ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىپ ئىككى تەرەپتىن ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىن ھەق ئېلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
تىجارەتتە ۋاستىچىلىك قىلىش قىلىشنىڭ ھۆكمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا
سوال: 183100
اللہ کی حمد، اور رسول اللہ اور ان کے پریوار پر سلام اور برکت ہو۔
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئوتتۇرىدا ۋاسىتە بولغۇچى ياكى دەللاللىق قىلغۇچىنىڭ كېلىشكەن شەرتلەر ياكى ئۆرپ-ئادەتكە كۆرە ساتقۇچىدىن ياكى سېتىۋالغۇچىدىن ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەق ئىلىشى توغرا بولىدۇ، بۇ مالىكى مەزھەپنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇلار شەرت قىلىشمىغان ياكى ئۆرپىدە ئۇنداق ئىش بولمىسا، ئۇلارنىڭ قارىشىغا كۆرە ھەقنى ساتقۇچىدىن ئالىدۇ.
دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى سالىھ ئەترەم مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرتمۇ يوق ۋە ئادەتمۇ بولمىسا، ئارىدىكى ۋاستىچىنىڭ ھەققى ئىككەيلەندىن كىم ئارىغا سالغان بولسا شۇنىڭغا بولىدۇ، ساتقۇچى ئارىغا سالغان بولسا ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچى ئارىغا سالغان بولسا، سېتىۋالغۇچىغا، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئارىغا سالغان بولسا، ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ”. [“تىجارەتتىكى ۋاستىچىلىك” 382-بەت. “ھاشىيەتى دۇسۇقى” 3-توم 129-بەتكە قارالسۇن].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 13-توم 129-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “تىجارەتتە ئارىدىكى ۋاستىچىنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققى توغرىسىدا كۆپ تالاش-تارتىش بولدى، يۈزدە 2.5% ئالامدۇ ياكى 5% ئالامدۇ؟ بۇنىڭدىكى شەرئى بەلگىلىمە قايسى ياكى ساتقۇچى بىلەن ۋاستىچى ئۆزئارا كېلىشكەن بويۇنچە بولسا بولامدۇ؟.
جاۋاپ: ئەگەر تىجارەتتە ۋاسىتە بولغۇچى ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىن قىلغان ئىشىغا مەلۇم مىقداردا ھەق ئىلىشىنى كېلىشكەن بولسا قىلغان ئىشىغا كۆرە ھەق ئالسا توغرا بولىدۇ، قىلىدىغان ھەرىكىتى بېكىتىلمەيدۇ، بەلكى ئىش ھەققىنى بېرىدىغان كىشىنىڭ رازىلىقى ۋە ئىتتىپاقى بويۇنچە بولىدۇ، لېكىن ئالىدىغان ھەق شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە كۆرە، ۋاستىچىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سالا قىلىپ، ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا سودىنى پۈتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئادەتكە كۆرە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن زىيادە بولمايدۇ». پەتىۋادا: شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد، شەيخ سالىھ ئەل پەۋزان، ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار.
ئىككىنچى: ۋاستىچى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسا، بىر تەرەپ بىلەن ئايرىم دېيىشىپ باھانى زىيادە قىلىشى ياكى كېمەيتىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ساختىپەزلىك، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر، بولۇپمۇ ۋاستىچى سودىغا ئىگە بولغاندا خاتا قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىر تەرەپنىڭ ۋەكىلى، ۋەكىل دېگەن ئىشەنچىلىك بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ پايدا ئالغان نەرسىسى ئۆزىنى ۋەكىل قىلغان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ.
“مەتالىبۇ ئۇلىن نۇھا” 3 -توم 132 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: “ساتقۇچى كېلىشكەن باھادىن سودىنىڭ پۇلىنى ئازراق كېمەيتىپ ئۇنى سېتىۋالغۇچى ۋەكىل قىلغان كىشىگە ھەدىيە قىلىپ بەرگەن بولسا، بۇ شۇ ئادەمنى ۋەكىل قىلغان كىشىنىڭ ھەققى بولىدۇ، ۋەكىلنىڭ ھەققى بولمايدۇ.
ئەگەر ۋاستىچىنىڭ ئىشى ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىنى كۆرسىتىپ قويۇش بولۇپ، ئارىدا مۇئەييەن بىر ھەق بېرىدىغانغا كېلىشىم بولمىسا، بەلكى ئۇ كىشىدىن ساتقۇچى ئەڭ ياخشى باھادا مېلىنى سېتىپ بېرىشنى ۋە سېتىۋالغۇچىمۇ مۇۋاپىق باھادا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۇ كىشى ئۆزىنى ئىشلەتكەن كىشىنىڭ غەيرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن بولسا، بۇ ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت بولىدۇ.
پىقھى ئالىملىرىدىن بەزىلىرى ۋاستىچىلارنى ھەق بېرىپ ۋەكىل قىلىنغۇچى دەپ قارايدۇ. [“دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى سالىھ ئەترەمنىڭ: “تىجارەتتىكى ۋاستىچىلىك” ناملىق ئەسىرى 115 -بەت.]
ئۈچىنچى: ئەگەر ۋاستىچى ئىككى سودا قىلغۇچىنىڭ بىرى ئۈچۈن ۋاستىچىغا بېرىدىغان مۇئەييەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بەدىلىگە خىزمەت قىلغان بولسا، گەرچە بېرىدىغان ھەقنى مالنىڭ پۇلىغا قېتىۋەتسىمۇ بۇ مالنىڭ باھاسىنى ھەددىدىن زىيادە ئۆستۈرۈشكە ئىلىپ بارمىسا ئۇنى يەنە بىر تەرەپكە بىلدۈرۈش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن مالنىڭ باھاسى بەك زىيادە بولۇپ كەتسە توغرا بولمايدۇ.
ئەگەر ساتقۇچى ۋاستىچىغا: بۇنى يۈز كويغا ساتساڭ ساڭا ئۇنىڭدىن ئون كوي بېرىمەن دېسە، ئۇ ۋاقىتتا شۇ مالنىڭ بازاردىكى باھاسى توقسان كوي بولۇپ، سېتىۋالغۇچى رازى بولۇپ سېتىۋالغان، ئالداش ۋە ئېزىقتۇرۇش بولمىغان بولسا، ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققىنى سېتىۋالغۇچىغا بىلدۈرۈش كېرەك بولمايدۇ.
بىر قىسىم پىقھى ئالىملىرى ۋاستىچىغا بېرىدىغان ئىش ھەققىنى سەمىمىيلىك بىلەن مالنىڭ ئەسلى باھاسىنى بىلدۈرۈپ پايدا ئىلىپ ساتىدىغان سودىدا مالنىڭ پۇلىغا قېتىۋەتسە بولىدۇ دەپ قارىدى، بۇنىڭغا كۆرە مالنىڭ ئەسلى باھاسىنى بىلدۈرۈش كېرەك بولمايدىغان سېلىشتۇرما سودىسىدا ۋاستىچىغا بېرىدىغان ئىش ھەققىنى مالنىڭ پۇلىغا قېتىۋەتسە ئەلۋەتتە بولىدۇ.
كاسانى رەھىمەھۇللاھ پايدا ئىلىپ سېتىش سودىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : “كىيىمنى پاكىزلايدىغان، بويايدىغان، يۇيىدىغان، ئۆرۈيدىغان، تىكىدىغان، ۋاستىچىلىك قىلىدىغان، مال ھەيدەپ كەلگەن، كىرا تۆلىگەن، قۇللارغا بەرگەن مۇۋاپىق يېمەك، كىيىمنىڭ ھەققى، ئۇلاغلارغا ھەلەپ ئېتىپ بەرگەن دېگەندەك چىقىملارنى مالنىڭ ئەسلى باھاسىغا قېتىۋەتسە بولىدۇ، پايدا ئىلىپ سېتىش ۋە ئالغان باھاغا سېتىش قاتارلىق سودىلار ئۆرپىگە كۆرە بولىدۇ، چۈنكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چىقىملارنى مالنىڭ ئەسلى باھاسىغا قېتىۋىتىپ ئۇنىمۇ مالنىڭ ئەسلى پۇلى دەپ ھېسابلايدۇ”. [ “بەدائى سەنائى” 5 -توم 223 -بەت.]
شەيخ خالىد مۇشەيقىھدىن: مېنىڭ شەرقتىكى بىر دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنۇم بار، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىدا ۋەكىل بولغانغا ئوخشاش، ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن مال سېتىۋالغۇچى كەلسە، ئۇنىڭ ياردەملىشىپ مال سېتىۋېلىپ ئۇنى شۇ كىشىنىڭ دۆلىتىگە يۆتكەش يوللىرى ئارقىلىق يوللاپ بېرىش، بۇنىڭ بەدىلىگە ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويۇنچە ھەق ئالىدۇ، بۇ شەكىلدە ئالغان ھەق ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ ئەگەر زاۋۇت بىلەن كېلىشىم قىلىپ، سېتىۋالغۇچى بۇنىڭغا رازى بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ خەۋىرى يوق ھالەتتە زاۋۇتتىن ھەق ئالسام بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
يالغۇز بىر ئاللاھقا ھەمدە-سانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت سالاملار بولسۇن: ئەسلىدە دەللالنىڭ، ۋاستىچىنىڭ ئالغان ئىش ھەققى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە)ۋاپا قىلىڭلار» [سۈرە مائىدە 1 -ئايەت.]
يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا تەرجىمىسى: «ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى». [سۈرە بەقەرە 275 -ئايەت. ]
ئەمىر ئىبنى ئەۋىپ مۇزەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان قىلىشقان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى 1352-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3594 -ھەدىس. باشقىلارمۇ بايان قىلغان.]
ئەگەر بۇ شەرتلەر شەرئى چەكلىمىنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا ياكى دۆلەتنىڭ يەرلىككە قويغان باج سىياسىتىگە زىت كەلمىسە ياكى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە زىت كەلمىسە قىلىنغان شەرتلەرگە ئەمەل قىلىنىدۇ.
مۇھىمى: بۇ يەردە ئىككى تەرەپ بىلگەن ياكى ئىتتىپاق كەلگەن ياكى شۇ شەھەر خەلقىنىڭ ئادىتىگە زىت بولسا ئۇ كىشى سېتىۋالغۇچىدىن ھەققىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن زاۋۇتتىن بىر نەرسە ئالمايدۇ، ئۇنداق قىلسا توغرا بولمايدۇ، ئەگەر زاۋۇتتىن بىر نەرسە ئالىدىغان ئىش ئۆرپىگە ئۇيغۇن بولسا ئالسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەسلىدە دۇرۇس ئىشتۇر”. “بۈگۈنكى ئىسلام پەتىۋالىرى”.
يۇقىرىقى دۇرۇسلۇقتىن: ئەگەر سېتىۋالغۇچىغا ياكى كېلىشىم قىلغۇچىلارغا زىيان يېتىدىغان ئەھۋال بولسا ياكى ۋاستىچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى بەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا ياكى كېلىشىمنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرە قىلغان بولسا توغرا بولمايدۇ.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد مۇختار شەنقىتىدىن: “بىر كىشى بىر پارچە زېمىننى يۈز دىنارغا ساتماقچى بولغاندا، يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭغا: مەن سىزگە يۈز يىگىرمە دىنارغا سېتىپ بېرەي دەپ، سېتىۋالغۇچىغا: زېمىن ئىگىسى يۈز يىگىرمە دىنارغا ساتماقچى دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سودا پۇتۇپ زېمىننى يۈز يىگىرمە دىنارغا ساتىدۇ، ئۇ كىشى سېتىۋالغۇچىدىن ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى ئالغاندىن سىرت يۈز دىنارنىڭ ئۈستىدىكى يىگىرمە دىنارنىمۇ ئالىدۇ، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: بۇ مەسىلىدە بىر قانچە سوئال بار ئىكەن:
بىرىنچى: زېمىننىڭ ھەقىقى ئىگىسى سىزگە بۇنى يۈز دىنارغا ساتقىن دېسە، سىز مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىڭىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك، سىز بۇ زېمىنغا ئېھتىياجلىق كىشىنى تاپتىڭىز ياكى بىر قىسىم كىشىلەر پۇل توپلاپ بىرىگە ئېلىپ بېرىدىغان بولسا، سىز بۇ سودىدا ئاللاھدىن قورقۇڭ، بۇ سىزگە ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان نەسىھەت.
ئىنسان ئۆزىنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ھەق-ھوقۇقىغا نەزەر سالماستىن نەپسانىيەتچى ۋە ئاچ كۆز بولىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر باشقىلار سىزگە شۇنداق قىلسا، سىزمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رازى بولمايسىز. مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشى كېرەك، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرماسلىقى كېرەك، نورمال ھالەتتە سېتىش مۇمكىن بولۇپ تۇرۇپ زىيادە پايدا ئىلىپ سېتىش لايىق بولمايدۇ.
ياخشىسى قېرىنداشلىرى توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقسۇن، بازارغا زىيان يەتكۈزۈش يولى بىلەن پايدىنى ئۆزىگە خاس قىلىۋالمىسۇن. [“شەرھى زادىل مۇستەقنى”].
بۇنىڭدىن: ئەگەر سېتىۋالغۇچى ۋاستىچىنىڭ تۇغقىنى ياكى دوستى بولۇپ ، ۋاستىچىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل ئالىدىغانلىقىنى بىلمىسە، ۋاستىچىنىڭ ئۇلارغا مالنى ماختاپ سېتىشى ئۇلارنى ئالدىغانلىقى بولىدۇ.
دوكتۇر سىلاھ ساۋىدىن: مەن سېتىۋالغۇچىنىڭ خەۋىرى يوق مەلۇم پۇلنى ئالدىم، بۇ ماڭا ھالال بولامدۇ ياكى ھارام بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە رەھمەت سالاملار بولسۇن: ئەسلىدە سودا ئۇيغۇن بولۇپ ئۇنىڭ تامام بولىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا ھەرىكەت قىلغان بولسا، ۋاستىچىنىڭ ئىش ھەققى ھالالدۇر. لېكىن سوئالدا سورالغان ئىش بۇنىڭ ئەكسىدۇر، ئەگەر سېتىۋالغۇچى سىزنى يېقىنلىق ياكى ئىلگىرىكى دوستلۇق يۈزىسىدىن بۇ ئىشنى ھەق ئالماي قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسا، سىزنىڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە بۇ ھەقنى ئىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىش ئۇنداق بولمىسا، بۇ ئەسلىدە ھالال بولىدۇ”.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ماخذ:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى