0 / 0
18/شەئبان/1446 , 17/فېۋرال/2025

ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى بىلەن تىجارەت سۇغۇرتىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

问题: 205100

مەن ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى شېركەتتە خىزمەت قىلىمەن، مېنىڭ سوئالىم بولسا: شېركىتىمىزدە بار بولغان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى توغرىسىدا بولىدۇ، سوئالىمنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا ئىخچاملاشتۇرىمەن:

1-ساغلاملىق كاپالەت ساندۇقى توغرىسىدا: بۇنى خاس بىر ھەيئەت كۈزىتىدۇ، خىزمەتچىلەر دوختۇرخانا قەغەزلىرىنى كەلتۈرگەندە، ئۇلارغا تالۇندا يېزىلغان بويۇنچە خىزمەتچى دوختۇرخانىغا تۆلىگەن پۇلنى بېرىدۇ.

2-بۇ ساندۇققا كېلىدىغان مالنىڭ مەنبىيى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: ساندۇققا كېلىدىغان مالنىڭ 80% پىرسەنتى شېركەتنىڭ پېيىدىن كېلىدۇ، بۇنى شېركەت ئۆزىنىڭ يىللىق پايدىسىدىن ئايرىيدۇ.

ئىككىنچى: ساندۇققا كېلىدىغان مالنىڭ 20% پىرسەنتى بولسا خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قالغان پۇلدىن كېلىدۇ، ئايلىق ئىش ھەققى مىڭ دىنارغا يېتىدىغان بويتاق خىزمەتچىلەر ۋە ئۈچ مىڭ دىنارغا يېتىدىغان ئائىلىك خىزمەتچىلەردىن يۈزدە 3% پىرسەنتىن تۇتۇپ قالىدۇ، بۇ مال، ساندۇققا نازارەت قىلىدىغان ھەيئەتكە تەلەپ سۇنغاندىن كېيىن ئائىلىكلەرگە تۆلەم بېرىشنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ،

3-بويتاق ۋە ئائىلىك خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق كاپالەت تۈزۈمىگە ئېشتىراك بولۇش ئىخىتىيارلىق بىلەن بولىدۇ.

4-ىىزمەتچىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۇنىڭ ئايدا ئۆتەيدىغان ئىشتىراكىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇ ئاينىڭ ئېچىدە خىزمەتچىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىن پەرىقلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئايدا كېسەل بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى تۆلەم ئېلىش تۈزۈمىدىن پايدىلىنىدۇ، يەنە بىر قىسىملىرى پايدىلىنالمايدۇ.

5-خىزمەتچى تۆلەمدىن پايدا ئالالمىغان ھالەتتە، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان مەبلەغلەر يىلنىڭ ئاخىرىدا بولسۇن ياكى دەم ئېلىشقا چىققاندا بولسۇن ئۇلارغا قايتۇرۇلمايدۇ.

6-يىلنىڭ ئاخىرىدا ساندۇقتا ئېشىپ قالغان پۇللار، كىلەر يىللىق خىراجەتكە ئەۋەتىلىپ ساندۇقتا قالىدۇ، يېڭى يىلدا ئېلىنغان مەبلەغكە قېتىلىدۇ.

7-شېركەت باشقا بىر شېركەت ياكى سۇغۇرتا گورۇھى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ.

بۇ شەكىلدىكى ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى قاتارىدا ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

答案

感谢真主,祝福先知及其家人

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: تىجارى سۇغۇرتىسى بىلەن ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ئارىسىدىكى مۇھىم پەرقلەر: ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدا پارچە-پارچە ئالغان مالغا ساندۇق باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىگە بولالمايدۇ، بەلكى شەرتلەر مۇۋاپىق كەلگەن كىشىلەرگە ئىئانە قىلىش ئۈچۈن قالىدۇ، ئەمما ساندۇق باشقۇرۇش ھەيئىتى ساغلاملىق ۋە تىجارى سۇغۇرتىلاردا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلاردىن ۋە ئېشتىراك قىلغانلاردىن پارچە-پارچە ئالغان مالغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ شەخسى ھېسابىغا كېرىدۇ، بۇنىڭ باراۋېرىدە، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنىڭ داۋالىنىش چېقىملىرىنى لازىم تۇتىدۇ، بۇ ئىككى سۈرەت ئارىسىدا زور پەرق بار.

بىرىنچى سۈرەت بولسا، ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ شەرىئەتتە ئەسلى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:  ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەشئەرى قەبىلىسىدىكىلەر ئۇرۇشتا ئېرى ۋاپات بولۇپ تۇل قالغانلارغا ياكى شەھەردە يېمەكلىك قىس بولۇپ قالغاندا، ئۆزلىرىدە بار بولغاننى بىر دەستۇرخانغا جۇغلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىرىنىڭ قاچىلىرىغا باراۋەر تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار مەندىن ۋە مەن ئۇلاردىن دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى 2486-ھەدىس].

بۇ ھەدىسكە: "يىمەك-ئىچمەك باشقا نەرسىلەردە ئورتاقلىشىشنىڭ بابى" دەپ ئايرىم باپ كەلتۈرگەن، بۇنىڭدا تەقسىمات قانداق بولسۇن كىلۇ ياكى ۋەزنە ياكى كۆز چېغىدا ياكى چاڭگاللاپ بولسۇن مۇسۇلمانلار توغرا دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇنى، بەزىسى ئۇنى يەيتتى.

ئىككىنچى سۈرەت بولسا: يېڭى ئەسىردىكى بارلىق پىقھى ئالىملىرى ئۇنىڭ قىماردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن

ئىككىنچى: بۇ يەردە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى بىلەن ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ئارىسىدىكى ئەڭ نىگىزلىك بولغان يەنە بىر پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ ئىشتىراك قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە ھارام بولغان قىمار ئاساسىدا تۇرىدىغان تىجارەت سۇغۇرتىسى بولۇپ بۇنىڭغا ھالال ياكى ھارام دەو پەتىۋا بېرىشتىن ئىلگىرى ئارىدىكى بۇ پەرقنى تاللاش كېرەك.

"شەرئى ئۆلچەم" 372-373-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھالال بولىدىغانلىقى، تىجارەت سۇغۇرتىسىنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىدىكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكى نىگىزلىك پەرقلەرگە قايتىدۇ:

ئا- ئەنئەنىۋى سۇغۇرتىسى دېگەن سۇغۇرتىنىڭ ئۆزىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىقتىسادى تۆلەم كېلىشىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالدامچىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادى تۆلەم كېلىشنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، ئەنئەنىۋى سۇغۇتىسى شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان، ئەمما ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى دېگەن ئىئانىنى لازىم تۇتىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدامچىلىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ب-شېركەت ئىسلام سۇغۇرتىسىدا (ياكى بەزى سۈرەتلەردە: سۇغۇرتا ساندۇقى، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك)سۇغۇرتا ھېسابىدىن كېلىشىمدە ۋەكىلدۇر. تىجارى سۇغۇرتىدا ئەسلى تەرەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن كېلىشىم قېلىنىدۇ.

ج-شېركەت تىجارى سۇغۇرتىدا سۇغۇرتا ماللىرىنى لازىم تۇتۇشنىڭ باراۋېرىگە، تەدرىجى ئادا قىلغان سۇغۇرتا ھەققىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمما شېركەت ئىسلام سۇغۇرتىسىدا ئىشتىراكنىڭ قىممىتىگە ئىگە بولالمايدۇ، چۈنكى تەدرىجى ئادا قىلغان سۇغۇرتا، سۇغۇرتا ھېسابىنىڭ مۈلكى بولىدۇ.

د-تەدرىجى ئادا قىلغان سۇغۇرتا ھەققىدىن ئېشىپ قالغانلىرى، تۆلەم تۆلەپ، تەسەررۇپ قىلغان قايتقانلىرى ھۆججەتنى ئالغانلارنىڭ ھېسابى ئۈچۈن مۈلۈك بولۇپ قالىدۇ، بۇ، ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئېشىپ قالغىنىدۇر، بۇ تىجارى سۇغۇرتىدا تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا تەدرىجى ئادا قىلغان سۇغۇرتا ھەققى كېلىشىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن شېركەتنىڭ مۈلكى بولۇپ قالىدۇ، بۇ تىجارى سۇغۇرتىدا كەلگەن پايدا دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

ھ-ئىسلام سۇغۇرتىسىدا تەدرىجى ئادا قىلغان سۇغۇرتىنىڭ ئەسلىدىن پاي، شېركەت ئۈچۈن بولغان مۇزارىبە نىسبىتىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن ھۆججەتنى ئالغانلارنىڭ ھېسابىغا قايتىدۇ، بۇ تىجارەت سۇغۇرتىسىدا شېركەتكە قايتىدۇ.

و-ئىسلام سۇغۇرتىسى بولسا جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، سۇغۇرتىنىڭ ئۆزىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ئەمما تىجارى سۇغۇرتا بولغان سۇغۇرتىنىڭ ئۆزىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ز- ئىسلام سۇغۇرتىسىدا شېركەتنىڭ ئالغان پايدىلىرى شېركەتنىڭ ماللىرىغا پاي قوشقانلارغا قايتىدۇ، ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى مۇزارىبەتنىڭ پايدىسىدىن بولىدۇ. ئۇ زاتەن مۇزارىبەدىن ئىبارەتتۇر. يەنى سۇغۇرتا ھېسابى، مالنىڭ ئىگىسى.

ح-ئىسلام سۇغۇرتىسىدا ئېشتىراك بولغانلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلغانلار گەرچە ئېتىبارغا ئېلىشتا پەرقلىق بولسىمۇ، ھەقىقەتتە بىردۇر. بۇ ئىككىسى تىجارى سۇغۇرتىدا تامامەن ئوخشىمايدۇ.

م- ئىسلام سۇغۇرتىسىدا شېركەت شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى لازىم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ شەرئى پەتىۋا ھەيئەتلىرى بولىدۇ، ئەمما تىجارى سۇغۇرتىدا شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى لازىم تۇتمايدۇ...".

بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، سوئالدا كەلگەن ساندۇق مەسىلىسىدە بۇ پەرقلەرنىڭ كۆپىنىڭ ئورنى يوق، لېكىن بىز بۇنى پەتىۋانى ئوقۇغۇچى دۇرۇس بولغان ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى بىلەن ھارام بولغان تىجارى سۇغۇرتىنىڭ ئارىسىدىكى ھەقىقى چوڭ پەرقنى بىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ساغلاملىق كاپالەت ساندۇقىغا سېلىشتۇرىشى  ئۈچۈندۇر.

ئۈچىنچى: سىلەرنىڭ ساندۇقۇڭلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىنچىكە پەتىۋا چېقىرىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق سۇغۇرتاسى ئۈچۈن كېرەك بولغان شەرئى قائىدە-پىرىنسىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە سىلەرگە ياردەملىشىمىز، ساندۇق نازارەتچىسىنىڭ رەسمى ۋاراقلىرىنى ئەۋەتىش كېرەك. شۇنىڭدەك بۇ توغرىدىكى ھۆكۈمنى بايان قىلىش ئۈچۈن دەرىسلىك قىلىشقا، ئىشتىراك قىلغانلار ئىمزا قىلغان كېلىشىملەرنىمۇ ئەۋەتىشى لازىم. بىز گەرچە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىلەرنىڭ ساندۇقۇڭلارنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىگە مايىل بولغان بولساقمۇ، لېكىن ساندۇقنىڭ رەسمى نىزامى ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ جەدىۋېلىگە قاراپ چىقماي تۇرۇپ بۇنىڭغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىش توغرا بولمايدۇ.

"شەرئى ئۆلچەم" ھەمكارلىق ساندۇقىنى قۇرۇش سىستېمىسىدا چوقۇم بەلگىلىنىشى كېرەك بولغان بىر يۈرۈش ئاساسلىق ئىشلارنى شەرت قىلدى. كىتاپنىڭ 364-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىسلام سۇغۇرتىسى بولسا: بەزى خەتەرلەرگە قارشى تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خەتەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياندىن ساقلىنىش كېلىشىمىدىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئىئانە قىلىش ۋەدىسىگە ئاساسەن ئىشتىراك تۆلەشتۇر. بۇنىڭغا قانۇنى ئىگە بولۇش ئۈچۈن سۇغۇرتا پۇندى شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇستەقىل مالىيە مەسئۇلىيتى بولىدۇ، سۇغۇرتا پۇندى سۇغۇرتا خەۋىپىنىڭ يۈز بېرىشى نەتىجىسىدە ئىشتىراك بولغانلاردىن بىرەرسىگە يەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تاماملايدۇ، بۇ بەلگىلىمە ۋە ھۆججەتلەرگە ماس ھالەتتە بولىدۇ، بۇ پۇندى تاللانغان ھەيئەت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، ياكى ئۇ سۇغۇرتا تىجارىتى ۋە پۇندىنىڭ مۈلكىگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرىدىغان ھەقلىق پاي چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ.

ئەنئەنىۋى سۇغۇرتىسى دېگەن: ئۇ سۇغۇرتىنىڭ ئۆزىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىقتىسادى تۆلەم كېلىشىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالدامچىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادى تۆلەم كېلىشىنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، ئەنئەنىۋى سۇغۇتىسى بولسا، شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان،

ئىسلام سۇغۇرتاسى بولسا شىركەتنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇلىدۇ، ئۇ بەلگىلىمە ۋە ھۆججەتلەرگە ماس ھالەتتە ياكى شىركەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىدا بېكىتكەن دەلىللەرگە كۆرە بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىئانە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، بۇنىڭغا قاتناشقۇچى قاتنىشىش بىلەن ئىئانە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قايتىدىغىنى تۆلەم بېرىش ئۈچۈن سۇغۇرتا ھېسابىغا قايتىدۇ، ئۇنىڭ تەستىقلانغان بەلگىلىمە بويۇنچە يۈز بەرگەن ھەر قانداق قىزىل رەقەمنى ئۈستىگە ئىلىش مەجبۇرىيتى بار.

ئىككىنچى: سۇغۇرتا شىركىتى ئايرىم ئىككى ھېسابات قۇرىدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرى شىركەتنىڭ ھەق-ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرى تەرەپلەردىن ئۆزىگە خاس بولىدۇ. يەنە بىرى: پۇندىنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە خاس بولىدۇ.

ئۈچىنچى: شىركەت سۇغۇرتا ۋە مۇزارىبە ھېسابىنى ئىدارە قىلىشتا ۋەكىلدۇر، ياكى سۇغۇرتا مۈلكىگە مەبلەغ سېلىشقا ۋاكالەتچىدۇر.

تۆتىنچى: سۇغۇرتا ھېساباتى سۇغۇرتا مۈلكى ۋە سالغان مەبلەغنىڭ پايدىسىغا مەسئۇل، ئۇ يەنە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بەشىنچى: تەستىقلانغان بەلگىلىمە ئېشىنچا ئۆسۈمنى مەنپەئەت مۇناسىۋېتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنى ئىدارە قىلىۋاتقان شىركەت ئېشىنچا ئۆسۈمدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ.

ئالتىنچى: شىركەت ھېسابات ئېنىقلانغاندىن كېيىن سۇغۇرتا ۋە يىغىلغان ئىجارە ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەبلەغنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشى كېرەك.

يەتتىنچى: ئەڭ ياخشىسى سۇغۇرتالاتقۇچىلار سۇغۇرتا تىجارىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

سەككىزىنچى: شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ۋە پاي ئىشلىرىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ھارام ئىشلارغا سۇغۇرتا بەرمەسلىكى كېرەك.

توققۇزىنچى: شەرئى كۈزىتىش ھەيئىتى قۇرۇش ۋە شىركەت ئۇلارنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، شەرئى يول بىلەن كونتۇرۇل قىلىش ۋە ئىقتىسادى تەپتىش ھەيئىتى بولىشى لازىم".

سۇغۇرتا پۇندىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قەغىزىدە مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ سۇغۇرتا پۇندىغا سۇغۇرتا مەبلىغى سالغانلار ئۈچۈن، چوقۇم بۇ ئىشلارنىڭ قانۇن ماددىلىرىدا بار-يوقلىقى ياكى سۇغۇرتا تىجارىتىنى باشقۇرىۋاتقان تۈزۈمنى تاللىشى كېرەك بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Source

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android