ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
3,04214/09/2015

بىر ئادەم ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق چارۋا قۇربانلىق قىلسىمۇ بولامدۇ؟

سۇئال: 176956

بىر كىشى ئىككىدىن ئارتۇق مالنى قۇربانلىق قىلسىمۇ بولامدۇ؟، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈچ ياكى تۆت مالنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى كۆردۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: قۇربانلىق يولغاقويۇلغان ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قۇربانلىقپىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچەتەكىتلەنگەن سۈننەت ياكى ۋاجىپھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى بىلىشئۈچۈن 36432– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: بىر مۇسۇلماندىنگەرچە ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇقۇربانلىققا بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. ئەتا ئىبنىيەسار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئەييۇبئەنسارىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭدەۋرىدە قۇربانلىق قانداق بولغان؟ دەپ سورىسام،ئۇ كىشى: “بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈنبىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى، ئۆزلىرى يېيىشەتتى،كەمبەغەللەرگە بېرەتتى، مانابۇگۇنگە كەلگەندە ئىش سەنكۆرىۋاتقاندەك كىشىلەر قۇربانلىقلىرىدىنپەخىرلىنىدىغان ھالەتتە،” دېدى.[تىرمىزىيرىۋايىتى 1505-ھەدىس. ئىبنى ماجە3147-ھەدىس].

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “بىر قوي بىر كىشىگە كۇپايەقىلىدۇ، بىردىن ئارتۇق كىشىگە كۇپايەقىلمايدۇ، ئەمما بىر ئائىلىدىكىلەر بىر قوي قۇربانلىققىلسا ھەممەيلەندىن ئىسلامنىڭ بۇ شوئارى ئادابولغان بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق ھەممەيلەنئۈچۈن كۇپايە بولغان سۈننەتھېسابلىنىدۇ”. تۈگىدى.[“ئەلمەجمۇئ” 8-توم 370-بەت].

باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىنبىرقانچىنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. شەيخ ئىبنى بازرەھىمەھۇللاھدىن: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارئۈچۈن قۇربان ھېيت كۈنىدە قۇربانلىققىلىدىغان مالنىڭ سانىنى بېكىتتىمۇ؟ ئەگەركۈچى يەتسە قانچىنى قىلسا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا،شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “ئىسلامدىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغانمالنىڭ سانىنى بەلگىلەپ بەرمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامسېمىز ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، بىرىنى ئۆزىۋە ئائىلىسى ئۈچۈن يەنە بىرىنىئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىدىن ئاللاھ تائالانى بىر دەپئىتىقاد قىلغان بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربانلىققىلاتتى. مۇسۇلمان كىشى كۈچى يەتسە بىر ياكى ئىككىۋەياكى بىر قانچىنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ،ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭدەۋرىدە بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئۆزىمىزيەيتتۇق، كەمبەغەللەرگەيېمەك قىلىپ بېرەتتۇق، كىيىن كىشىلەرپەخىرلىنىپ قۇربانلىقنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپكەتتى.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى:مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىرقوينى قۇربانلىق قىلسا كۇپايە قىلىدۇ ھەمبۇنىڭ بىلەن قۇربانلىقتىن ئىبارەت بۇسۈننەت ئائىلىدىكى ھەممە كىشىدىن ئادا بولىدۇ،ئەگەر ئىككى ياكى ئۈچ ۋەياكى تۆت قوي ياكىبىرەر تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلسىمۇبولىدۇ.” تۈگىدى.

<http://www.binbaz.org.sa/mat/11662>

قۇربانلىقنىڭ ئەڭئەۋزىلى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىرقوي قۇربانلىق قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسەبولىدۇ، چۈنكى بۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربان ھېيت نامىزىنىئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامخۇتبە سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن مۇنبەردىنچۈشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭيېنىغا سېمىز بىر قوي كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبۇ قوينى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلىپتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھكاتتىدۇر، بۇ قوي مەن ۋە مېنىڭئۈممىتىمدىن قۇربانلىق قىلالمىغان كىشىلەرئۈچۈندۇر،»دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2810-ھەدىس.بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئەبۇداۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىداكەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”سۈننەتتە چىڭ تۇرۇشسۈننەتنى تەرك قىلغاندىن ياخشىدۇر، بىز بىر قويقۇربانلىق قىلسا ئائىلىدىكى ھەممە كىشىلەردىنسۈننەت ئادا بولىدۇ دېسەك، بۇنىڭدىنيەنە ئۇلار بىردىن كۆپ قوينى قۇربانلىق قىلساگۇناھكار بولىدۇ دېگەنلىكئىپادىلەنمەيدۇ، لېكىن كۆپ ئەمەلقىلغاندىن سۈننەتنى ساقلاپ قالغانلىقئەۋزەلدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: لِيَبْلُوَكُمْأَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا تەرجىمىسى: سىلەردىن قايسىڭلارنىڭئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناشئۈچۈن.[سۈرە مۈلك 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبىر ئىش ئۈچۈن ئىككى كىشىنى بىر يەرگەئەۋەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلار سۇ تاپالمايتەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى، كىيىن سۇ تاپقاندابىرى تەرەت ئىلىپ نامازنى قايتا ئوقۇدى، يەنە بىرىبولسا تەرەتمۇ ئالمىدى ۋە نامازنىمۇ قايتائوقۇمىدى، ئۇلار قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشنىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپبېرىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامسۇ تىپىلغاندىن كىيىنمۇ تەرەت ئالمىغان ۋەنامازنىمۇ قايتا ئوقۇمىغان كىشىگە: سۈننەتبويىچە ئىش قىلىپسەن دېدى، يەنە بىركىشىگە: سەن ئۈچۈن قوشئەجىر بولىدۇ، دېدى.

بۇ ئىككى كىشىنىڭقايسىسىنىڭ قىلغىنى ياخشى بولىدۇ؟ دېگەندە،يەنە بىر كىشىگە قوش ئەجىربېرىلگەندىمۇ، ئەلۋەتتەسۈننەت بويىچە ئىش قىلغان كىشىنىڭ قىلغىنىئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكىقوش ئەجىرگە ئېرىشكەن كىشى ئاللاھ تائالاغايېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ئىككى قېتىم ئەمەل قىلغانبولدى، گەرچە ئۇ كىشى ئىككى قېتىم ئەمەلقىلىپ قوش ئەجىرگە ئېرىشكەن بولسىمۇئەمەلىيەتتە سۈننەت بويىچەئەمەل قىلغان كىشىدەك ساۋاپقائېرىشەلمىدى.” تۈگىدى. [“نۇرۇنئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى”].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android