ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مېيت ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنى سۆيۈپ قويۇش توغرىسىدا

سۇئال: 153631

    ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېقىنلىرى ۋە دوستلىرى ئۇنى سۆيۈپ ۋىدالىشىشى توغرىسىدا ھەدىس بارمۇ؟، مېيىتنىڭ ئايالى يولدىشىنى سۆيۇپ ۋىدالاشسا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سەھىھ ھەدىسلەر ۋاپات بولغان مېيىتنى سۆيۈشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، مېيت ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق، ئەر كىشى ئەر مېيىتنى سۆيسە، ئايال كىشى ئايال مېيىتنى سۆيسە توغرا بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى سۆيۇپ قويغان.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3163 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۆيۈپ قويغان ئىدى.[ بۇخارى رىۋايىتى 4457 -ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى مېيىتنىڭ يۈزىگە سۆيۇپ قويسا  بولىدۇ. بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى".  ["شەرھىل مۇھەززەب" 5 توم 111 بەت.]

    ھاپىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىس مېيىتنى سۆيۈشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

    شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنى سۆيگەنلىكىنى ساھابىلاردىن ھېچ بىرى ئىنكار قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىجما بولدى".  شۇنىڭغا ئوخشاش:  ئايالمۇ ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزىگە ياكى پىشانىسىگە سۆيۈپ ۋىدالاشسا بولىدۇ.

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېيىتنى مەھرەملىرىدىن بولغان ئاياللار سۆيسە بولىدۇ، ئەرلەر سۆيسىمۇ بولىدۇ، خۇددى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۆيگەندەك". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  13 توم 102 بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android