نېمە ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشى زۆرۈر بولىدۇ؟. مەن، بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنغا بولغان مەزكۇر مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈشنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ زىيادە قىلالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇسۇلمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان مۇھەببىتىنى قانداق زىيادە قىلىدۇ؟
سوئال: 148982
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى:
ھەقىقەتەنيۇقىرىدا سورالغان سۇئال بىرئاز غەيرىدەكتۇيۇلىدۇ،ئەمما بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشىكۆرۈشىمىز ياكىئۆز نەپسىمىزنى ئاللاھدىنبەكراق ياخشى كۆرىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئىشئەمەس. بەلكى ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولسا،ئىنسان ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسىنىڭبارلىقىغا ئىشىنىشى، ئاندىن ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكى،شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىئۆزىنىڭ جىنى، ئاتا-ئانىسى،بالا-چاقىلىرىۋە بارلىق ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئورۇنغاقويالماسلىقىدۇر.
گۈزەللىككەئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق گۈزەللىكنى مەزكۇرگۈزەللىك سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ.ئاللاھتائالا ھەممىدىن گۈزەلدۈر، ئاللاھنىڭگۈزەللىكى ئۆزىنىڭ ئالى ماقامى ۋەيۈكسەك ئورنى ۋە ئۇنىڭ زاتىغا لايىقدۇر.
يۈكسەكلىككەئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق يۈكسەكلىكنىمەزكۇر يۈكسەكلىكسەۋەبىدىنياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كاتتىدۇرۋە يۈكسەكتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىنئۇلۇغدۇر ۋە قۇدرەتلىكتۇر.
كامالەتكەئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق كامالەتنى مەزكۇركامالەت سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھتائالا تەڭداشسىز كامالەت، ئالى قۇدرەتۋە يۈكسەكماقام ئىگىسىدۇر.
ئېھسان ۋە پەزىلەتكەئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق ياخشىلىقنى مەزكۇرئېھسان ۋە پەزىلەتگە بېرىلىدىغانمۇكاپات ۋە چەكسىز نېمەتلەرسەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭمەخلۇقلارغا ئاتا قىلغان مەرھىمىتى ۋە ئېھسان-پەزىلىتى ساناپتۈگەتكۈسىزچەكسىزدۇر. مۇشۇنداق ئالى ماقام، كاتتاشان-شەرەپ ئىگىسى بولغان، بۈيۈك ئاللاھ قانداقمۇياخشى كۆرەلمىسۇن؟!.
ئىبنىقەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: «ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭمەنپەئەتلىك، زۆرۈر، يۈكسەكۋە ئالى ماقامى بولسا؛ قەلىبلەر ئۇنى ياخشىكۆرۈشكە مايىل بولغان، پىترەت-تەبىئەتئۇنىڭغا بويسۇنغان،ئۇنىڭ سەۋەبىبىلەن ئاسمان-زېمىن تۇرغۇزۇلغان، بارلىقمەخلۇقاتلارنىڭ تەبىئىتى ئۇنىڭمۇھەببىتىگە مايىل بولغانلىقىدۇر. مانا بۇ، “بىر ئاللاھتىن باشقاھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق” دەپ،گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سىرىدۇر.
ھەقىقەتەنئاللاھ تائالا قەلبلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەتئۈستىگە بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە،ئۆزىگە بويسۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقايىتەكلىگىچىدۇر. ئىبادەتكەيەككە-يىگانەئاللاھتىن باشقاھېچكىم لايىق بولالمايدۇ.ئىبادەت ئۇقۇمى؛ ئاللاھ تائالانى كامىل ياخشى كۆرۈشۋە تولۇق ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىبادەتتەئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك كەلتۈرۈش بولسا، ئاللاھتائالا كەچۈرۈم قىلمايدىغان ئەڭ چوڭزۇلۇمدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممەتەرەپتىن ياخشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىنباشقا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە دالالەتقىلىدىغان ياخشى كۆرۈشلەر، ئىنساننىڭ ئۆزرەببىنى ياخشى كۆرۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ساماۋىكىتابلاردا ۋەبارلىق پەيغەمبەرلەرئۆزئۈممەتلىرىنىئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە چاقىردى. ئاللاھتائالانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقان تەبىئىتى پىترىتى،ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان چەكسىزنېمەتلىرى، قەلبنىڭ نېمەت ئاتا قىلغۇچىۋە ئېھسان قىلغۇچىنى ياخشى كۆرۈشىقاتارلىقلار،ئىنساننىڭئۆز ياراتقۇچىسىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭزۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
بارلىق جانلىقلارغاخەيرى-ئېھسان قېلىپ، تۈگىمەس نېمەتئاتا قىلىۋاتقان، ھېچقانداق شېرىكى يوق،يەككە-يىگانە ئاللاھ ياخشى كۆرۈلۈشكەئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر. بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَمَابِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللَّـهِثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَتەرجىمىسى: سىلەربەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىقيەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئاقىلىسىلەر. [سۈرە نەھل 53-ئايەت].
ئىنسان،ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم، ئالى سۈپەتلىرىۋە ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان چوڭقۇرمەنالار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندا، ئاللاھ تائالانىڭچەكسىز كامالى قۇدرىتىنى،زاتىنىڭ بۈيۈك ۋەئۈلۈغ ئىكەنلىكىنىبىلىپ يېتەلەيدۇ.
مۇتلەقكامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئېھسانى ۋە چەكسىزنېمىتىدىن ئىبارەت،ئىككى تۈرلۈك نەرسە،بەندىنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىدەتۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا چەكسىزگۈزەلدۇر ۋە گۈزەللىكنى ياخشىكۆرىدۇ. بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغانبارلىقئېھسان ۋە ئىنئاملار، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىنبولغانلىقىئۈچۈن،ئۇئاللاھھەممىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈشكەھەقلىقتۇر.
سۆيگۈ-مۇھەببەتتەئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلغانلارنىڭ مەزكۇرقىلمىشى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاقۇرئان كەرىمدە:ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭغەيرىنىخۇددى مۆمىنلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەكياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:وَمِنَ النَّاسِ مَنيَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِوَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِتەرجىمىسى:بەزىئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنىبۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى(مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوستتۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋەئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنىھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر. [سۈرەبەقەرە 165-ئايەت].
مۇشرىكلارنىڭئاللاھ بىلەن، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشىكۆرۈشتە باراۋەر قىلغانلارنىڭ، دوزاختائۆز مەبۇدلىرىغا تاپا-تەنە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدائاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تَاللَّـهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ، إِذْ نُسَوِّيكُمبِرَبِّ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى:ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ:ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتائىدۇق.ئۆزۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە)ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاشئورۇندا قوياتتۇق. [سۈرە شۇئەرا96-97-ئايەت].
ئاللاھتائالا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى،ئۆزىنىڭسۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ تەۋھىدتىنئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈنئەۋەتت ۋە ساماۋى كىتابلارنى نازىل قىلدى،پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلىدىنئاخىرىقىسىغا قەدەر بارلىقپەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىمەزكۇر مېتۇدنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭئۈچۈن ئاسمان-زېمىن، جەننەت-دوزاخ يارىتىلدى.جەننەت پەقەت ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلەرۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلار ئۈچۈن تەييارقىلىندى. دوزاخپەقەتئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەنۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار ئۈچۈنتەييار قىلىندى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامقەسەم قىلىپ تۇرۇپ:سىلەرنىڭبىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ جېنىدىن، بالىسىدىن،ئاتا-ئانىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلەردىن ئارتۇق ياخشىكۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايدۇ دېگەن،ئىكەنۇ-، ئۇنداقتابەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشىكۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭنەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنىتەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟!…
ئەگەرپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، جېنىمىزۋە مىلىمىزدىن،بارلىق نەرسىلىرىمىزدىنئارتۇقراقياخشىكۆرۈشكە ھەقلىق بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئاللاھتائالانى ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرۈشۋە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟!.
ئاللاھتائالانىڭ بەندىنى باي ياكى كەمبەغەل قىلىشى،ساغلامياكىكېسەل قىلىشى، رىزقىنى كەڭرى ياكى تار قېلىشى،ئۇنىڭئادالەت ۋە پەزىلىتى، ھايات ۋە ماماتلىق ئاتاقېلىشى، مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىقى،ياخشىلىقۋە رەھمىتى، خەيرى-ئېھسانى، ئۇنىڭئەيبىنى يېپىشى ۋەئەپۇ قىلىشى، بەندىنىڭقىلمىشلىرىغا سەۋىر قىلىشى، ئۇنىڭ دۇئالىرىنىئىجابەت قېلىشى، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپبېرىشى، ئىنسانغا ھېچبىر ھاجىتى يوق تۇرۇغلۇقئۇنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىنقۇتۇلدۇرۇشى بەلكى ھەممىدىن بىھاجەتتۇرۇپ، ئۇنىڭغا چەكسىزنېمەتلەرنى ئاتا قېلىشى بولسا، ئىنساننىڭ ئاللاھنىياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغائىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززاقىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئاسىيلىققېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى، ئۇنى گۇناھنىتاماملاپ بولغىچە ئاشكارا قىلماستىن بەلكى ئۇنى مۇھاپىزەتقىلىشى، تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشقاپۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدەك ھەر-تۈرلۈكنېمەتلەر بىلەن، ئۇنىڭغا ئىنئامقىلىشىقاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى،بەندىنىڭ ئاللاھنى ياخشىكۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەڭچوڭ ئامىللاردىندۇر.
ئەگەرمەخلۇقلاردىنبىرى يەنە بىرىگە ئازراق يامانلىق قىلسا، ئۇلارنىڭقەلبىدە بىر-بىرىگە بولغان ياخشىكۆرۈشكۆتۈرىلىدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانئۆزىگە داۋاملىق چەكسىز نېمەتلەرنىئاتا قىلغۇچى، ئاسىيلىق قىلسىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغۇچى،يامانلىقنى ئەپۇ قىلغۇچى، ھەممىدىن بىھاجەتتۇرۇپبەندىنىڭ ئۆزىنى ياخشىكۆرۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغانېمەتلەرنى ئۈزمەي ئاتا قىلغۇچى ئاللاھنىقانداقمۇ پۈتۈن جىسمى ۋە قەلبى بىلەنياخشى كۆرمىسۇن!؟ ئەلۋەتتە ياخشىكۆرىدۇ.بەندە ئاللاھنىڭنېمىتىگە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىققىلسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى، ئاللاھنىئۇلارغا ئېھسان قىلىش ۋەنېمەتئاتا قىلىشتىن توسۇپ قويمايدۇ.
سىز ياخشىكۆرگەن ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىنسانلار سىزنىمەلۇم غەرەز-مەقسەت بىلەن ياكىئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئاللاھتائالاغا بولغان مۇھەببەت پەقەت سىزنىڭمەنپەئەتىڭىز ئۈچۈندۇر. ئىلاھىئەسەردە:بەندەم! ھەممىسىسىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشىكۆرىدۇ، ئەمما مەن سېنى سەنئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ.ئاللاھبەندىلىرىگە شۇنداق مېھرىبانلىق قىلىۋاتسا، بەندە ھېچ ھايا قىلماستىن،ئاللاھدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشىكۆرۈپ، قەلبى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىبىلەن مەشغۇل بولسۇن؟.
كۆپىنچەھالەتتە ئۆز-ئارامۇئامىلە قىلىشىۋاتقانئىنسانلار بىر-بىرىدىن مەلۇم پايدامەنپەئەتكە ئېرىشەلمىسە، ئارىسىدىكىمۇئامىلىنى ئۈزىدۇ ياكى سۇسلاشتۇرىدۇ.ئەمما ئاللاھ تائالا پەقەت سىزنىڭپايدا-مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنمۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ نېمە دېگەنچوڭ پايدا! بىر كوي ئون كويدىنيەتتە يۈز كويغىچە ھەتتائۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە زىيادەبولىدۇ، بىر يامانلىق ئۆز باراۋېرىدە بولۇپ،بەندە تەۋبە ياكى ياخشى ئەمەل قىلىشىبىلەن تىزلا ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئاللاھتائالا سىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قېلىش ئۈچۈنياراتتى. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ھەممە نەرسىنىسىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ياراتتى، شۇنداقبولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانى پۈتۈن تېرىشچانلىقىمىزبىلەن رازى قېلىشقا ۋە پۈتۈنۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشىكۆرۈش-مۇھەببەت قېلىشقا ئەڭھەقلىقئەمەسمۇ؟.
پۈتۈنمەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنىتەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بەك سېخىۋە بەك مەردتۇر. ئاللاھ بەندە بىرنەرسە سوراشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئارزۇ قىلغىنىدىنمۇكۆپرەك نەرسە ئاتا قىلىدۇ. بەندىنىڭئازغىنە ياخشى ئەمىلىئۈچۈن، ئۇنىڭغارەھمىتىنى زىيادە قىلغۇچىدۇر. كۆپلىگەنخاتالىقۋە كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: يَسْأَلُهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلَّ يَوْمٍ هُوَفِي شَأْنٍ تەرجىمىسى:ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق)تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقامۇھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇريەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ،ئەھۋاللارنىيېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيداقىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىمەخلۇقاتلىرىنىڭ ھاجەتلىرى ئالدىرىتىپ قويالمايدۇ،ئۇلارنىڭ سورىغان ھاجەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن،ئۇنىئاللاھئارىلاشتۇرۇپقويمايدۇ، بەندىنىڭ تىلەكلىرىنىتوختىماي سوراشلىرىئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ قويمايدۇ، بەلكى دائىمدۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن توختاۋسىز ھاجىتىنى سوراپتۇرغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھاجىتىنىسورىمىغانلارغا غەزەپلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىدىنھايا قىلىدۇ، ئەمما بەندە ئاللاھ تائالادىن ھاياقىلمايدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلىدۇ،ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. ئىنساننىڭئۆزىگە ئىچى ئاغرىمايدۇ، ئاللاھ ئىچ ئاغرىتىپئۇنىڭغارەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ چەكسىزنېمەتلىرى ۋە خەيرى-ئېھسانلىرى بىلەن،بەندىسىگە ئىكرام قېلىپئۆز رازىلىقىغاچاقىرىدۇ. بەندەبۇنىڭدىن باش تارتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بەندىنىڭرەببىنى تونىشى ئۈچۈنپەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى،كىتابلارنى نازىل قىلدى.ئاللاھ تائالاھەركۈنىكېچىنىڭ ئۈچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا دۇنيانىڭئاسمىنىغا چۈشۈپ: كىمىكى مەندىن بىر نەرسەسورىسا، ھاجىتىنى بېرىمەن، كىمىكى مەندىنكەچۈرۈم تەلەپ قىلسا، ئۇنىئەپۇقىلىمەن….. دەيدۇ.
ئىنسانغا چەكسىز ياخشىلىقلارنى ئاتاقىلغۇچى، خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، دۇئالارنىئىجابەت قىلغۇچى، قىيىنچىلىقلارنى ئاسان قىلغۇچى،تەلەپلەرنىئورۇندىغۇچى دائىمى مېھرىبان ۋەشەپقەتلىك ئاللاھنى، قەلبلەر قانداقمۇ ياخشىكۆرمىسۇن؟!. [كېسەل ۋە ئىلاج ناملىقئەسەرنىڭ 534- 538 – بەتلىرىگە قارالسۇن].
ئاللاھ تائالانىڭبەندىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىزنېمەتلىرىنىڭ سىرى ئىچىپ تاشلانسا ئىدى، (ئۇلارمەزكۇر نېمەتلەرنى بىلسۇن ياكىبىلمىسۇن) بەندىلەرنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالاغابولغان مۇھەببەت ۋە سىغىنىشئىلكىدەئېرىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن قەلبلەرئىنسانىيلىق تەقەززاسى ئىچىدىكى سەۋەپكەئالاقىدار بولغان دۇنيادا بولغاچقا،تاكامۇللاشقاننېمەتنى ئاشكارا كۆرۈشتىنپەردىلەنگەن.ئۇنداق بولمىغاندا، قەلب ئاللاھنى تونۇش ۋە ياخشىكۆرۈشنىڭ لەززىتىنى تىتىغاندىن كېيىن،باشقابىرىگە باش ئېگىشى ياكى ئۇنىڭ غەيرىگەمۇھەببەت قىلىشى مۇمكىن بولغان بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردىنبولۇپ، ھەممىنى بىلگۈچى غالىپ ئاللاھنىڭھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.[تەرىقئەلھىجرەتەين 281-بەت]
ئىككىنچى: ئاللاھ تائالابەندىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشنىڭيوللىرىنى بايان قېلىپ مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِن كُنتُمْتُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْذُنُوبَكُمْوَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ، قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّاللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى:ئىمۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەرسىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى)گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتىمەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقاۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەتقىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن)يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنىئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ. [سۈرەئال-ئىمران 31-32- ئايەت].
ئىبنىكەسىر رەھىمەھۇللاھ قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُاللَّـهُتەرجىمىسى:ئىمۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەرسىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭائەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، دېگەنئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداقدەيدۇ: “سىلەر ئۈچۈن،سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى تەلەپقىلغاندىنمۇ ئارتۇق نەرسە ھاسىل بولىدۇ.ئاللاھنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشى، سىلەرنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقدۇر”.
بەزىدانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ: “سېنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرۈشۈڭدىكى مەقسەت،ئۇنىياخشى كۆرۈشۈڭلا ئەمەس بەلكىماھىيەتتە ياخشى كۆرۈلۈشۈڭدۇر.
ھەسەنئەلبەسرى ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرىمۇنداق دەيدۇ: “بەزى كىشىلەرئاللاھنى ياخشى كۆرىمىزدەپ ئويلايدۇ، ئاللاھ تائالائۇلارنىڭ مەزكۇر قارىشىنى بۇ ئايەتبىلەن ئىمتىھان قىلدى:قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُاللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْوَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ، قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّاللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى:ئىمۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەرسىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى)گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتىمەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقاۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەتقىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن)يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنىئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.بۇئايەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ئاللاھنىڭبۇيرۇقىغا خىلاپلىق قېلىشنىڭ كاپىرلارنىڭ پرىنسىپىئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مەزكۇرسۈپەتلەر بىلەنسۈپەتلەنگۈچىلەرنىياخشى كۆرمەيدۇ، گەرچە ئۇ كىشىلەرئۆز نەپسىدە بىز ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز ۋەئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىمىز،ئىنسى-جىنلارنىڭ پەيغەمبىرى ۋەپەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغانمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمىزدەپ ئويلىسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ياقتۇرمايدۇ».[ئىبنىكەسىر 2- توم 32 بەت].
شەيخسەئدىي رەھىمەھۇللاھيۇقىرىقىئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداقدەيدۇ: “بۇ ئايەت ئاللاھتائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى، ياخشىكۆرۈشنىڭ ئالامىتى، نەتىجىسى ۋەمېۋىسىنىڭدەلىلىدۇر. قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَتەرجىمىسى:«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا)ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوستتۇتساڭلار يەنى سىلەر پەزىلەتتە ئەڭ ئالى بولغان مەرتىۋىنىداۋاقىلىۋاتىسىلەر، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئالىيۈكسەك مەرتىۋە بولمايدۇ، بۇپەقەت ئاغزاكى دەۋا بىلەن ھاسىل بولمايدۇ،بەلكى بۇ سۆز ھەقىقى سەمىمىيەتۋەراستچىللىق بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئىماندا راستچىلبولۇشنىڭ ئالامىتى، سۆز-ھەرىكەت ۋەبارلىق ئىشلاردا، دىننىڭ ئەسلى ۋە جۇزئىمەسىلىلىرىدە،ئاشكارا ۋە يوشۇرۇنئىشلارنىڭھەممىسىدەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىتەقەززا قىلىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭشەرىئىتىگە تولۇق بويسۇنۇش، ئۇ كىشىنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگەندەۋاسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.ئۇ بەندىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، خاتالىقىنىئەپۇ قىلىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ،بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىكقىلىدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغاھەقىقى ئەگەشمىگەن كىشى ئاللاھ تائالانى ھەقىقىياخشى كۆرگەن بولمايدۇ. چۈنكى بەندىنىڭئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشى، ئۇ كىشىنىڭپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىنىۋاجىپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار تېپىلمىغان كىشىنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى، يالغاننى دەۋاقىلغانلىقىدۇر. گەرچە ئۇ كىشىنىڭقەلبىدە ياخشى كۆرۈش بولسىمۇ لېكىنئۇنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۇچۈن،مەزكۇر ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ پايدىسىبولمايدۇ.
بارلىقكىشىلەر يۇقىرى ئايەتنىڭ تەقەززاسىبىلەن ئۆلچىنىدۇ، بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىۋە مۇھەببىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشىۋە ئۇنىڭ يولىنى قانچىلىك تۇتۇشىغابېقىپ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن نېسىۋىسىنىئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن قانچىكى يىراقلاشسا، ئاللاھنىڭسۆيگۈسىدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ”.[تەپسىرىيسەئدىي 128-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىكقىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى جەڭئېلان قىلىمەن، بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرزقىلغان ئەمەل ئارقىلىقيېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقاھەرقانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىقئىزدىگىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. بەندەم پەرزئەمەللەردىن سىرت،مەنئۇنى ياخشى كۆرگۈنچە قەدەر،نەپلە ئەمەللەر بىلەن ماڭاداۋاملىق يېقىنلىشىدۇ، قاچانكى مەن ئۇنى ياخشىكۆرسەم ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى،كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغانپۇتى بولۇپ بېرىمەن (يەنىمەزكۇر ئەزالىرىنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەرقىلىمەن)، ئەگەر مەندىن نېمىنى سورىساشۇنى بېرىمەن، ئەگەر ماڭا سېغىنىپمەندىن پاناھلىقتەلەپقىلسا، مەن ئۇنى ئۆز پاناھىمغا ئالىمەن.[ئىمامبۇخارى رىۋايىتى 6502- ھەدىس].
بۇ ھەدىس قۇددىسىنىڭ ئومۇمىمەزمۇنىدىن شۇنى چۈشۈنىمىزكى،كىمكى ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇ ياخشى كۆرۈش،ئۇنىپەرز ۋە نەپلە ئەمەللەرگەھېرىسمەن بولۇشقا ئۈندەيدۇ،بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەندە رەببىگەيېقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇئىنسان،ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئىبنى رەجەپرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”ئاللاھنىياخشى كۆرۈش، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنىمۇكەممەل تونۇش، ئاللاھنىڭ ئالى ئىسىم،گۈزەل سۈپەتلىرىنى،كۆز قاماشتۇرىدىغانئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش، ئاللاھنىڭئىنتايىن ئىنچىكە ۋە پۇختا، ھېكمەتبىلەن ياراتقان مەخلۇقاتلىرىئۇستىدەئويلىنىش ۋەپىكىر قىلىش ئارقىلىقھاسىل بولىدۇ.يۇقىرىداسۆزلەنگەنلەرنىڭھەممىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ھەممىنى بىلىپتۇرىدىغانبىلىش قۇدرىتى، ئىش-ھەرىكەتلەردىكى ھېكمىتىۋە كامالى قۇدرىتىنى ئىسپاتلايدۇ”.
ئىبنى ئابباسرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەتقىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭسىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە كۆرەئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار، مېنى ئاللاھسۆيگۈسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈڭلار. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى زەئىپدەپ قارىغان].
سەلەپئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ:ئاللاھنىتونىغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنى ياخشىكۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئاللاھسۆيگۈسىئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىتەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھنى ياخشىكۆرۈش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى:پەرز.بۇئاللاھ بۇيرىغان بارلىق پەرز ئەمەللەرنىتولۇق ئادا قىلىش، چەكلىگەنھارام ئىشلاردىنساقلىنىش، تەقدىردە بېكىتىلگەندەرد-ئەلەملەرگەسەبىر قىلىشئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنى ياخشىكۆرۈش مۇشۇ ئەمەللەرگە ئاساسەنبولمىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەندېگىنى يالغاندۇر.
بەزىلەريەنە مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھنى ياخشىكۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىپ، ئاللاھنىڭبەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلار يالغانچىلاردۇر. كىمكىچەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلسا ياكىبۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى تولۇق ئەمەستۇر. چۈنكىئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى ۋەھاۋايى-ھەۋىسىنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىنيۇقىرى بىلدى. ئەگەر ئۇ كىشىدە ئاللاھقا بولغانمۇھەببەت -ياخشى كۆرۈش كامىل بولغان بولسا ئىدى،ئەلۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىنساقلانغان بولاتتى. مەزكۇر ئىنسان قەلبىدەپەرز بولغان مۇھەببەتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىسەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئاللاھ ياخشىكۆرمەيدىغان ئىشلار سادىر بولىدۇ. شەيتانىھەۋىسىنى ئاللاھنىڭمۇھەببىتىنىڭئۇستىگە قويۇش، بەندىنىڭ ئىمانىنىئاجىزلاشتۇرىدۇ.بۇھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن:مۇسۇلمان ئىمانى كامىلبولغان ھالەتتە زىنا قىلمايدۇ….
ئىككىنچى:پەزىلەتلىك ئەمەللەر. بەندەنەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقايېقىنلىشىپ،ياخشى كۆرۈلمەيدىغان-شەكلىكئىشلاردىن ساقلىنىپ، تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرۇلغانئىشلارغا رازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغانمۇھەببىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۆمەرئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دەيدۇ:”ھەركۈنى مەندە ئاللاھنىڭ قازايى-قەدرىگە رازىبولۇش بىلەن خۇرسەنلىك ھاسىل بولىدۇ”. ئۇ ئوغلىسالىھ ۋاپات بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:”ئاللاھئۇنى ياخشى كۆرگەچكە قەبزە روھ قىلدى،مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىمگە زىت كېلىشىدىن ئاللاھقاسىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن”.
تابىئىنلارنىڭبەزىسىكېسەللىكۋاقتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:”نەپسىم ماڭاياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر، ئۇ مەندىنمۇبەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر”. [پەتھۇلبارىيئىبنى رەجەپ1- توم 46-48-بەتلەرگە قارالسۇن].
ئاللاھھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆزمۇھەببىتىگە نائىل بولىدىغانئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.
تەرجىمە قىلغۈچى ۋەتەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى