ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
3,02116/09/2015

ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرغان جايدا قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى ئۆز مەملىكىتىدە بىرەرسىنى ۋەكىل قىلامدۇ؟

سۇئال: 159854

مەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇيمەن، مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە ئازغىنە مۇسۇلمانلاردىن باشقا بىرەر ئىسلام مەركىزىمۇ يوق، بار بولغان مۇسۇلمانلاردىنمۇ كىمنىڭ قۇربانلىققا ھاجىتى بار كەمبەغەل بۇنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ئوقۇۋاتقان جايىمدا قۇربانلىق قىلشىم ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆز ۋەتىنىمدە بىرەر كىشىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ۋەكىل قىلىشىممۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەسلىدە قۇربانلىققىلغۇچى قايسى جايدا بولسا قۇربانلىقمۇ شۇ جايداقىلىنىدۇ. بەلكى قۇربانلىق قىلغۇچى مالنى ئۆز قولىبىلەن بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ.قۇربانلىقتىن بولغان مەقسەت پەقەت گۆشمەسىلىسىلا بولماستىن بەلكى ئىسلامنىڭ بۇ شوئارىنى ئىزھارقىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەيخ سالىھ پەۋزانمۇنداق دەيدۇ:”پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىقۋە ئەقىقە ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغانماللارنى مەدىنىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىدەبوغۇزلايتتى. گەرچە مەدىنىدە بوغۇزلاشتىنمەككىدە بوغۇزلاش ياخشى دەپ قارالسىمۇشۇنداقلا مەدىنىگە نىسبەتەن مەككىدەكەمبەغەللەر كۆپ ۋە ئېھتىياجلىقبولسىمۇ ئۇنى مەككىگەئەۋەتمەيتتى، بۇنىڭدىن ئاللاھتائالانىڭ ھەر بىر ئىبادەتنى ئۆز ئورنىدا ئادا قىلىشنىيولغا قويغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ھەجگە ئالاقىدار بولغانھەدىيە ماللىرى مەدىنىدە بوغۇزلانمايدۇ،قۇربانلىق ۋە ئەقىقە ماللىرى مەككىگەئەۋەتىلمەيدۇ، بەلكى ھەر بىر تۈرنىئۆز ئورنىدا بوغۇزلاش بىكىتىلگەن. بۇ توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى،ئىشلارنىڭ ئەڭ ناچىرى دىندا يېڭىلىق پەيداقىلىش. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىنئىبارەتتۇر. تۈگىدى. [شەيخ سالىھ پەۋزانپەتىۋالىرىدىن تاللانما 10/50].

ئەسلى قائىدىدە: قۇربانلىققىلغۇچى قۇربانلىقنى ئۆزى تۇرىۋاتقان جايداقىلىدۇ. باشقا شەھەردە قۇربانلىق قىلىشئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلمايدۇ، لېكىنقۇربانلىق قىلغۇچى بىر يۇرتتا ئۇنىڭئائىلە-تاۋابىئاتلىرى يەنە يۇرتتا بولسا،ئەگەر مالدىن ئىككىنى ئۆلتۈرۈشكە قادىربولالىسا، ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدا بىرنى، ئائىلە-بالىلىرىتۇرىۋاتقان جايدا يەنە بىرنى قۇربانلىققىلىدۇ، بۇنداق قىلالىسا ئەۋزەل بولىدۇ.ئەگەر بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسەئائىلە-بالىلىرى تۇرىۋاتقان يۇرتقا پۇلئەۋەتىپ بىر كىشىنى ئۆزىگە ۋاكالەتەنقۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىسا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھدىن: ئۆزىنىڭئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا ئىشلىگىلىكەلگەن ئىشلەمچى قۇربانلىقنى قانداق قىلىدۇ؟يۇرتىدا ئائىلە-بالىلىرى بار، بۇ يەردىكىكەمبەغەللەرگە نىسبەتەن ئۆزيۇرتىدىكىلەر بەكرەك ئېھتىياجلىق، ئۇ كىشىبۇ يەردە قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى قۇربانلىقمالنىڭ پۇلىنى ئۆز يۇرتىغا ئەۋەتىپئۇ يەردە قۇربانلىق قىلامدۇ؟. ئاللاھ تائالاسىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭقۇربانلىققا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بەكزۆرۈرلىكىنى ياخشى بىلىسىلەر، دەپ سورالغاندا، شەيخجاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “مېنىڭقارىشىمچە، ئۇ كىشىنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرسە بۇيەردە بىرنى ۋە ئۆز يۇرتىدا بىرنىقۇربانلىق قىلسۇن، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسامۇشۇنداق بەرىكەتلىك كۈنلەردەئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ پۇلىسىنى ئۇلارغائەۋەتسۇن، ئۇلار مال سىتىۋىلىپقۇربانلىق قىلسۇن.” [“ئايلىق ئۈچرىشىش پروگراممىسى”1-توم 440-بەت].

يەنە شەيختىن: بىزئەسلى بۇ دۆلەتتىن ئەمەس، بىزنىڭيۇرتىمىزدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىزقۇربانلىقنىڭ گۆش ۋە تېرىلىرىدىنمەنپەئەتلىنىشكە بەكراق ئېھتىياجلىق،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى كەمبەغەل،قۇربانلىقنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان دىنى شوئارنىئەمەلىيەتتە ئىزھار قىلىش ئىكەنلىكىنىبىلسەكمۇ، بىز قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى يۇرتقائەۋەتىپ بىر كىشىنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىلقىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپمۇنداق دەيدۇ: “مۇسۇلمان كىشى ئۆزى بىردۆلەتتە، ئائىلە-بالىلىرى يەنە بىردۆلەتتە ياشايدىغان بولسا، ئائىلە-بالىلىرىنىڭقۇربانلىقتىن مەنپەئەتلىنىشى ۋەخۇرسەن بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قۇربانلىقپۇلىنى ئەۋەتىپ بىر كىشنى ئۇ يەردەقۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىل قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقانيۇرتتا قۇربانلىق قىلسا ئۇنىڭ قۇربانلىقلىرىنى كىميېيىشىپ بېرىدۇ؟ بەزى ۋاقىتتاقۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن سەدىقە بېرىدىغانغائادەم تاپالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىئائىلە-بالىلىرىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىئەۋەتىپ قۇربانلىقنى شۇ جايدا قىلىشىنى ياخشىدەپ قارايمىز.” تۈگىدى. [“ئايلىق ئۈچرىشىشپروگراممىسى” 2-توم 306-بەت].

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android