0 / 0

نامازنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن ئىمام قىرائەتنى ئۆلچەملىك قىلالمىسا ئورنىغا باشقا بىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا بولامدۇ؟

سوئال: 197281

تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشى نامازغا ئىمام بولدى، ئاۋازىمۇ ياخشى ئەمەس، قۇرئان كەرىمنىمۇ ئۆلچەملىك توغرا ئوقۇيالمىدى، جامائەت ئارىسىدا قۇرئاننى ئۆلچەملىك ياخشى ئوقۇيدىغان، ئاۋازى چىرايلىق، ئىماملىققا لايىق كىشىلەر بار، بۇ كىشىنىڭ ئىماملىققا لايىق ئەمەسلىكىنى نامازنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بىلدۇق، نامازنى توختىتىپ ئۇ كىشىنى ئىماملىقتىن قالدۇرۇپ، ئىماملىققا لايىق بولغان كىشنى ئىمام قىلساق بولامدۇ؟، ئەگەر مەن نامازدىن چىىقسام گۇناھكار بولىمەنمۇ؟، بۇ خاتالىقىمنىڭ كاپارىتى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

بىرىنچى:نامازدا ئىماملىققا قارى-قۇرئان، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشىئوقۇيدىغان كىشى لايىق بولىدۇ. ئەبى مەسئۇدئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: جامائەتكەئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشى ئوقۇيدىغان قارىلار ئىمام بولىدۇ،ئەگەر ھەممەيلەن قارى بولسا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىياخشى بىلىدىغانلار ئىمام بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىسۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان بولسا، ئىلگىرى ھىجرەت قىلغانلارئىمام بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭھىجرەت قىلغان بولسا، ياشقا چوڭ بولغان بىرى ئىمام بولىدۇ، بىركىشى يەنە بىر كىشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدەئىمام بولىۋالمىسۇن، بىر جايغا بارغاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭرۇخسىتىسىز ئۇنىڭ ئورنىدائولتۇرۇۋالمىسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 673-ھەدىس].

قارىلارئىمام بولىدۇ دېگەندىن مەقسەت: ئاللاھنىڭكىتابىنى ياد قىلغان، تەجۋىدلىك ئوقۇيدىغان كىشىدېمەكتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇكۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 132985 نومۇرلۇقسوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى:جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشئۈچۈن بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتىدىكەن، بۇ ئىمام سۈرەپاتىھەنى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىكەن ياكى خاتائوقۇسىمۇ ئايەتنىڭ مەنىسىئۆزگەرمەيدىغان ھالەتتە بولسا، جامائەتتىنھېچ بىر كىشىنىڭ بۇ ئىمامنى تارتىپ ئارقىغائۆتكۈزۈپ، ئورنىغا ئۆزى ياكى باشقا بىرسىنى چېقىرىپئىماملىق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭئىماملىقى توغرا بولغان، توغرا ئوقۇۋاتقان ئىمامنىكەينىگە تارتىپ باشقا بىرنى چىقىرىش دېگەن، ئىماملىقئورنىغا ۋە ئىمامنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغاتاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر، بۇنىڭ بىلەنجامائەت ئارىسىدا ئىختىلاپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ،بۇنىڭدىن پەيدا بولغان تەشۋىشلەر،دىققەتنىڭ چېچىلىشى ۋە نامازداخۇشۇنىڭ بولماسلىقى بىلەن جامائەتنىڭ نامىزىبۇزۇلىدۇ.

ئۈچىنچى:ئەگەر بۇ ئىمام پاتىھە سۈرىسىنى ياخشى ئوقۇيالماي،ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغاندەرىجىدە خاتا ئوقۇسا، باشقىلار لوقما سىلىپ توغرىلاپ قويساتوغرا ئوقۇيالماي يەنە خاتا ئوقۇسا، (بۇنداق بولىشىئەمەلىيەتتىن بەك يىراق) ئۇ ئىمامنىڭكەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا پىتنە بولمايدىغان ھالەتتە،ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىۋاتقانجامائەتلەرنىڭ بىرى ئىمامنىڭ پېشىنى تارتىپكەينىگە چېكىندۈرۈپ ئۆزى ياكى ياخشىئوقۇيدىغان بىر كىشىنى ئىماملىققا چىقارسا دۇرۇس بولىدۇ،ئەمما ئىمامنى كەينىگە تارتسا جامائەت ئارىسىداپىتنە بولىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۆزى يالغۇزئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ نامىزىنى تولۇقلايدۇ.

ئەگەرئىمامغا لوقما سىلىپ توغرىلاپ قويسىمۇ ئىمامنىڭ چىشىچۈشۈپ كەتكەن ياكى كوماك بولۇپ قالغانلىقسەۋەبىدىن توغرا ئوقۇيالمىسا، كۈچلۈكقاراشتا، ئىمامنىڭ ۋە ئىمامغا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنكىشىلەرنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. بۇنداقھالەتتە ئىمامنى كەينىگە چىكىندۈرۈپباشقىلارنى ئىماملىققا چىقىرىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدىنكېيىن ئۇ كىشى ئىماملىققا ئۆتمەسلىكى كېرەك.ئىلگىرى بۇ مەسىلىنى 146489– نومۇرلۇقسوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان ئىدۇق.

نامازئوقۇغۇچىلارمۇ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇنجامائەت ئارىسىدىن ئىماملىققا يارايدىغان كىشىنى تاللىشى كېرەك.

نامازنىباشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىمامنىڭ ئاۋازى ياخشىئەمەسكەن دەپ ئۇنى كەينىگە تارتىپباشقا كىشىنى ئىماملىققا ئۆتكۈزۈش ھەرقانداقھالەتتە توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 152929– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغاقارالسۇن.

ئاللاھتائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android