جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن، دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاختا تۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە ئىدىم. لېكىن مېنىڭ سوئالىم: جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى كاپىر دوستلىرى بىلەن سۆزلىشىشى مۇمكىن بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاختىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەمدۇ؟
سوئال: 148143
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
جەننەتئەھلى بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، دوزاخئەھلىمۇ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ، شۇنداقلاجەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپدوزاخ ئەھلى بىلەن، دوزاخ ئەھلى دوزاختا تۇرۇپجەننەت ئەھلى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بۇئارقىلىق جەننەت ئەھلىنىڭ ئاللاھ ئۆزلىرىنىدوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ، جەننەتكە كېرگۈزگەنلىكىدىنئىبارەت كاتتا نېمىتىگە بولغان خۇرسەنلىكىزىيادە بولسا، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاللاھنىڭپەزلى-رەھمىتىنى يوقىتىپ، ئازابقا دۇچار بولۇپ، دوزاخقامەھكۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەت-نادامىتىتىخىمۇ زىيادە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَنَادَىٰٓ أَصحَٰبُ ٱلجَنَّةِأَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ أَنقَدۡ وَجَدۡنَامَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقّا فَهَلۡوَجَدتُّم مَّا وَعَدَ رَبُّكُمۡحَقّاۖ قَالُواْ نَعَمۡۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنُۢ بَينَهُمۡ أَن لَّعنَةُ ٱللَّهِعَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
تەرجىمىسى:جەننەت ئەھلى جەھەننەم ئەھلىگە:بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغاننەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇپەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغاننەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟ دەپتوۋلايدۇ. ئۇلار: ھەئە- دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا(مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتىبولسۇن سۈرە ئەئراپ 44-ئايەت].
يەنەبىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَنَادَىٰٓ أَصحَٰبُ ٱلنَّارِأَصحَٰبَ ٱلجَنَّةِ أَنۡأَفِيضُواْ عَلَينَا مِنَ ٱلمَآءِأَوۡ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُۚ قَالُوٓاْإِنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى ٱلكَٰفِرِينَ
تەرجىمىسى:«ئەھلىدوزاخ ئەھلى جەننەتكە: سۇدىن ياكى ئاللاھسىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىنبىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! دەپتوۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا(جاۋابەن): ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان،دەيدۇ. سۈرە ئەئراپ50-ئايەت].
ئىبنى ئابباسرەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جەھەننەم ئەھلىدىن بولغان بىركىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولغان قېرىندىشى ياكى دادىسىنىچاقىرىپ، مەن ئوتتا كۆيۈپ پۇچۇلىنىپ كەتتىم،مېنىڭ ئۈستۈمگە ئازراق سۇقۇيۇۋەتسەڭ دەيدۇ.ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىڭلار دېيىلىدۇ-دە، ئۇنىڭغا جاۋابەن: “ئاللاھ تائالاجەننەت ۋە ئۇنىڭدىكىنېمەتلەرنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان”، دەيدۇ.
سەئىدئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “دوزاخ ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىئۆزىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولغان قېرىندىشىنىچاقىرىپ: ئى قېرىندىشىم! ئوتتا كۆيۈپ پۇچۇلىنىپ كەتتىم،ماڭا ياردەم قىلساڭ دەيدۇ. ئۇ كىشىئۇنىڭغا: “ئاللاھ تائالا جەننەت ۋەئۇنىڭدىكى نېمەتلەرنى كاپىرلارغا ھارامقىلغان”، دەيدۇ. [تەپسىر تەبەري 12- توم 473-474- بەتلەرگە قارالسۇن].
ئىمامقۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: ئەئراپ ئەھلى (يەنى ياخشىلىقى بىلەنگۇناھلىرى باراۋەر كېلىپ قالغان كىشىلەر، جەننەت بىلەن دوزاخ كۆرۈنۈپتۇرىدىغان ئېگىز بىر جايدا، ئاللاھ خالىغانغا قەدەرتۇرغۇزىلىدۇ) جەننەتكەكېرگۈزۈلگەندە، دوزاختىكىلەرمۇبۇنى تاما قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىپەرۋەردىگارىمىز! جەننەتتە بىزنىڭيېقىنلىرىمىز بار ئېدى، رۇخسەت قىلغان بولسىلابىزمۇ ئۇلارنى كۆرسەك ۋە ئۇلاربىلەن مۇڭدىشىۋالغان بولساق دەيدۇ.ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرى ۋە پۈتۈنبەدەنلىرى ئوتتا كۆيۈپ قارىداپكەتكەچكە جەننەتتىكى يېقىنلىرى ئۇلارنىتونۇمايدۇ. ئەھلى دوزاخ جەننەتئەھلىگە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەنئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپبەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلىجەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنىكاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ. [جامىئى ئەھكامۇلقۇرئان 7- توم 215- بەت]
ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:
فَأَقۡبَلَ بَعضُهُمۡ عَلَىٰ بَعضٖ يَتَسَآءَلُونَ ٥٠ قَالَ قَآئِلٞ مِّنهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ ٥١ يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَٱلمُصَدِّقِينَ ٥٢ أَءِذَا مِتنَا وَكُنَّا تُرَابا وَعِظَٰمًاأَءِنَّا لَمَدِينُونَ ٥٣ قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ ٥٤فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِي سَوَآءِ ٱلجَحِيمِ ٥٥ قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّلَتُرۡدِينِ ٥٦ وَلَوۡلا نِعمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ ٱلمُحضَرِينَ٥٧ أَفَمَا نَحنُ بِمَيِّتِينَ ٥٨ إِلا مَوۡتَتَنَا ٱلأُولَىٰ وَمَا نَحنُبِمُعَذَّبِينَ ٥٩ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلفَوۡزُ ٱلعَظِيمُ ٦٠ لِمِثلِهَٰذَا فَليَعمَلِ ٱلعَٰمِلُونَ
تەرجىمىسى:« ئۇلار (يەنى ئەھلىجەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭسېلىشىدۇ، ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ:مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا)’سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىيئىشىنەمسەن؟، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋەقۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىزچوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟،دەيتتى. ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): سىلەرئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟دەيدۇ. ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى)دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ. ئۇ (يەنىمۆمىن) ئېيتىدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاسقېلىپتىكەنسەن. ئەگەرپەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدامۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتىبولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەنبىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم. تۇنجىئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچاربولمامدۇق؟. بۇ (يەنى ئەھلى جەننەتئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زوربەختتۇر. ئەمەل قىلغۇچىلار مۇشۇنداقزور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن.[سۈرە ساپپات 50- ئايەتتىن 61- ئايەتكىچە].
شەئبىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپدوزاختىكى كىشىلەرگە قارايدۇ-دە، ئۇلارغا: بىزسىلەر ئۆگەتكەن بويۇنچە ئەمەلقىلغان ئىدۇق؟، سىلەرگە نېمە بولدى، دوزاخقاچۈشۈپسىلەر؟، دەيدۇ. ئۇلار: بىزسىلەرگە ئۆگەتكەن بىلەن ئۆزىمىزئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايتتۇق دەيدۇ.[ئىمام ئەھمەد “ئەززۇھدى” ناملىقئەسەرنىڭ369- بېتىدە،ئىبنى مۇبارەك “ئەززۇھدى” ناملىق ئەسەرنىڭ64-بېتىدە، ئەبۇ نەئىم “ئەلھىليە”ناملىق ئەسەرنىڭ 4- توم 312- بېتىدە سەھىھدەپ بايان قىلىدۇ].
مانا بۇئاللاھ تائالانىڭ جەننەت ئەھلىگە قىلغان كاتتانېمەتلىرىدۇر، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭئۆزلىرىگە قىلغان پەزلى، رەھمىتى،ئىززەت-ھۆرمىتىنى، جەننەتكە كېرىششەرىپى بىلەن تۈرلۈك نېمەتلەرگەئېرىشكەنلىكىنى، دوزاختىن ۋە ئۇنىڭتۈرلۈك دەرتلىك ئازابلىرىدىن قۇتۇلغانلىقىنىبىلىدۇ.
كاپىرلارنىڭدەرتلىك ئازابتا بولۇشى، جەننەت ئەھلىنىتۈرلۈك نېمەتلەر بىلەنراھەتلەنگەن ھالەتتە كۆرۈشى،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىدەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەتنى زىيادەقىلىدۇ. بۇ كاپىرلارغا قىلىنىدىغان ئازابلارنىڭجۇملىسىدىندۇر.
ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:
وَقَالُواْ ٱلحَمدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيصَدَقَنَا وَعدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلجَنَّةِ حَيثُ نَشَآءُۖ فَنِعمَ أَجرُ ٱلعَٰمِلِينَ
تەرجىمىسى:جەننەت ئەھلى(جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ:جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغانۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭزېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتەئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى! [سۈرە زۇمەر 74-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ:
وَأَقبَلَ بَعضُهُمۡ عَلَىٰ بَعض يَتَسَآءَلُونَ ٢٥ قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبلُ فِيٓ أَهلِنَا مُشفِقِينَ ٢٦ فَمَنَّٱللَّهُ عَلَينَا وَوَقَانَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ
تەرجىمىسى:ئۇلار(يەنى ئەھلى جەننەت) بىر – بىرىگە قارىشىپپاراڭ سېلىشىدۇ. ئۇلار ئېيتىدۇ: بىزھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن)قورقاتتۇق. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى،بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى [سۈرە تۇر25-26-27- ئايەتلەر].
دوزاخئەھلىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا بايانقىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
فَقَالُواْ يَٰلَتَنَا نُرَدُّ وَلانُكَذِّبَ بَِٔايَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَٱلمُؤۡمِنِينَ
تەرجىمىسى:«ئۇلار: كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساقئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنىئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇقدەيدۇ.[سۈرەئەنئام 27-ئايەت].
ئىمامتەبەرىي ئىبنى ئابباسرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغانتەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:ئەھلىجەننەت، ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىزبىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق،سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلارۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەقتاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار:‹‹ھەئە››، خارلىق، پەسلىك ۋە دەرتلىك ئازابقادۇچار بولدۇق دەيدۇ. جەننەت ئەھلى: بىزجەننەتتە تۈرلۈك نېمەت،ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش بىلەنپەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنىھەق تاپتۇق دەيدۇ.[تەپسىرىي تەبەرىي 12- توم 446-بەت].
ئىبنىئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداقدەيدۇ: جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخئەھلى ئارىسىدا سىپىل بولۇپ، جەننەت ئەھلى ئۈچۈنئىشىكلەر ئىچىلىدۇ، ئۇلار كارۋاتلىرىدا ئارام ئالغانھالەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ قانداق ئازابلىنىۋاتقانلىقىغاقارايدۇ ۋە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈشۈپكېتىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇرسەن بولىشى ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، كاپىرلاردىن ئىنتىقامئالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتۇر.[تەپسىرىي تەبەرىي 24-توم 304- بەت].
شۇنىبىلىۋېلىش كېرەككى! جەننەت ئەھلىئۆزىنىڭ دۇنيادىكى يېقىنلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ دوزاختا ئازابلىنىۋاتقانلىقىنىكۆرگەندە ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ بىئارامبولمايدۇ. قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىبارلىق ئالاقە ئۈزۈلىدۇ، پەقەتتەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەربىلەن بولغان دوستلۇق قالىدۇ. (يەنى بۇيەردە دۇنيالىقنى كۆزلىمەستىن، ئاللاھ رازىلىقىئۈچۈن بولغان ئالاقە كۆزدەتۇتۇلىدۇ- مۇھەررىر). بۇ ھەقتەئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ٱلأَخِلآءُ يَوۡمَئِذِۢ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلا ٱلمُتَّقِينَ
تەرجىمىسى:بۇ كۈندە دوستلار بىر ـبىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىقئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداقئەمەستۇر).[سۈرە زۇخرۇپ 67- ئايەت].
ئاللاھھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:نىزامىددىن تەمكىنى
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى