ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئالتۇنغا زاكات ئايرىغاندا ئالتۇننىڭ ھەر بىر ئىيارىغا كېلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىنى قانداق ھېسابلاش توغرىسىدا

سۇئال: 214221

   بىر كىشىنىڭ بىر يۈز يەتمىش(170) گىرام ئالتۇنى بولۇپ بۇنىڭغا قانچىلىك مىقداردا زاكات كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئالتۇن-كۈمۈشتە زاكاتنىڭ ئۆلچىمى ئۇنىڭ ساپلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئارىلاشمىلار چېقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن قالغان ساپ ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە زاكات بېرىدۇ.

   يىگىرمە تۆت (24) ئىيارلىق ساپ ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى سەكسەن بەش (85) گىرام بولىدۇ، بۇ ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى (99،99)غا يېتىدۇ، بۇ ئالتۇن مۇتەخەسىسىسلىرىنىڭ سۆزى بويۇنچە ئالتۇنغا نىسبەتەن ساپلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر.

    يىگىرمە بىر(21) ۋە ئون سەككىز(18) ۋە باشقا ئىياردىكى ئالتۇنلارنىڭ زاكات ئۆلچىمى بىر قانچە يول بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭ مەشھۇرلىرىدىن:

    ئالتۇننىڭ گىرام سانى ئىيارغا كۆپەيتىلىدۇ، چېققان نەتىجە يىگىرمە تۆتكە(24) بۆلىنىدۇ، چىققان نەتىجە يىگىرمە تۆت (24) ئىيارلىق ساپ ئالتۇن بولىدۇ، بۇنىڭ مىقدارى سەكسەن بەش گىرامغا(85) يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇنىڭ ئ‍ۈچۈن زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، زاكاتنىڭ مىقدارى 2،5% بولىدۇ، ئەگەر سوئالدا سورالغان ئالتۇننىڭ مىقدارى يىگىرمە بىر (21) ئىيارلىق ئالتۇن بولسا بۇنىڭ زاكات مىقدارىنى ھېسابلاش مۇنداق بولىدۇ، 170/21= نەتىجە ÷ 24=148.75 بولىدۇ.

     بۇنىڭدىن 2.5% زاكات چىقىرىلىدۇ، بۇ 3.7 گىرام مىقداردا بولىدۇ، بۇ يىل توشقاندا ئايرىيدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىدۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 145770- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android