0 / 0
3,07016/03/2015

مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 184412

بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىنىپ، ھەقسىز تۈرمىگە تاشلانسا، شۇنداقلا تۈرمىدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەھبۇس زۇلۇمغا چىدىماي، سېرىتتىكىلەرنىڭ ئۇ كىشىگە كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا قېلىنغان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى كۆزلەپ ئاچلىق ئېلان قىلىشى توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇ مەھبۇس ئاچلىق ئېلان قىلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى تاللاشۋە پاكلاش ئۈچۈن دۇنيانى ئىمتىھان-سىناق دىيارىقىلدى. مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭياخشى تەسەللى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايانقىلغان مۇنۇ ئايەتتۇر: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِوَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَتەرجىمىسى:ئى مۆمىنلەر! سەۋرئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلاربىلەن بىللىدۇر. [سۈرە بەقەرە153-ئايەت].

زۇلۇمغائۇچرىغان مەھبۇس ۋە ئەسىر قېرىنداشلارشۇنى بىلىشى كېرەككى! تارىخقا قارايدىغان بولساقئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىسى ۋەپەيغەمبىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاممۇزۇلۇمغا ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئىمامئەھمەد ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغاننۇرغۇن سەلەپ ئالىملىرىمۇ ھەقنى قوغداشيولىدا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپتۇرمىلارغا تاشلانغان، ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈچۈنئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەۋىر قىلغان،شۇنداقتىمۇ ئۇلار زۇلۇمنىڭ يوقىلىشىئۈچۈن مۇمكىن بولغان توغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىنچەكلەنمىگەن.

ئىككىنچى:ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپبولماستىن ياكى بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەستىن،ئاچلىق ئېلان قىلىش، تاماق يېيىشتىن چەكلىنىش ياكى بەزىۋاقىتتا تاماق يەپ يەنە بەزى ۋاقىتتا تاماقيېمەسلىك، شۇ ئارقىلىق زۇلۇمنىيەڭگىللىتىش، تۈرمە ھاياتىنى تىز ئاخىرلاشتۇرۇش،زالىمنى خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپقويۇش ۋە ئۇنىڭ زۇلمىنىكىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇنى قىلغان قىلمىشىغائەپسۇسلاندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئېرىشكىلىبولىشىغا كۆزى يېتىدىكەن، ئاچلىق ئىلان قىلىش دۇرۇسبولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىكى مەقسەتپەقەت دۇرۇس بولغان يېمەكنى تەركقىلىشتۇر، مۇمكىن بولسا روزا تۇتۇشنى مەقسەتقىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلسا ئۇ ۋاقىتتا تاماقتىن چەكلىنىشبىلەن بىرگە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغائېرىشەلەيدۇ.

ئەمما ئاچلىقئېلان قىلىپ، تاماقتىن چەكلىنىش، ئۆزىنىڭئۆلۈمىگە ياكى بەزى ئەزالىرىنىڭ نابۇت بولىشىغاسەۋەپ بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاچلىقئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ،چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالائۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن بىر جاننى نابۇتقىلغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىھەممەيلەنگە مەلۇمدۇر.گەرچە جان ئۆزىنىڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇنىبىھۇدە نابۇت قىلىۋېتىش ئۇنىڭھەققى ئەمەس. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِتەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنىھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرەبەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْتەرجىمىسى: سىلەرئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر – بىرىڭلارنى)ئۆلتۈرمەڭلار. [سۈرە نىسا 29-ئايەتنىڭبىرقىسمى].

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: كىمكى تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپئۆلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشىجەھەننەمدە ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپئەبەدىي ئەبەد ئازابلىنىدۇ، كىمكىزەھەر ئېچىپ ئۆلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشىجەھەننەمدە ئەبەدىي ئەبەد قولىدازەھەر تۇتۇپ زەھەر يۇتۇپئازابلىنىدۇ، كىمكى ئۆزىنى پىچاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغاننەرسىلەر بىلەنئۆلتۈرىۋالىدىكەن، ئۇ كىشىجەھەننەمدە ئەبەدىي-ئەبەدقولىدىكى تۆمۈرنى ئۆزىنىڭ قورسىقىغا تىقىپ ئازابلىنىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى 5778-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى109-ھەدىس].

ھەنەپىمەزھىپىدىكى كاتتا ئالىم ئىمام سەرخەسىرەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭئەسىر-مەھبۇس توغرىسىدىكى سۆزىنى بايان قىلىپ:”مەھبۇس ياكى ئەسىرنىڭ ئۆزىنىئۆلتۈرۈۋېلىشىۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈشىگەياردەم بېرىشى توغرا بولمايدۇ” دېگەن.[شەرھى سىيرۇل كەبىير 4-توم 1498-بەت].

ھەنەپىمەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن، ئەبۇ بەكرىرازى ئەلجەسساس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”كىمكى دۇرۇس بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىنچەكلىنىپ، ئۆلۈپ كېتىدىكەن، كۆپچىلىكئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانھېسابلىنىدۇ، ھالال بولغان يېمەكلىكىنى يېيىشتىنباش تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىققىلغان بولىدۇ”. [ئەھكامۇل قۇرئان1-توم177-بەت].

مالىكىيمەزھىپىدىكى مەشھۇرئالىملاردىن ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “ئۆز نەپسىنىيېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەپ ئۆلۈپكەتسە، ئۇ كىشى گۇناھكار، ئۆزىنىئۆلتۈرۈۋالغان بولىدۇ”.[ئەلپۇرۇق 4-توم 183-بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىز رادىئو،گېزىت-ژورناللاردىن كىشىلەرنىڭ ئاچلىق ئېلانقىلغانلىقىنى، بەزى دۆلەتتىكى كىشىلەرئەمەلدارلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلانقىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلايمىز،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈرمىدىكى مەھبۇسلارئىكەن، ئۇلاردىن ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپكەتكەنلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپسورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداقدېگەن: “ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈپكەتكەن كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشنى قىلىپئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنىدۇ،چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر -بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتىمېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

ھەممەيلەنگەمەلۇمكى، يېمەك-ئىچمەكتىنچەكلەنگەن كىشى چوقۇم ئۆلۈپكېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنىدۇ،ئىنسان ئۆلۈپ كەتكىچە يېمەك-ئىچمەكتىنچەكلەنسە توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئۆزنەپسىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ياكى ھەق-ھوقۇقىنىقولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈپكەتمىگۈدەك مۇددەتتە ئاچلىق ئېلانقىلسا بولىدۇ. يەنى ئاشۇ ئىنسان ياشاۋاتقاندۆلەت-رايوندا ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىقزۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى ياكى ئۆزىنىڭھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن،ئاچلىق ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنىئۆلۈپ كېتىش باسقۇچىغىچەداۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ”. [شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 365-بەت].

كۆپچىلىكئالىملار: گەرچە تۇرمىدا مەھبۇسغا يېيىشچەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنىكەلتۈرگەندىمۇ يىمەي ئۆلۈپكېتىشتىن ئەنسىرىسە بۇ تائامنى يېيىشىكېرەك دەپ قارايدۇ.

كۇۋەيتۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىنتۈزۈلگەن “پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى”ناملىقئەسەرنىڭ 5-توم 157-بېتىدە:”قىيىنچىلىقتا قالغانكىشىچەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ ھاياتىنىساقلاش زۆرۈر دېگەن قاراشنى ھەنەفىي،مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭھەممىسى كۈچلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى،ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر -بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار. [سۈرەنىسا 29-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِتەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنىھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرەبەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ھەقىقەتەنئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشى،چەكلەنگەن (يەنى ھارام) يېمەكلىكلەرنىبولسىمۇ يېمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى، نەپسىنىھالاكەتكە تاشلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكىيېمەكلىكتىن چەكلىنىش قىلمىشى شۇ ئىنساننىڭئۆزىگە نىسبەت بېرىلىدۇ،” دېيىلگەن.

ئىبنىقۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئامالسىز قالغان كىشى ئۈچۈن ئۆزىئۆلۈپ قالغان چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يېيىشى لازىمبولامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىككى خىل قاراش بار. بىرىنچىسى: يېيىشزۆرۈر بولىدۇ، بۇ مەسرۇق ۋەشافىئى مەزھىپىدىكى ئالىملارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدۇر.ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەدرەھىمەھۇللاھدىن، ئامالسىز قالغان كىشى ھارام بولۇپقالغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى تاپسا يېسە بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، مەسرۇقنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىنەقىل قىلىپ، ئامالسىز قالغان كىشى ئۇ گۆشنى يىمەي،ئىچىملىكنى ئىچمەي ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كىرىدۇدېگەن. ئىبنى ھامىد رەھىمەھۇللاھمۇ بۇقاراشنى تاللىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِتەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنىھالاكەتكە تاشلىماڭلار [سۈرەبەقەرە 195-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىتۇرۇپ، يىمەي ئۆلۈپ كەتسە،ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغان بولىدۇ. بۇ توغرىدائاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:وَلَا تَقْتُلُواأَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًاتەرجىمىسى:سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر -بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتىمېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

ئۇ كىشى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭئۈچۈن يېيىشنى دۇرۇس قىلىپ بەرگەننەرسىنى يەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا قادىربولالىسا يەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش لازىم بولىدۇ.”[ئەلمۇغنىي ناملىق ئەسەر 9-توم 415-بەت].

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “قىستالغان ۋاقىتتا چەكلەنگەننەرسىنىڭ گۆشىنى يېيىش زۆرۈر.مەسرۇق مۇنداق دەيدۇ: چەكلەنگەننەرسىنىڭ گۆشىنى يېيىشكە قىستالغان ئادەم(ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن) ئۇنى يىمەيئۆلۈپ كەتسە، دوزاخقا كېرىدۇ”.[پەتىۋا كۇبرا 1-توم 389-بەت].

يەنە مۇنداقدەيدۇ: “تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە باشقائالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ: ئامالسىز قالغان كىشىنىڭ، ئۆزىئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىدىن يېيىشىزۆرۈر بولىدۇ”. [پەتىۋا كۇبرا 5-توم547-بەت.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android