ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ مېيىت يۇيۇشى توغرا بولامدۇ؟‍

سۇئال: 163190

    مېيىتنى يۇغان بالا بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا، مېيىتنىڭ يۇيۇلىشى توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مېيت يۇيۇش پەرز كۇپايە بولغان ئەمەللەردىن، ئۇنى بەزى كىشىلەر يۇسا قالغانلاردىن بۇنىڭ ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ.

   ئىككىنچى:  مېيىتنىڭ يۇيۇلىشىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن يۇغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ، مېيت يۇيۇشقا لايىق بولسا ئۇنىڭ يۇغىنى توغرا بولىدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى" 13 توم 60 بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھەنەفى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرى: كېچىك بالا ئەقىللىق بولسا ئۇنىڭ مېيىتنى يۇيۇشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدىكەن، باشقىلارنى پاكىزلىشىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ شافىئى ۋە مالىكى ئالىملىرىمۇ تەشەببۇس قىلىدىغان سۆزدۇر".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مېيت يۇغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئەقىللىق بولىشى ۋە ئاققارىنى پەرق قىلىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ".  ["شەرھى كاپىي"  2 توم 24 بەت.  ]

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android