0 / 0

ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: 174932

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ – مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە ماختاشلارئاللاھقا خاستۇر.

ئايالنىڭئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ،چۈنكىئەر ئۇ ئايالنىڭ ھامىيسى ئاستىدا بولغانلىقىئۇچۇندۇر.بۇھەقتە ئاللاھتائالامۇنداق دەيدۇ:ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِتەرجىمىسى: ئەرلەرئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر [سۈرە نىسا34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئىبنى كەسىر(ئاللاھئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)،ئەليئىبنى ئەبى تەلھەنىڭ ئبنى ئابباسرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنئەرلەرئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇردېگەنئايەتنى تۆۋەندىكىدەكتەپسىرلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:ئەرلەرئاياللارنىڭ ئەمىرلىرى.يەنىئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشى،ئاللاھبۇيرۇغان ئىشلاردا ۋە ئۆز ئەھلىگەياخشىلىق قىلىشتا،ئېرىنىڭمال-دۇنياسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا بولىدۇدېگەن.شۇنىڭغائوخشاشلا مۇقاتىل ۋە سەددي،دەھھاكلارمۇشۇنداق دېگەن.[تەپسىرئىبنى كەسىر 2293].

ئايالنىڭئېرىگەئىتائەتقىلىشى ۋاجىپ بولغان ئىشلار ئىچىدىن، تۆۋەندىكى ئىككىتۈرلۈك ئىش مۇستەسنادۇر:

بىرىنچى:گۇناھ-مەئسىيەتكەئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردا ئەرگە ئىتائەت قىلمايدۇ.يەنىۋاجىپ بولغان ئىشلارنى تەرك قىلىش ياكى ھارام ئىشلارنى قىلىشقابۇيرۇلغاندا، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىجايىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن:ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشبەدىلىگە، بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوق.[بۇخارىرىۋايىتى6830- ۋە  مۇسلىمرىۋايىتى1840-ھەدىسلەر].

ئىككىنچى:ئەرگەئىتائەت قىلىش نەتىجىسىدە، ئايال ئۇچۇن زىيانلىقياكى ئۇ ئايالنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچراشقائىلىپ بارىدىغان ئىشلار بولسا،بۇھالەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىۋاجىپ بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتەمۇنداق دېگەن:شۈبھىسىزكى،ئىتائەت قىلىش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.[بۇخارىرىۋايىتى].

يەنە بىرھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:ئۆزىگىمۇۋەباشقىلارغىمۇزىيان يەتكۈزۇش يوق.[ئىبنىماجە ۋە دار قۇتنى رىۋايىتى].

ئايالنىڭچېچىنى كېسىشى ۋە بويىشى شەرتلىكئەھۋالدا جايىز بولۇپ، ئۇلارنىڭئەرلەرگە،كاپىرۋەپاسىقئاياللارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە قارا بوياقتابويىماسلىقى كېرەك.

ئەگەرئېرى ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بويىشىغارۇخسەتقىلمىسا، ئۇ ئىشلارنى قىلشى جايىز بولمايدۇ.شۇنداقلائەر ئايالىنى گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇمىسىلا،ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى لازىم بولىدۇ.

چاچ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنىنامايەن قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق.شۇنداقلا ئايالنىڭ ئۆز ئېرى ئۈچۈنگۈزەللىنىشى ئەرنىڭ ھەققىدىندۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android