ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مېيىتكە يىغلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە ۋارقىراپ يىغلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال: 154215

    مەيىتكە يىغلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزى ئاياللار ياقىلىرىنى يىرتىپ، يۈزىگە كاچاتلاپ، ۋارقىراپ يىغلىسا قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆزىنى كاچاتلاپ ۋارقىراپجاقىرمىغان ھالەتتە مېيىتكە يىغلىسا توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ۋاپات بولغاندا يىغلىغان.  ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، تۇيۇقسىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ نەۋرىسىنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەئەد ئىبنى ئۇبادە، مۇئاز ئىبنى جەبەل قاتارلىق ساھابىلەرمۇ بىرگە باردى، بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈنۈپ بېرىلدى، ئۇ بالىنىڭ نەپسى سىقىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى. سەئەد پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!  بۇ نېمە؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ رەھمەت، بۇنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دىلىدا قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگىلا رەھىمشەپقەت قىلىدۇ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1284 -ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، يىغلىدى، ئەتراپتىكىلەرمۇ يىغلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىشنى رۇخسەت سورىدىم، رەببىم ماڭا رۇخسەت بەرمىدى، مەن ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسام ماڭا رۇخسەت بەردى» . [مۇسلىم رىۋايىتى976-ھەدىس]. 

    ھەقىقەتەن ھارام بولغىنى ۋارقىراپ، جارقىراپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرۈپ  يېغلاشتۇر، بۇنداق يىغلاش ھارامدۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت ئادىتى بىلەن يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس»  . [بۇخارى رىۋايىتى 1294-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ۋارقىراپجارقىراپ، يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ، داتپەريات كۆتۈرۈپ يىغلاشنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەسھابىلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بۇنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان.  بىر جامائەت بۇنىڭ ئىجما ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان".  ["شەرھى مۇھەززەب" 5 توم 281 بەت.]

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ۋاپات بولۇشى ئېنىق بولسا ئۇنىڭغا يىغلىماڭ»، بۇنىڭ مەنىسى:  (توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋارقىراپ، جارقىراپ يىغلاش توغرا بولمايدۇ، ئەمما كۆزىدىن ياش تۆكۈش، كۆڭلى بىئارام بولۇش سۈننەتتە كەلگەن بويۇنچە دۇرۇستۇر، ئالىملار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن".  ["ئەل ئەزكار"  3 توم 67 بەت].

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشتا مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولغىنى سەۋر قىلىش، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، ۋارقىراپ يىغلىماسلىق، يۈزىنى كاچاتلىماسلىق، كىيىمىنى يېرتماسلىق قاتارلىقلاردۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت ئادىتى بىلەن يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس».

    يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇممىتىم ئارىسىدا ئۇلار تەرك قىلمىغان جاھىلىيەت ئىشلىرىدىن تۆت تۈرلۈك ئىش بار:  جەمەتىدىن پەخىرلىنىش، باشقىلارنىڭ نەسىبىگە تەنە قىلىش، يۇلتۇزلارغا قاراپ يامغۇر تەلەپ قىلىش ۋە مېيىتكە ۋارقىراپ يىغلاش قاتارلىقلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى.]

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسىبەت يەتكەندە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغان، چاچلىرىنى يۇلغان ياكى چۈشۈرگەن، كېيىملىرىنى يىرتىپ يىغلىغانلاردىن مەن ئادا جۇدادۇرمەن».

    "بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدىغان ئىشلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال بولسۇن ياكى ئەر بولسۇن بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13 توم 414 بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android