ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قىز-خانىملار رامىزاندا دورا ئىشلىتىپ ئايلىق ئادىتىنى قەستەن كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 156110

مەن “ئاياللىق تۇخۇمدانچىسى بالدۇر بۇزۇلۇش” دېگەن كېسەلگە دۇچار بولدۇم، يەنى ئايلىق ئادەت ئىختىيارى كەلمەستىن دورا ئىشلىتىش ئارقىلىقلا كېلىدۇ. رامىزاندا ئايلىق ئادىتىمنى دورا ئارقىلىق كەلتۈرسەم توغرا بولامدۇ؟شۇنىڭدەك ئايلىق ئادىتىمنى كەلتۈرمەسلىككىمۇ ئىمكانىيەت بار چۈنكى ئىختىيارلىق مېنىڭ قولۇمدا. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى:ئايال كىشى ئايلىق ئادەتنى كەلتۈرۈش ئۈچۈندورا ئېچىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، سوئالدا بايانقىلىنغاندەك ئايلىق ئادىتى پەقەت دورا ئېچىش ئارقىلىقلاكەلسە ياكى ئادەتتىكى ئاياللاردەك نورمال تەرتىپبىلەن كەلمىسە، ئىشلەتكەن دورىسى شەرىئەتتەچەكلەنمىگەن ۋە سالامەتلىكىگە زىيانيەتكۈزمەيدىغان بولسا، ئايلىق ئادەتنى دورا ئارقىلىقكەلتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ.

دورائىشلەتكەندىن كېيىن ھەيز كەلسە، ئۇئايال نورمال ھالەتتە ھەيز كۆرىدىغان ئاياللارغا ئوخشاشھەيزدارلىق مۇددىتىدە ناماز ئوقۇمايدۇۋە روزا تۇتمايدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىنكېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنىقىلمايدۇ.

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ھەيز كۆرۈش ئۈچۈن دورائىشلىتىپ ھەيز كۆرگەن بولسا ئۇ ئايال ساقايغاندانامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. شۇنىڭدەكتۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشئۈچۈن دورا ئىشلىتىپچۈشۈرۈۋەتكەن بولسا ۋە نىپاسداربولۇپ قالغان بولسا، نىپاسدارلىق مۇددىتى ئىچىدە ئوقۇيالمىغاننامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ”. [ئەل مەجمۇئ310].

ئىككىنچى:ئايال كىشى رامىزاندا روزا تۇتماسلىق نېيىتىدە رامىزاندا ياكىرامىزان ئېيى يېقىنلاشقاندا بۇنداق دورىلارنىقەستەن ئىستىمال قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئىماممەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئايالكىشى ئايلىق ئادىتىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن دورائىشلەتسە توغرا بولىدۇ، شەيخ تەقىيىددىن ئىبنىتەيمىيە”ئەلپۇرۇئ” ناملىق ئەسىرىدەبۇ ھەقتە توختىلىپ، پەقەت رامىزاندا ياكى رامىزانئېيى يېقىنلاشقاندا روزا تۇتماسلىقنى مەقسەت قىلىپ،ھەيز كەلتۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسەبولمايدۇ”.

ئىماممەرداۋىي: بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپيوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [ئەلئىنساپ 1-توم 273-بەت، ئەلپۇرۇئ 1-توم 393- بەت،پەتاۋا ئەلكۇبرا 5-توم 315-بەت.

شەيخمەنسۇر بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ئايال كىشى ئۈچۈن ھەيزنىكەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇرۇس بولغان دورىلارنىئىستىمال قېلىش توغرا بولىدۇ. رامىزان يېقىنلاشقاندا رامىزانداروزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر قىلىش توغرا بولمىغانغائوخشاش، رامىزان يېقىنلاشقاندا رامىزاندا روزا تۇتماسلىقنىمەقسەت قىلىپ ھەيز كەلتۈرىدىغان دورىلارنىئىشلەتسە بولمايدۇ”.

[كەشفۇلقەننائ 1- توم 218-بەت].

توغرىسىنى ئاللاھبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android