ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى

سۇئال: 21523

ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى كىم ، ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىدا ئاجىز ھەدىيسلەر بارمۇ ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئىمام مۇسلىم
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
4- ئىمام تىرمىزىي
5- ئىمام نەسائىي
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ
ئۇلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى تۆۋەندىكىچە :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەت بىن ئىسمائىيل بىن ئىبراھىيم بىن مۇغىيرەھ بىن بەردىزبەھ جەئىفىي بۇخارىي . ئۇنىڭ بوۋىسى مۇغىيرەھ – بۇخارانىڭ ۋالىسى يەمان جەئىفىينىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا ، مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ جەئىفىينى تەخەللۇس قىلغان . ئىمام بۇخارىي ھ 194-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان . ئۇ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان ھەمدە ئون يېشىدىن بۇرۇن ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىشقا باشلىغان . ئۇ يېگىت بولغاندا مەككىگە سەپەر قىلغان ھەمدە ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان . ئۇ بىر مەزگىل مەككىدە قىلىپ ، فىقھى، دىن ئاساسلىرى ۋە ھەدىيس ئىماملىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . ئاندىن ئۇ ساياھەت قىلىشنى ، بىر ئىسلام رايونىدىن يەنە بىر ئىسلام رايونىغا بېرىشنى تولۇق 16 يىل داۋاملاشتۇرغان . ئۇ نۇرغۇن بىلىم مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان ، ئۇيەردىن پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەدىيسلىرىنى توپلىغان ، ئاخىرى ئۇ جەمئىي 600،000 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى يېغىپ چىققان . ئۇ بىر مىڭ ھەدىيسشۇناسقا مۇراجىئەت قىلغان ۋە ئۇنى ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە قىلغان . بۇ ئالىملار ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ، تەقۋالىقى ، ساغلام ئەقىدىسى تونۇلغان كىشىلەردۇر . بۇ زور مىقداردىكى ھەدىيسلەردىن ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابى [سەھىيھۇل بۇخارىي] نى تۈزۈپ چىققان،
ھەمدە تەتقىقاتىدا ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى ۋە توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىز ھەدىيسلەردىن ئايرىشتا ، ھەمدە نەقىل قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئەڭ ئىنچىكە ئىلمىي كۆرسەتمىلەرگە ئەگەشكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتابىغا توغرا ھەدىيسلەرنىڭ توغرىسىنى خاتىرلىگەن ، لىكىن ئۇ بارلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان . كىتاپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى – [الجامع الصحيح المسند من حديث رسول الله صلى الله عليه وسلم وسننه وأيامه ] .
بۇخارانىڭ ۋالىسى بۇخارىينى ئۆيىگە كىلىپ بالىلىرىغا دەرىس ئۆتۈپ بېرىشىنى ۋە ئۇلارغا ھەدىيسلەرنى ئوقۇپ بېرىشىنى ئويلىغان ، بىراق بۇخارىي ئۇنىماي ئۇنىڭغا خەت ئەۋەتكەن : بىلىم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىزدىلىشى كىرەك . مەنىسى ، بىلىم ئاپىرىپ بېرىلمەيدۇ ، ئەكىتىلىدۇ . ئالىملاردىن بىر نەرسە ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىغا مەسچىتكە ياكى ئۆيىگە بېرىشى كىرەك . شۇنىڭ بىلەن ۋالىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكى قوزغۇلۇپ ئۇنى بۇخارادىن چىقىرۋىتىشكە بۇيرىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەمەرقەند كە يېقىن خەرتەنك يېزىسىغا كەتكەن ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ ، ئۇ تاكى ھ 256- يىلى 62 يېشىدا ۋاپات بولغۇچە ئۇ يەردە ياشىغان . ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
2 – ئىمام مۇسلىم
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇسلىم بىن ھەججاج بىن مۇسلىم قۇشەيرىي، نىساپورىي ئەبۇل ھۇسەيىن . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ بىلىملىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئىمام شافىئىي ۋاپات بولغان كۈندە، ھ 204-يىلى نىساپوردا تۇغۇلغان . ئۇ نىساپوردا ئوقۇغان ، ھەمدە چوڭ بولغاندا ھەدىيس ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېراق ۋە ھىجاز سەپەر قىلغان . ئۇ نۇرغۇن پېشىۋالاردىن ھەدىيسلەر ئاڭلىغان ھەمدە نۇرغۇن ھەدىيشۇناسلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى – ئۇنىڭ [سەھىيھۇل مۇسلىم ] كىتابى . بۇ ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ بۇ كىتاپنى تۈزۈشكە 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلغان ، ھەمدە ئۇ سەھىيھۇل بۇخارىيغا قارىغاندا ئورۇن ۋە ھەدىيسلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ كىتابىغا شەرھىيلەرنى يازغان .
ئۇنىڭ كىتاپلىرى يەنە[ كتاب الطبقات ]، [كتاب الجامع ] ، [كتاب الأسماء ] ۋە باشقا باسما ۋە قوليازما شەكلىدىكى كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ نەسەرئاباد شەھرىدە ، ھ 261- يىلى ، 57 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – سۇلەيمان بىن ئەشئەس بىن شەدداد بىن ئامىر بىن ئىسھاق بىن بەشىير ئەزدىي ، سەجىستانىي ، سەجىستانلىق . ئەبۇ داۋۇت ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇ [سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت]نىڭ ئاپتورى ، ئۇ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ھ 202-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ باغداتقا سەپەر قىلىپ ئۇ يەردە ئىمام ئەھمەت بىن ھەنبەل بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايىتتى . ئۇ يەنە ھىجاز ، ئېراق ، خۇراسان ، سۈرىيە ، مىسىر، ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چىگرالىرىغىچە بارغان . نەسائىي ، تىرمىزىي ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇ تەقۋالىق ۋە توغرا يوللۇق بولۇشتا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەن . ئۇنىڭ كىتابى سۇنەن 5300 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
خەلىفە ئەبۇ ئەھمەت تەلھە ( مۇۋەففەق ئەبباسىي ) ئۇنىڭدىن ئۈچ نەرسىنى سورىغان : بىرىنچىسى ، ئۇ بەسرەگە كۆچىشى ۋە ئۇيەردە ئولتۇراقلىشىشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندا بىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىلەلەيدۇ ، ھەمدە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئىككىنچىسى ، ئۇ [سۇنەن] نى بالىلىرىغا ئۆگىتىشى كىرەك . ئۈچىنچىسى ، ئۇ بالىلىرىغا مەخسۇس سىنىپ بېرىشى كىرەك ، چۈنكى خەلىفىنىڭ بالىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىقى كىرەك . ئەبۇ داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن : بىرىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئەمما ئۈچىنچىسىگە بولمايدۇ ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىمنىڭ ئالدىدا باراۋەر . شۇنىڭ بىلەن مۇۋەففەق ئەبباسىينىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىدىغان ، ھەمدە ئۇلار بىلەن باشقا كىشىلەر ئوتتۇرسىدا پەردە تارتىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى . ئۇ تاكى ھ 275-يىلى ۋاپات بولغۇچە بەسرە دە تۇرۇپ قالدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
4- ئىمام تىرمىزىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – مۇھەممەت بىن ئېيسا بىن سورەھ بىن مۇسا بىن زەھھاك سەلەمىي ، تىرمىزىي ، ئەبۇ مۇسا . ئۇ ماۋەرائۇننەھىر شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرمىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تىرمىزىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيشۇناسلار ۋە ھەدىيس يادلىغۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ھ 209-يىلى تۇغۇلغان ھەمدە بۇخارىينىڭ قولىدا ئوقۇغان ؛ ھەمدە ئۇلار بەزى ئۇستازلاردىن بىرلىكتە دەرىس ئالغان . ئۇ خۇراسان ، ئېراق ۋە ھىجازغا سەپەر قىلىپ ھەدىيس ئىزدەشنى باشلىغان . ئۇ ھەدىيسلەرنى يادلىشى ، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە بىلىمى بىلەن داڭق قازانغان .ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەھمەت بىن ھەنبەل ، ئەبۇ داۋۇت سەجىستانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ [ جامىئۇت تىرمىزىي] نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇ ، ھەدىيسلەرنى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ ،فىقھىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق ، چۈنكى ئۇ تىغا ئالغان ھەدىيسلەرنىڭ كۆپىنچىسى فىقھىنىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك . ئۇ ئىسنادلارنى تىلغا ئالىدۇ ، ھەدىيسنى نەقىل قىلغۇچى ساھابىلارنى تىزىملاپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ھەدىيس دەپ ئىشەنگەنلىرىنى توغرا دەپ يازىدۇ ، ئاجىز دەپ ئىشەنگەنلىرىنى ئاجىزدەپ يازىدۇ .ئۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ بۇ ھەدىيسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ،كىمنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . ئۇنىڭ [جامىئى] سى [سۇنەن] كىتاپلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ھەمدە ھەدىيسشۇناسلار ۋەفىقھىشۇناسلار ئۈچۈن ئەڭ ئىشلىتىلىشچان كىتاپتۇر . ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى[ كتاب الشمائل النبوية ], [العلل في الحديث ] نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇ شەھەرلەرنى ئايلىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ، بىلىمى چوڭقۇر ئالىملاردىن توغرا نەقىللەرنى توپلىغاندىن كىيىن ، ھاياتىنىڭ كىيىنكى قىسمىدا ئەما ياشىغان . ئۇ ھ 279- يىلى 70 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
5- ئىمام نەسائىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – ئەھمەت بىن شۇئەيىب بىن ئەلىي بىن سىنان بىن بەھر بىن دىنار نەسائىي ، ئەبۇ ئابدۇرراھمان . ئۇ خۇراساننىڭ نەسا شەھرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن نەسائىي دەپ ئاتالغان .
ئۇ ھ 215-يىلى تۇغۇلغان ، ھەمدە ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ئالىملار ۋە ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ [جرح وتعديل ] ھەققىدىكى شەرھى ئالىملار تەرىپىدىن يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن .ھاكىم مۇنداق دىگەن : مەن ئەبۇ ھەسەن دارەقۇتنىينىڭ نەچچە قىتىم : ئەبۇ ئابدۇرراھمان – بارلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى ، ھەم ئۆز دەۋرىدە ، نەقىل قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .
ئۇ ئىنتايىن تەقۋا ۋە توغرا يوللۇق ئىدى ، ھەمدە ئۇ ئەڭ ياخشى روزىنى(داۋۇدنىڭ روزىسى) تۇتۇشقا داۋاملىق ئادەتلەنگەن بولۇپ كۈن ئالماشتۇرۇپ روزا تۇتاتتى . ئۇ مىسىردا ياشىغان ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ كىتابى نام تاپقان ھەمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن . ئاندىن ئۇ دەمەشىققە كۆچكەن ، ئۇ يەردە ھ 300-يىلى سەپەرنىڭ 13 ، دۈشەنبە كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – مۇھەممەت بىن يەزىد رەبئېىي ، قەزۋەينىي ، ئەبۇ ئابدۇللاھ . ئۇنىڭ دادىسى يەزىد ماجەھ دەپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇمۇ ئىبنۇ ماجەھ دەپ تونۇلغان . رەبئېىي دىگەن ئىسىم رەبىيئەنى كۆرسىتىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى رەبىيئەنىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .
ئۇ بىر داڭلىق ھافىز ھەمدە [سۇنەن] دەپ ئاتالغان ھەدىيس كىتابىنىڭ ئاپتورى . ئۇ ھ 209-يىلى قەزۋەيىندە تۇغۇلغاچقا قەزۋەينىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئېراق ، بەسرە، كۇفە ، باغداد ، مەككە ، سۈرىيە ، مىسىر ۋە رەيگە ھەدىيس يېزىش ئۈچۈن بارغان . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەپەرلىرىدە ئۈچ كىتاپنى يازغان : تەپسىر ھەققىدە بىر كىتاپ ؛ تارىخ ھەققىدە بىر كىتاپ ، بۇنىڭدا ساھابىلار دەۋرىدىن ئۆز دەۋرىگىچە بولغان ، سۈننەت ھەققىدىكى نەقىللەرنى خاتىرلىگۈچى كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يازغان ؛ ھەمدە ئۇنىڭ [سۇنەن] ناملىق كىتابى . ئىبنۇ ماجەھ ھ 273- يىلى رامىزاننىڭ 22 ، دۈشەنبە كۈنى 64 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
بۇ كىتاپلاردىكى ھەدىيسلەرنىڭ ھۆكمى :
سەھىيھۇل بۇخارىي ۋە سەھىيھۇل مۇسلىمغا كەلسەك ، ئۇممەت بۇ كىتاپلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىيسلەرنى قوبۇل قىلدى ، ھەمدە ئۇلار بۇ كىتاپلاردىكى ، بۇخارىي ۋە مۇسلىم ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن توغرا ئەمەسلىكىنى ئىنىق ياكى مۇجمەل ھالدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نەقىل قىلغان ئىنتايىن ئاز ئىبارىلەردىن باشقا ھەممىسىنىڭ توغرا(سەھىيھ) ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى ، ئالىملار بۇ ئىككى كىتاپقا ئىلاۋىلەرنى يازدى ، مەسىلەن ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە ئۇنى چۈشەندۈرگەن .باشقا سۈنەن كىتاپلىرىغا كەلسەك ، ئۇلار ئاندا-مۇندا ئاجىز ھەدىيسلەردىن خالى ئەمەس . ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنى ئاپتورلارنىڭ ئۆزى شۇنداقلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن . قالغانلىرى بولسا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن . ئۇلار ئاجىز ھەدىيسلەرنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلمىغان ، چۈنكى ئۇلار ھەدىيسلەرنى ئىسنادلىرى بىلەن نەقىل قىلغان ، شۇڭا ئالىملارغا نەقىل قىلغۇچىلار زەنجىرىنى تەكشۈرۈش ،ھەمدە كىمنىڭ ئىشەنچىلىك ، كىمنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىش ئارقىلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىزلىرىدىن تونۇش ئاسان .
بۇ ساھەدە داڭلىق ئالىملاردىن ، ئەھمەت ، دارەقۇتنىي ، يەھيا بىن مەئېىين ، ئىبنۇ ھەجەر ، زەھەبىي ، ۋاقىي ، ۋە شەۋكانىيلار بار . بۇ ساھەدە ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئەلبانىي ، ئەھمەت شاكىر ۋە باشقىلار بار . ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android