ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھەدىس شىرىپتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش روزا تۇتقۇچىنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى يوق قىلىدۇ ياكى يەڭگىللىتىدۇ؟ دەپ بايان قىلىنغانمۇ؟

سۇئال: 191379

   روزا تۇتقۇچى ئۇسسۇزلۇقنى ھېس قىلغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن تىلى نەم بولۇپ ئۇسسۇزلۇقى يوق بولىدۇ؟ دېگەن مەزمۇندا ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

    ھەدىس كىتابلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى كۆرمىدۇق، شەرىئەتتە ئۇسسۇزلۇق بىلەن زىكىرنىڭ ئارىسىدا بىرەر ئالاقە بولغانلىقنى بىلمەيمىز. لېكىن سوئال سورىغۇچى مۇنۇ سەھىھ ھەدىسنى چۈشەنمىگەن بولىشى مۇمكىن:  ئابدۇللاھ بىن بۇسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى كۆپ بولۇپ كەتتى، ماڭا دائىم ئەمەل قىلىدىغان بىر ئىشنى خەۋەر بەرگەن بولسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تىلىڭىز دائىم ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن نەم بولسۇن» دېدى.[ تىرمىزى رىۋايىتى 3375 –ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3793 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن. ]

   بۇ روزا تۇتقۇچى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدۇر، لېكىن روزىدار ھالەتتە ئاللاھنى بەك ياد قىلىش كېرەك بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ روزا ياكى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، تىلىڭىز ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ياد قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرسۇن، تىلنىڭ ھەرىكىتى ئازلاپ قۇرۇپ قالغانغا قەدەر ئاللاھنى ياد قىلىشتىن ئۈزۈلمىسۇن  دېمەكتۇر.

    مۇبارەك پورى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۆپ زىكىر قىلىش بىلەن تىلىڭىز نەم بولۇپ تۇرسۇن دېمەكتۇر" . ["تۆھپەتۇل ئەھۋەزى"].

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ۋابىل سەييىب مىن كەلىمە تەييىب" ناملىق ئەسەرنىڭ 41 بەتتە مۇنداق زىكىر قىلىدۇ: " ھەقىقەتەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پايدىسى يۈزدىن ئاشىدۇ دەپ ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى زىكىر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ پايدىلىرىدىن ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۇسسۇزلۇقنى يەڭگىللىتىدۇ ياكى روزا تۇتقۇچىنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى يوق قىلىدۇ دېگەننى زىكىر قىلمىدى".   

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android