ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
3,83826/11/2013

ئەر ئايالىغا مېنى يالغۇز قوي، يوقال، سەن ئۆيدە بولساڭ بىر ۋەقە چېقىپ قالغۇدەك! دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، ئايالى تالاق بولامدۇ؟

سۇئال: 201702

مەن بىلەن يولدىشىم ئارىسىدا ماجرا يۈز بەردى، يولدىشىم ئاچچىقىدا، مېنىڭ كېتىشىمنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشۇمنى، ئەگەر كەتمىسەم بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆز تالاق ھېسابلىنامدۇ؟. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا تىلىفۇن قېلىپ مېنىڭ تالاق مەسىلەم توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇردى. ئۇنىڭدىن سىز ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا نېمىنى نىيەت قىلغان دەپ سورالغاندا، ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلەشكەندە مېنى تالاق قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نىيىتى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق تالاق چۈشەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

تالاقدېگەن سۆز؛ لەۋزىدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغانۋە كىنايە يەنى تالاقنى ۋە باشقامەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانبولىدۇ.

ئوچۇقئىپادىلىنىدىغان لەۋزى بىلەن بولغاندا ئايالىغا:”سەن تالاق قىلىندىڭ” دىسە، بۇ سۆزدىنتالاقتىن باشقا مەقسەتئىپادىلەنمەيدۇ.

كىنايەشەكلى بىلەن بولغاندا، بۇنىڭدىن تالاق ۋەتالاقتىن باشقا مەقسەتلەرمۇ ئىپادىلىنىدۇ.بۇنىڭ مىسالى: ئەر كىشى ئايالىغا: “سەن بويتاق ياكىسەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ياكىئىختىيار ئۆزۈڭدە ياكى ئاتا-ئاناڭنىڭئۆيىگە كەت ياكى مېنىڭ ساڭا ھاجىتىم يوقدېگەندەك سۆزلەردىن ئىبارەت.

بىزيۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ئالىملارنىڭ كۈچلۈكقارىشىدا، كىنايە شەكىلدە ئېيتىلغانلەۋزىلەردە پەقەت شۇ سۆزنىتالاقنى مەقسەت قىلىپ دېگەندە تالاق ھاسىلبولىدۇ. ئەمما تالاقنى مەقسەت قىلماستىنئۇرۇشۇپ، ماجرا قىلىپ، ئاچچىقىدا دېگەنبولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.

بۇتوغرىدىكى پەتىۋانى بىلمەكچى بولسىڭىز (120947)نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىڭ.

يولدىشىڭىزنىڭسىزگە ئېيتقان سۆزىگە كەلسەك: سىزنىڭكېتىشىڭىزنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشىڭىزنى،ئەگەر كەتمىسىڭىز بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقى،بۇ كىنايە تالاق بولۇپ، ئەگەر سىزكەتمىسىڭىز چوقۇم بىرەر ۋەقە يۈزبېرىدىغان بولسا ۋە بۇ سۆزدىن ھەم تالاقنىمەقسەت قىلغان بولسا، بۇ سۆز بىلەن تالاق ھاسىلبولىدۇ.

سىزكەتمىسىڭىز بىرەر ۋەقە يۈزبەرمىسە ياكى يۈز بېرىپ قالسىمۇ يولدىشىڭىزبۇ سۆزدىن تالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، بۇسۆز بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.

يولدىشىڭىزنىڭئاتا-ئانىسى بىلەن سىزنىڭ تالاق مەسىلىڭىز توغرىسىداتالاش-تارتىش قىلىشقان شۇ ۋاقىتتا سىزنى تالاق قىلىشنىمەقسەت قىلىپ، ئەمما تالاقنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغانسۆزنى قىلمىغانلا بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىلبولمايدۇ.

يولدىشىڭىزئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قېلىش جەريانىدا تالاقنىئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلغان بولسا ياكى تالاقنىمەقسەت قىلىپ ئوچۇق سۆزلىمەستىن كىنايەشەكىلدە تالاقنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزىلەرنىسۆزلىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا تالاق ھاسىل بولىدۇ.

بۇيەردە دىققەت قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىش بار:

بىرىنچى:ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، سىزنى تالاق قېلىشنىمەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇرۇنئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا كەتكىن دېگەندەتالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، دەسلەپتەنېمىنى مەقسەت قىلغان بولسا شۇنىڭغا ھۆكۈمقېلىنىدۇ، كېيىن قېتىلغان نىيەتنىڭ ئىلگىرىكىھۆكۈمگە ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

ئىككىنچى:ئەر كىشى كۆڭلىدە تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇئەممابۇنىئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ۋەمەقسەتلىك كىنايە سۆزلەرنىمۇ قىلمىغان بولسا،بۇ مەسىلە 81726– نومۇرلۇق پەتىۋادابايان قىلغىنىمىزدەك، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىلبولمايدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android