ئىسلام ئۆزىنىڭ شۇئارلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئالاھىدە كاتتا دىندۇر. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا نامايەندە بولغان دىندۇر. مېنىڭ سوئالىم: نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئىشنىڭ بېشىدا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە نامايەندە بولمىدى؟، ئۇ دەۋرىدىمۇ ناماز ئادا قىلىنامتى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىنسان تەرك قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازالىنىدىغان ئەمەللەر بولغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئىسلام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنىدۇر
سوئال: 172775
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
بۇ مەسىلە ئىسلام دىنى ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلاردىن ئۈزۈلۈپ ئايرىم كەلگەن دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ زېھنىدە چۈشەنمەسلىك پەيدا قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يەھۇدى ۋە ناسارالار تارقىتىپ، راۋاجلاندۇرالمىغان پىكىرنىڭ ئۆزىدۇر. قۇرئان كەرىم ھەقىقەتلىرى شۇنى ئوچۇق بايان قىلىدۇكى، ئىسلام دىنى ئىلگىرىكى بارلىق دىنلارنى مۇكەممەل قىلغۇچى دىندۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلىپ كەلگەن دىنى بىردۇر ۋە بىر ئورۇندىن كەلگەندۇر. بارلىق ئىنسانلارغا توغرا يولنى يورۇتقان ۋە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغان ئىلاھى ۋەھىينىڭ مەنبەسى بىردۇر.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاشلا بىر پەيغەمبەردۇر.» [سۈرە ئال ئىمران 144-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى مۇشۇ دىن بىلەن ئەۋەتكەن، ئىسلام ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭغا بەندە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۆزىنى تاپشۇرۇش، پۈتۈن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنى بولغان ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر.» [سۈرە ئال ئىمران 19-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ مَا كُنْتُ بِدْعًا مِنَ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭ ئىچىدىكى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس، ئاللاھنىڭ دۇنيادا ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن سىلەرنى بۇيرىغان ۋە ئۆزۈم قىلىۋاتقان ئىشلاردا پەقەت ئاللاھماڭا قىلغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ئوپ-ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.» [سۈرە ئەھقاپ 9-ئايەت].
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى مۆمىن بولۇپ، ئومۇمى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن زامانغىچە ياشىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كىيىن باشقا دىنلار قوبۇل قىلىنمايدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” تەۋرات ياكى ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەن نۇسخىسىغا ئەگەشكەن كىشى ئىسلام دىنىسدا بولغان بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋراتنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان توغرا نۇسخىسىغا، شۇنداق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان نۇسخىسىغا ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشى ئىسلام دىنىدا بولغان بولىدۇ. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 27-توم 370-بەت].
ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان دىننىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى بىلدۈردى. ئاللاھ ھەر بىر پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىنى ئىسلامدىن ئىبارەت بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى يەنى ئاللاھنى يەككە-يىگانە بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىددىلوگىيسىگە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلاردىن دىن دەپ قوبۇل قىلىدىغان دىننىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.
يەنى ئىسلام دىنى دېگەن: ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىغا ئىشىنىش، گۈزەل ئەخلاق، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بولغان پىرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان تەۋھىد ئەقىدىسىگە ئىشىنىش دېمەكتۇر.
ئىسلام دىنى بولسا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى، باشقا پەيغەمبەرلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن دىندۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىڭلار دەپ ۋەھىي قىلدۇق» [سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن مەريەم ئوغلى ئىساغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدىن بەك لايىقمەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا بىر قېرىنداشلاردۇر، ئانىلىرى باشقىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنى بىردۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 3443-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2365-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەدىسنىڭ ئەسلى مەنىسى: بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىر، (گەرچە ئۇنىڭ شاخچە مەسىلىلىرى ۋە تەپسىلاتى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ) ئۇ بولسىمۇ تەۋھىدتىن ئىبارەتدۇر”. [“پەتھۇلبارى 6-توم 489-بەت].
دوكتۇر سۇلايمان ئەشقەرى مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلام دېگەن سۆز قۇرئان كەرىم ئاتالغۇسىدا مەلۇم بىر دىنغا قويۇلغان ئايرىم بىر ئىسىم بولماستىن بەلكى ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىنى دەۋەت قىلغان ئورتاق بىر دىننىڭ ئىسمىدۇر”.
نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن: وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: «مەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» [سۈرە يۈنۈس 72-ئايەت].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بۇيرىغان دىن ئىسلام دىنىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ ئاللاھقا بولغان بارچە ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتى بىلەن:«مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى. [سۈرە بەقەرە 131-ئايەت].
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ياقۇپ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەۋسىيە قىلغان دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئۇلار مۇنداق دېگەن: وَوَصَّىٰ بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى(يەنى ئىسلام دىنىنى)تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى. [سۈرە بەقەرە 132-ئايەت].
ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسىغا جاۋاپ بېرپ: نَعْبُدُ إِلَهَكَ وَإِلَهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَقَ إِلَهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ تەرجمىسى:«سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى. [سۈرە بەقەرە 133-ئايەت].
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېدى: يَا قَوْمِ إِن كُنتُمْ آمَنتُم بِاللهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُواْ إِن كُنتُم مُّسْلِمِينَ تەرجىمىسى: « مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار(يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)»دېدى. [سۈرە يۈنۈس 84-ئايەت].
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان ھەۋارىيلار مۇنداق دەيدۇ: آمَنَّا بِاللهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: « پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى(ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن». [سۈرە ئال ئىمران 52-ئايەت].
كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى قۇرئان كەرىم تىلاۋېتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دېدى: قَالُوا آمَنَّا بِهِ إِنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّنَا إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلِهِ مُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ.» [سۈرە قەسەس 53-ئايەت].
ئىسلام دېگەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگىچە بولغان جەرياندىكى بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تىللىرىدا ئىپادىلىنىۋاتقان ئومۇمى شۇئاردۇر. [“ئەلچى ۋە ئەلچىلىك رىسالىسى” 243-بەت].
لېكىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەت پرىنسىپلىرى ۋە ھۆكۈملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدى ۋە ئالماشتۇرۇلدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەر دەۋرىگە ۋە ھەر ئورۇنغا مۇناسىپ كىلىدىغان مۇكەممەل بىر شەرىئەتنى خاس قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەت-پرىنسىپلىرىنى تەرك قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرىدى.
ئالىملارنىڭ بىكىتىشىچە: ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەت-پرىنسىپلىرىدىن پەقەت ئۇنىڭ شاخچە مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ شەرىئى پرىنسىپىنىڭ ئاساسى بىردۇر.
ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جىددى ئىشلار، ئېھتىياجلىق ئىشلار ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچى ئىشلاردىن بولغان ئومۇمى قائىدىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، پەقەت ئۇششاق شاخچە ئىشلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇش يۈزبەرگەن، ئۇسۇل-قائىدە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر ئۇممەتنىڭ جىددى ئىشلىرىغا رىئايە قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئېھتىياجلىق ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچى ئىشلاردىمۇ ئەھۋال شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى،ساڭا(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا)بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ» [سۈرە شۇرا 13-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!)سەن(مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن» [سۈرە ئەھقاپ 35-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئەنئام سۈرىسىدە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى زىكىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: أُولَئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلار(يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر)ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن.» [سۈرە ئەنئام 90-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِنْدَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ تەرجىمىسى: « ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد!)قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ » [سۈرە مائىدە 43-ئايەت].
شاتىبىينىڭ “ئەل مۇۋاپىقات” 3-توم 365-بەتكە قارالسۇن.
دوكتۇر ئۆمەر ئەشقەرى مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلام شەرىئىتىگە نەزەر سالغان كىشى ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلەردە ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ئۇممەتلەر ئۈچۈن يولغا قويغان ناماز، زاكات، ھەج ۋە ئۇلارنىڭ يىمەكلىكلىرىدىن ھالال بولغانلىرىنى ئىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشتا زىكىر قىلدۇق.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پەقەت بەزى شاخچە مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتىدا بولغان. مەسىلەن: نامازنىڭ سانى، شەرتلىرى، ئەركانلىرى، زاكاتنىڭ مىقدارى، ھەج پائالىيەت ئورۇنلىرى قاتارلىق ئىشلاردا بولۇپ، بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن يولغا قويغان شەرىئەت يەنە بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان شەرىئەتكە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلاھى ھېكمەت بىلەن بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىگە ھالال قىلغان نەرسىنى يەنە بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىگە ھارام قىلغان. [“ئەلچى ۋە ئەلچىلىك رىسالىسى” 250-بەت].
بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر. ئىسلام دىنى پەيغەمبەرلىك باشلىنىش بىلەن بىرگە ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا چاقىردى. ئەقىدە -تەۋھىد، ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئاساسلىق ئۇسۇل-قائىدىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىمۇ بولغان. ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا تەرجىمىسى: «ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى» [سۈرە مەريەم 55-ئايەت].
ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ روزىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن،سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].
ھەج بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَى كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا(ئۇلارنى)ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ» [سۈرە ھەج 27-ئايەت].
بەزى ھۆكۈملەر ياكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ شۇ دەۋرىدە ياشىغان ئىنسانلاردىن بولغان مەخسەت مۇرادى بىلەن بولغان، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن شەرىئەت-پرىنسىپلار بولسا ۋاقىتلىق بولۇپ، شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان، شۇ ھۆكۈملەر ئۇلارغا شۇ زاماندا مۇناسىپ كەلگەن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى