بەزى تور سەھىپىلىرىدە تارقالغان بۇ قىسسىنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سورىماقچىمەن. بىر كىشىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاپ قايتۇرغاندا، بەك ئاچچىقى كېلىپ، ئايالى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقچى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېرىش ئۈچۈن ئېشىكنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ئۆيدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭمۇ خەلىپىگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ خەلىپىگە شىكايەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ كەينىگە قايتقان، دېگەن قىسسىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر شۇنداقلىقى توغرا بولسا، ئايالنىڭ يولدىشىغا ئاۋاز كۆتۈرۈپ سۆزلىشىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل قىلغىلى بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرگەنمۇ؟ ۋە خەلىپە ئايالىنىڭ ۋاقىرىشىغا گەپ قىلماستىن سەبرى قىلغانلىقى راستمۇ؟
سوئال: 179442
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى: يۇقىرىداسۆزلەنگەن ۋەقەلىكنىڭ ئەسلىمۇنداق: بىر كىشى ئايالىنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدائۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇغاشىكايەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭئالدىغا كېلىپ ئېشىكنىڭ يېنىدا ئۇنىڭچىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۆي ئىچىدىن ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىراپ ئۈنلۈكئاۋازدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭجاۋاپ قايتۇرماستىن جىم تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ،كەينىگە بۇرۇلۇپ: مۆمىنلەرنىڭئەمىرى بولغانئۆمەرئىبنى خەتتابنىڭ ھالى بۇ تۇرسا، مېنىڭ ھالىمدېگەن ھېچنېمە ئەمەسكەندەپ قايتىۋاتقاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇ كىشىنىڭ قايتىپكېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى چاقىرىپ: ئىقېرىندىشىم، بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئىمۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى!مەنسىلىگە ئايالىمنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى ۋەئېغىزىنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىش ئۈچۈنكەلگەن ئىدىم، ئەمما سىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇمېنىڭ ئايالىمغا ئوخشاش سىلىگە ۋارقىراۋاتقانلىقىنىئاڭلاپ ئىچىمدە:مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغانئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھالىبۇبولسا، مېنىڭ ھالىم دېگەنھېچنېمە ئەمەسكەن دېدىم-دە،ئارقىمغا بۇرۇلدۇم دىدى. ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم!ئايالىم مېنىڭ تامىقىمنى ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنىياقىدىغان ناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋەبالىلىرىمنى ئىمىتىدۇ، ئەسلىدەيۇقىرىقىئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمنىھارامدىن تىنچلاندۇرىمەن شۇنىڭ ئۈچۈنمەن ئۇنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىمەن،ۋارقىراشلىرىغا سەۋىر قىلىمەن دېدى. ھىلىقى كىشى: ئىمۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مېنىڭ ئايالىممۇشۇنداق قىلىدۇ؟ دېدى. ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇنىڭغا:قېرىندىشىم! سەۋىر قىلغىن قىسقا ۋاقىتتا ياخشىبولۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ.
بۇۋەقەلىكنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغانمەنبەنى تاپالمىدۇق، ھەدىسشۇناس ئالىملاردىنبىرەرسىنىڭمۇ بۇ ۋەقەلىك توغرىسىداسۆزلىگەنلىكىنى بىلمەيمىز.
بۇۋەقەلىكنى شاپىئىي مەزھەپ پىقھى ئالىملىرىدىنشەيخ سۇلايمان ئىبنى مۇھەممەدئەلبۇجەيرىمى “شەرھىئەلمەنھەج” ناملىقئەسىرى3- توم 441-442-بەتلەردە بايان قىلىدۇ.
ھەنەپىمەزھەپدىكى پىقھى ئالىملىرىدىن ئەبۇللەيسسەمەرقەندى “غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش”ناملىق ئەسىرىنىڭ 517-بىتىدە زىكىر قىلغان. ئىبنىھەجەر ھەيتەمىي “ئەززەۋاجىرناملىق ئەسىرى 2-توم 80-بەتتە بايان قىلغان.ئەممائۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ۋەقەلىكنى ئىسنادىبىلەن زىكىر قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى”بىر كىشىدىن زىكىر قىلىندى ياكى رىۋايەت قىلىندى”دېگەندەكۋەقەلىكنىڭ زەئىپلىكىنى ئىپادىلەيدىغانئىبارىلەربىلەن بايان قىلدى. مانا بۇمەزكۇر قىسسىنىڭ مەنبەسىنىڭ ساغلامئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇ قىسسىنىڭ ئاساسسىزئىكەنلىكىنى كۈچلاندۇرىدۇ: ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھاياتىغا قارايدىغانبولساق، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىنئەيمىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر. ئىشئۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئايالىبەكرەك ئەيمەنمەمدۇ!؟.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇنداق دەيدۇ:ئۆمەر ئىبنىخەتتابتىن ئەيمەنگەنلكىمدىن ئۇنىڭدىن بىرئايەت توغرىسىدا سوئال سورىيالماستىن بىر يىلچە ساقلىدىم. [بۇخارىيرىۋايىتى4913-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].
ئەمرۇ ئىبنى مەيمۇن: “ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇغاخەنجەر ئۇرۇلغان كۈنى مەنمۇ بارئېدىم، شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپبىرىنچى سەپتە تۇرمىغان ئېدىم،ئۇزاتبولسا ھەيۋىتىدىن كىشىلەرئەيمىنىدىغان كىشى ئېدى”دەيدۇ. [ھىليەتۇلئەۋلىيا 4-توم-151-بەت].
ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭسىرتتىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدەۋارقىراپ سۆزلىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭگەپ قىلماستىن جىم تۇرۇشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئىش.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭئەھۋالىنى بىلگەن كىشى بۇنى ئەلۋەتتەئىنكار قىلىدۇ. شەيتانمۇئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ھەتتا ئۆمەررەزىيەللاھۇ ماڭغان يولدىن قورقۇپماڭمايدىغان تۇرسا، ئىلگىرى ئۆتكەنسەلەپ-سالىھلاردىن ئاياللىرى ۋارقىراپ سۆزلەيدىغانۋە ۋە ئېرىغا تىل ئۇزىتىدىغانئەھۋاللار مەلۇم ئەمەس.
ئەمما ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ئايالىممېنىڭ تامىقىمنى ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنى ياقىدىغانناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋە بالىلىرىمنىئىمىتىدۇ، ئەسلىدەيۇقىرىقىئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىئەمەس دېگەن سۆزلەر توغرا ئەمەس. چۈنكىئۆرپ-ئادەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە خىزمەتقىلىشىمەجبۇرىيەتھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بالائېمىتىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ئايالئەرنىڭ ئەمرىدىلا بولىدىكەن ئېرىنىڭبالىلىرىنى ھەقسىز ئېمىتىشۋاجىپبولىدۇ.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى:بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى يوق، ئۇنىڭتېكىستلىرى بۇنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنىئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇۋەقەلىكنى ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپسۆزلىشى دۇرۇس دەپ دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئىككىنچى: ئايالنىڭئېرىگە ۋارقىراپ جاۋاپ ياندۇرۇشىئەدەپسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بولۇپ،ئۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمين رەھىمەھۇللاھدىن:ئەر-ئاياللىقتۇرمۇشتا ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ سۆزقايتۇرۇشى توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخبۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بىزنىڭبۇ ئايالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز، ئايالنىڭئېرىگە ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاپقايتۇرۇشى ئەدەپسىزلىكتۇر.چۈنكى ئەر دېگەن ئۇنىڭ ھەممەئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، ئۇنىڭغاكۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالنىڭ ئېرىنى ئېھتىرامقىلىشى، سۆزلىگەندە ئەدەپ بىلەن سۆزقىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئايالنىڭئېرىگە ئەدەب ۋە ئېھتىرام بىلەنسۆز قىلىشى، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۈنسى-ئۈلپەتۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭداۋاملىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.شۇنىڭدەك ئەرمۇ ئايالى بىلەن شۇنداقمۇئامىلىدە بولىشى لازىم.تۇرمۇشئەر-ئايالنىڭبىر-بىرىگە كۆيۈنۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنكَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّـهُفِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا تەرجىمىسى:ئۇلار بىلەنچىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنىياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكىسىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپخەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن[سۈرە نىسا 19-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
بۇ ئايالغا مېنىڭنەسىھىتىم: ئۆزى ۋە يولدىشى توغرىسىدا دائىم ئاللاھقابولغان تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتىشى،ئېرىتۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەۋاتقان بولسا،ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاب بېرىشىنىڭ توغرائەمەسلىكى، بەلكى ئېرىغا مۇلايىملىق بىلەنسىلىق سۆزلىشىئۇنىڭ دۇنياۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. [نۇرۇنئەلەددەرب پەتىۋاسى(192)].
بۇ ھەقتەيەنىمۇ كۆپ مەلۇمات كېرەك بولسا(125374– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھبىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى