سوراپ سالام بېرىشكە بۇيرۇلدى:  رىبئى ئىبنى خەرراش مۇنداق دەيدۇ:  بەنى ئامىردىن بولغان بىر كىشى بىزگە ھەدىس سۆزلەپ، بىركىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىشكە ئىزنە سوراپ:  كىرەيمۇ؟ دېگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچى بالىنى بۇيرۇپ:  بۇنىڭ يېنىغا چىقىپ ئىزنە سوراشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەلىم بەرگىن، ئۇنىڭغا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىرسەم بولامدۇ؟ دېسۇن دېگىن، دېدى، سىرتتىكى كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىرسەم بولامدۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ كىرىشىگە ئىزنە بەردى شۇنىڭ بىلەن كىردى. [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5177 -ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن. ]

ئەزىيم ئابادى “ئەۋنۇل مەبەدتا” مۇنداق دەيدۇ:  بۇ ھەدىستە:  سۈننەت بويۇنچە سالام بىلەن ئىزنە سوراشنى بىرگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سالامنىڭ دەسلەپتە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ”.

ئىككىنچى:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئىزنىسىز كىرسىمۇ بولىدۇ.

ئىبنى جىززىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئايەت باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئىزنە سوراشقا بۇيرۇيدۇ، ئىزنە سوراش ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ”.  [“ئەتتەسھىيل” 1230 -بەت.]

ئۆز ئۆيىگە ئىزنىسىز كېرىشنىڭ مۇتلەق دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئەگەر ئۆيدە ئايالىدىن ياكى قۇلدىن باشقا كىشى بولمىغاندا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئەرنىڭ ئايالىغا ياكى خوجايىننىڭ قولىنىڭ ھەممە يېرىگە ھەتتا يالىڭاچ يېرىگىمۇ قارىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئىزنە سوراش دېگەن قاراش توغرا بولمايدىغان باشقا جايلارغا قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.

سەھەل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىزنە سوراش دېگەن چەكلەنگەن ئورۇنلارغا قاراپ سالماسلىق ئۈچۈندۇر». [بۇخارى رىۋايىتى6241 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2156 -ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىس ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە رۇخسەت سوراش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىللەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىرسە بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ، ئەگەر يېڭىدىن رۇخسەت سوراشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلار يۈز بەرسە بۇ ھۆكۈم يېڭىلىنىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى: ئەر كىشى ئايالىنىڭ يېنىغا كىرىشتىمۇ ئىزنە سورىشى ئۇلار ئارىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى تۇرمۇشنىڭ تامامىدۇر، بۇ ھالەتتە ئەر ئايالىنى ناچار ھالەتتە ياكى ئىش كىيىمى بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كۆرۈشكە مۇناسىپ بولمايدىغان ھالەتلەردە كۆرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن سەلەپ ئالىملىرى ئەرلەرنىڭ ئۆز ئۆيىگىمۇ ئىزنە سوراپ كىرىشىنى ياخشى دەپ قارىغان.

ئىبنى جۇرەيج مۇنداق دەيدۇ:  مەن ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھقا: ئەر ئايالىنىڭ يېنىغىمۇ ئىزنە سوراپ كىرەمدۇ؟ دېسەم، ئۇ:  ياق دېدى.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنداق قىلىش ۋاجىپ بولمىسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئەر ئۆزىنىڭ ئۆيگە كىرىدىغانلىقىنى ئايالىغا بىلدۈرۈپ قويسا ياخشى بولىدۇ، تۇيۇقسىزلىق بولمايدۇ ۋە ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھالەتتە بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى زەينەپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئابدۇللاھ بىرەر ئىش بىلەن ئۆيگە قايتقان ۋاقتىدا بىزنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر ھالەتتە كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېشىكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە گېلىنى قىرىپ ھۆتۈلۈپ قوياتتى.  [بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەر ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن ئېشىكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھۆتۈلۈپ  ياكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىتىپ   قويۇش ياخشى بولىدۇ”.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى سىرتتىن كەلگەندە كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆيىگە كىرىپ ئۆيدىكىلەرنى چۆچۈتۈۋېتىشتىن چەكلىگەن».  [“تەپسىر ئىبنى كەسىر”  6 -توم- 39 40 -بەتلەر].

تۆتىنچى:  ئەگەر ئائىلىدە ئايالىدىن باشقا ئانىسى، ھەمشىرىسى ياكى قىزى دېگەندەك باشقا مەھرەملىرى بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئىزنە سورىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىستىن ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەتتا مەھرەم بولغان تەقدىردىمۇ ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆيدىلەرنىڭ بەزى ئوچۇق جايلىرىنى كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىزنە سوراشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ناپى مۇنداق دەيدۇ:  ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ئەۋلادلىرى بالاغەتكە يەتسە بالىلار ئۇنىڭ قېشىغا ئىزنە سوراپ كىرەتتى. [ئىمام بۇخارى”ئەدەبۇل مۇپرەد”تە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى 812 -ھەدىستە سەھىھ دېگەن.]

ئەلقەمە بايان قىلغان ئەسەردە، بىر ئادەم ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئانامنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈن ئىزنە سورايمەنمۇ؟دېگەن ئېدى، ئىبنى مەسئۇد ئۇ كىشىگە: ” ئاناڭنى ھەرقانداق ھالەتتە كۆرۈشنى خالامسەن؟دېدى”. [شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ 813 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مۇسلىم ئىبنى نۇزەيردىن بايان قىلىنغان ئەسەردە:  بىر كىشى ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئانامنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈنمۇ ئىزنە سورايمەنمۇ؟ دېگەندە، ھۇزەيپە :  ئەگەر ئىزنە سورىمىساڭ ئاناڭنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھالەتتە كۆرۈپ قالىسەن دېدى. [ئەلبانى ئىسنادىنى ھەسەن دەپ 814 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مۇسا ئىبنى تەلھە مۇنداق دەيدۇ:  مەن ئاتام بىلەن ئانامنىڭ يېنىغا كىرمەكچى بولدۇم، ئاتام ئۆيگە كىرگەن ئېدى، مەنمۇ ئەگىشىپ كىرەي دېسەم، ئاتام مەيدەمدىن ئىتتىرىپ تۇرۇپ:  ئىزنىسىز كىرەمسەن؟ دېدى.

ئەتە ئىبنى ئەبى رەباھتىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ھەمشىرەمنىڭ يېنىغا كىرىشكە ئىزنە سورايمەنمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە دېدى، مەن:  ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمدە دېسەم، سەن ھەمشىرەڭنى كىيىمسىز ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرامسەن؟دېدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسنادى سەھىھ. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ 815 -كەلتۈرگەن.

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، چەتنەپ كېتىش توغرا بولمايدىغان ئوچۇق قائىدە: ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئانىسى، ھەمشىرىسى، بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈن ئىزنە سورىشى لازىم، ئەگەر ئىزنە سورىماي كىرسە، ئۇلاردىن بىرىنىڭ كۆرۈشكە مۇناسىپ بولمايدىغان ئورۇنلىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ”.

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى ھاپىز ئىبنى ھەجەردىن نەقىل قىلىپ ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: “ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان بۇ ئەسەرلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈن ئىزنە سوراشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ،: «ئىزنە سوراش كۆزنىڭ سەۋەبىدىن يولغا قويۇلدى» دېگەن ھەدىستىن: يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈش توغرا بولمايدىغان جايلىرىنى كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر. ئاندىن ئىبنى كەسىردىنمۇ بۇنى كۇچلاندۇرىدىغان دەلىلنى نەقىل قىلدى”.  [“ئەزۋائۇل بايان”  5 -توم- 500 502 -بەتلەر].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android