ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

كاپىرغا زاكات بېرىش توغرىسىدا

سۇئال: 21384

   مۇسۇلمان بولمىغانلارغا زاكات بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كاپىر كەمبەغەل بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن ياكى قەرزدار بولسۇن ئۇنىڭغا زاكات ماللىرىنى، مېۋىلىرىنى ۋە پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئۇلارغا بەرگەن كىشىنىڭ زاكىتى ئادا بولمايدۇ.

   ئەمما كاپىر مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇز قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا پەرز بولمىغان ئومۇمى سەدىقىلەردىن بەرسە، ئۇنىڭ بىلەن ھەدىيە، سوۋغاتلارنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئەمما تاجاۋۇزچى كاپىرغا ھېچ نەرسە بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ  تەرجىمىسى: «(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.» [سۈرە مۇمتەھىنە 8-ئايەت].   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 30-بەت.

   زاكات سەرپ قىلىنىدىغان بىر تۈر بولۇپ، ئۇ تۈردە كاپىرغا زاكات بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. قەۋمى ئىتائەت قىلىدىغان كاپىرلار بولسا ئۇلارغا زاكات بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ۋە شۇ ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.

   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android