ەن گېرمانىيىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا جۈمە ئوقۇيدىغان ۋە جامائەت بولۇپ بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان بىر ياتاق ئۆيىمىز بار، ئەمما بۇ جاي بىلەن مەكتەپ ئارىلىقى ئون مىنۇتلۇق يول بولغاچقا بەزى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ناماز ۋاقتى بولغاندا، پاكۇلتېتىنىڭ كەينى ياكى بىنانىڭ ئىچىدىكى بوش قالغان مۇناسىپ جايلاردا يالغۇز-يالغۇز ناماز ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتىكى “مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى” ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىدىن ئايرىم بىر جاي كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ياتاق بىناسىدىن بىر ئۆي بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئۆزىدىن ئايرىم جاي كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ تەلىپىمىزنى رەت قىلماسلىق ئۈچۈن ھەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئورۇندا بىزنىڭمۇ ناماز ئوقۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى، لېكىن بۇ جايدا ئېتىقاد سىمۋولىنى ئىپادىلەيدىغان كرېست ياكى ھەيكەل قاتارلىق دىنى رەمزىلەرنىڭ بولماسلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ ئىبادەتخانىنى باشقىلار ئىشلەتمەيدۇ دەپ تەخمىن قىلغان ئىدۇق، دېگەندەك بۇ ئۆينى باشقا ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۆينى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالدۇق. ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن بۇ جايدا 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دائىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن بۇ يەردە كىچىككىنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۆيدە خرىستىئانلارنىڭ بەزى مۇقەددەس كىتاپلىرىدىن بار، لېكىن ھېچ كىشى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، مېنىڭ سوئالىم: يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
دىنى بەلگىلەر بولمىغان، ھەممە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان جايدا ناماز ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟
سوئال: 153658
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
بىرىنچى: بۇ ئۆيدەجۈمە ۋە بەش ۋاقىت نامازنى جامائەتبولۇپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىشسىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى سىلەرياشاۋاتقان جاي جۈمە نامىزى ۋە بەشۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر ئاسانتېپىلىدىغان مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭئۈچۈن ئۇ ئۆي سىلەرنىڭمەسچىتىڭلار بولىدۇ، ئۇ ئۆيدە بەزىباشقا دىندىكىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭبولىشى سىلەرنى ئۇ جايدا جامائەت بولۇپ نامازئوقۇشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ.
سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ:”مۇسۇلمانلار باشقا دىننىڭئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاق بولمىغان بىر جاينىئۆزلىرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلغان بولسا،بۇ جاي ئۇلارنىڭ مەسچىتى بولىدۇ، ئەگەرئۇنداق جاي تاپالمىسا، باشقا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىبىلەن ئورتاق بولغان بىر جايدا ئىبادەت قىلسىمۇ دۇرۇسبولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقاتەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن16-ئايەت]. پەتىۋا بەرگۈچىلەر: شەيخئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاقئەپىپىي قاتارلىقلار. [سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 2-توم 80-81-بەتلەر].
ئىككىنچى: ئورتاق بولغان ئۆيدەبۇت، كرېست بەلگىسى ياكى ھەيكەللەرمۇبولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ جايدا ھېچئىككىلەنمەستىن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.چۈنكى بۇت-ھەيكەللەر بولمىغان چېركاۋدا(مەسچىت يوق بولسا) ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى بەلگىلەردىن خالى بولغانبۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇش ئەلۋەتتەدۇرۇس بولىدۇ. چېركاۋدا ناماز ئوقۇشنىڭھۆكمى توغرىسىدىكى 147007-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.
يەنە بۇ ئۆيگەخرىستىئانلار كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىنى قىلسىمۇ،بۇ ئىش سىلەرنى بۇ ئۆيدە جۈمە نامىزىۋە باشقا نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىنچەكلەپ قويالمايدۇ، چۈنكى بىز بىلەن باشقادىندىكىلەر بىر جايدا ناماز ئوقۇسىمۇ ئۇلار بىلەنبىزنىڭ نامىزىمىز ئارىسىدا باشقىلار ئايرىيالمىغۇدەك ھېچئوخشاشلىق يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ئۇلاربىلەن بىر ئۆيدە ناماز ئوقۇۋاتقانھالەتتە كۆرگەنلەر قاراپلا ئايرىيالايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى