ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بىلمەسلىك بىلەن ئۆزرۈلۈك بولىدىغانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا

سۇئال: 215338

مېنىڭ بەزى سوپى تۇغقانلىرىم بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەيخىنى ئىلىم ئەھلى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگىشىدۇ، ئۇلار چوڭ شېرىكنىڭ دائىرىسىگە كېرىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرىگە خاس بولغان خاتا چۈشەنچە بىلەن قىلىدۇ، ئۇلار ئەرەب تىلىنى بىلمەيدۇ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى بار بولسىمۇ لېكىن ئۇنى ئوقۇمايدۇ، مەن مۇسۇلمان قۇرئاننى ئوقۇيالىسا، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا قۇرئانغا ئېرىشەلىسە ياكى ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلاردىن سوراپ بىلىشكە قادىر بولالىسا، چوڭ شېرىك بىلەن ئۆزرىسى قوبۇل بولمايدۇ دەپ ئوقۇغان. ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىش زۆرۈرمۇ؟ ياكى ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەكمۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

مۇسۇلمان ئۈچۈن تەۋھىدنى روياپقا چىقىرىش، ئىلگىرىكى ياخشى ئالىملارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قۇرئان-ھەدىسكە ئەگىشىش، بىدئەت ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن يىراق بولۇش، تۈرلۈك پىرقىدىكى سوپىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھلىدىن، ئۇلار تۇتقان سۈلۈك ۋە ماڭغان يوللىرىدىن يىراق بولۇش زۆرۈر.

بۇ توغرىدا(118693)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئىككىنچى: مۇسۇلماننى كاپىر ياكى پاسىقلىققا چىقىرىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە تۆھمەت قىلغانلىق بولىدۇ، قۇرئان-سۈننەتنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي كۇپۇرلۇق ياكى پاسىقلىقنى ئىپادىلىگەن دەلىلى بولمىسا، بىر مۇسۇلماننى كاپىر ياكى پاسىق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

شۇنىڭدەك كۇپىرنىڭ ياكى پاسىقلىقنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولماي ۋە چەكلىمىلىرى يوقالماي تۇرۇپ بىر كىشىگە كاپىر ياكى پاسىق دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا بولمايدۇ.

كۇپۇرغا چىقىرىشنىڭ شەرتلىرىدىن: كاپىر ياكى پاسىق قىلىدىغان مۇخالىپەتچىلىكىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك.

چەكلىمىلەردىن: باشقىچە چۈشەنگەن بولىشى ياكى ئۆز قارىشىدا دەلىل دەپ قارىغان بەزى شۈبھە بولىشى ياكى شەرئى دەلىلنى توغرا شەكىلدە چۈشىنەلمىگەن بولىشى كېرەك، كۇپۇرغا چىقىرىش دېگەن نادانلىقى تۈگەپ، قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن بولىدۇ.

كۇپۇرغا چىقىرىشنىڭ قائىدىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن (85102)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

ئۈچىنچى:

ناداننىڭ مەسىلىسى ۋە ئۆزرىسى ھەققىدىكى توغرا قاراش: مۇسۇلمانلىقى ئىسپاتلانغان كىشىدىن بۇ سۈپەت شۈبھى بىلەنلا يوقالمايدۇ بەلكى ئىشەنچ بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەرلىك ھۆججەت تېپىلىشى ئەمىلىلىشىش بىلەن يوقۇلۇپ، ئۆزرىسى ئۈزىلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىز ئابدۇلقادىر جىلانىينىڭ قەبرىسىگە ۋە ئەھمەد بەدەۋىينىڭ قەبرىسىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەرنىڭ قەبرىسىگە چوقۇنىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ نادانلىقى ۋە ئۇلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كۇپۇرغا چىقارمىغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى بىزنىڭ يېنىمىزغا ھىجرەت قىلمىسا ياكى كاپىر بولمىسا ۋە ئۇرۇش قىلمىسا قانداقمۇ كۇپۇرغا چىقىرىمىز؟ئاللاھ پاكتۇر، بۇ چوڭ بوھتاندۇر"دۈرەر سۈننىيە"1-توم 104-بەت.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەسلىدە ئاشۇ ئەجەملەر(ئەرەب بولمىغان مىللەتلەر) شەرىئەت ئەھكاملىرى، ئىسلام پرىنسىپلىرىنى بىلمەسلىك ئومۇملاشقان جەمئىيەت ۋە شەھەرلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن، بولۇپمۇ ئەھكاملاردىن تەۋھىدنى تەقەززا قىلىدىغان ۋە سۈننەتكە ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەرنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئومۇمى شەكىلدە ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىلمەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "كاپىر قىلىش قورقۇتۇش بولۇپ، دېيىلگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىش بولسىمۇ، لېكىن دېگۈچى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بولسا ياكى يىراق سەھرادا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسا، پاكىت تېپىلغانغا قەدەر ئۇ كىشى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ. بەزىدە بۇنداق كىشى دەلىللەرنى ئاڭلىمىغان بولىشى مۇمكىن، ياكى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىيالمىغان بولىشى مۇمكىن، ياكى ئۇنىڭ يېنىدا – گەرچە خاتالاشقان بولسىمۇ- بۇنىڭغا زىت، باشقىچە چۈشىنىشكە سەۋەپ بولغان يەنە بىر دەلىل بولىشى مۇمكىن.

مەن دائىم بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى بىر كىشىنىڭ ھەدىسىنى ئەسلەپ تۇرىمەن: ئۇ كىشى:مەن ۋاپات بولسام، جەسىدىمنى كۆيدۈرۈڭلار، جەسەت كۈلۈمنى توپلاپ، ئۇنى دېڭىزغا چېچىۋىتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ تائالا مېنى جازالىسا، دۇنيادىكى ھېچ كىشى ئازابلىمايدىغان بىر ئازاب بىلەن مېنى ئازابلايدۇ،- دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن: سېنى شۇنداق قىلىشقا نېمە تۈرتكە بولدى؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: سېنىڭدىن قورقۇش،- دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

بۇ كىشى ئۆزى كۈلگە ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇدرىتى توغرىسىدا شەك قىلدى، بەلكى ئاللاھ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدۇ دەپ قارىدى، بۇ قاراش مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۇپۇرلۇق ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇنى بىلمەيدىغان نادان ئىدى، ئۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى كەچۈرۈم قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ھېرىس بولۇپ، تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، باشقىچە چۈشىنىپ قالغان كىشى كەچۈرۈم قىلىنىشقا ئۇ كىشىدىن بەكرەك لايىق. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 231-بەت].

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەرلىك ئىلمىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆچۈپ كەتكەن زامان ۋە ئورۇنلاردا ياشاۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئۇلارغا ئاللاھ تائالا ئەلچىسى بىلەن ئىۋەتكەن قۇرئان-ھەدىسنى يەتكۈزىدىغان كىشىلەر قالمىغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۇنى يەتكۈزىدىغان كىشىلەرمۇ تېپىلمايدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ياشىغان كىشىلەر كۇپۇرغا چىقىرىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پېشۋالىرى ئىلىم-ئىيمان ئەھلىدىن يىراق بولغان سەھرالاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن، يېڭىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئاشكارا، مۇتەۋاتىر شەكىلدىكى ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن بىرىنى ئىنكار قىلسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننى تونۇپ بولغىچە كۇپۇرغا چىقىرىلمايدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11 – توم 407- بەت].

پەقەت قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى بىلىش يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى قۇرئان كەرىمنى تولۇق ئەرەب تىلى بويىچە ئوقۇشمۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئەرەب تىلىدا سۆزلەيدىغان، ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىنى بىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بولسىمۇ،ئۇلار قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرىدىن نېمىنىڭ خاتا ياكى باتىل ياكى شېرىك بولىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنىڭ شېرىك بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "غەزالى ئۆزىنىڭ ئىمان بىلەن زىندىقلىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىش توغرىسىدىكى كىتابىدا مۇنداق دېگەن: ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرى: پۇرسەت بولسىلا كۇپۇرغا چىقىرىشتۇر، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش خاتالىقتۇر، خاتالىق بىلەن مىڭ كاپىرنى ھايات قالدۇرۇش، سەل قاراش بىلەن بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆككەندىكى خاتالىقتىن تۆۋەندۇر". "پەتھۇل بارى"12-توم 300- بەت.

سوئال سورىغۇچىغا زۆرۈر بولغىنى: ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى، تونۇشلىرىنى دەۋەت قىلىشقا، ئۇلارغا تەۋھىدنى ۋە سۈننەتنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىشى، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ۋە قوپاللىقلىرىغا سەۋر قىلىشى كېرەك، ئاشۇ بىر بەندىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۇرىدىغان يۇقىرى ئورنىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ * وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ * وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ * وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ﴾ تەرجىمىسى:«ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟. ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ.ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە پۇسسىلەت 33-36- ئايەتكىچە].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android