0 / 0

نېمە ئۈچۈن قىيامەتنىڭ ۋاقتى بىلدۈرۈلمىگەن؟

سۇئال: 21636

نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرمىگەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقاخاستۇر.

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگەقىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەربەرمىدى، چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ قىيامەتنىڭقاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

2- نېمەئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە قىيامەتنىڭۋاقتىدىن خەۋەر بەرمىدى؟ دەپ سورالسا،بۇنىڭ جاۋابى: ئاللاھنىڭ ھېكمىتىقىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئىنسانلاردىن مەخپىتۇتۇشنى تەقەززا قىلدى.

بۇنىڭتەپسىلاتى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئىتائەت قىلغانلارغا جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بېرىش، ئاسىيلىق قىلغانلارغا دوزاخ ۋە ئۇنىڭدەھشىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنئەۋەتىلدى. قىيامەتنىڭ ۋاقتى ئېنىقسىزبولمىغاندا، ئۇنىڭدىكى ھېكمەت ھاسىل بولمايدۇ.ھەر دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەرقىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەنئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بولىدىغانۋاقتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش ئۇنىڭدىنھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتكە زىت كېلىپلا قالماستىنبەلكى بەزى نورمالسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغاسەۋەپ بولغان بولاتتى. مەسىلەن،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارغا: قىيامەتبۈگۈندىن باشلاپ مىڭ يىلدىن كېيىن بولىدۇدېسە، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇسۆزگە ئىشەنمەيتتى ۋە مەسخىرەقىلاتتى، ئۇنى ئىنكار قىلىشتا ھەددىدىن ئاشاتتى ۋەئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگەشەك قىلغۇچىلارنىڭ گۇمانى تىخىمۇ زىيادەبولغان بولاتتى. كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتىقىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخلۇقاتلاردىن مەخپىتۇتۇشنى تەقەززا قىلدى. شۇنىڭدەك ئاللاھتائالا قىيامەتنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۆلۈمنىڭۋاقتىنىمۇ ئىنسانلاردىن مەخپى تۇتتى.

ئىمام ئۇلۇسىيرەھىمەھۇللاھى مۇنداق دەيدۇ:”شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتنى يولغاقويۇشىدىكى ھېكمىتى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخپىقېلىشنى تەقەززا قىلدى. بۇ بولسا ئىنساننى ئاللاھقائىتائەت قىلىشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە،گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىشگەرىغبەتلەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەجىلىنىمەخپى قىلىنغانلىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە بايان قىلىنغانئايەتلەر،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭقىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلمەيدىغانلىقىنىبىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئومۇمى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشىبىلەن قىيامەتكە ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن ۋەبۇ توغرىدا ئۈممەتكە مەلۇماتبەرگەن”.

“مۇسۇلمانلارقىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇشى، بۇقورقۇش بارلىق ئىشلاردا ئۇلارنى ئاللاھنىڭكۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىلىپ بېرىشى،ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ياخشى ئىشلارنىتاللاپ قىلىشى، ئاسىيلىق ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، قىيامەتتوغرىسىدا ئۆز-ئارا ئىختىلاپ ۋە مىش-مىش سۆزلەرنىقېلىشماسلىقى لازىم”. [تەپسىر ئەلمەنار].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگەرەھىم-شەپقەت قېلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشىئەمەللەرنى كۆپ قېلىشى ۋەتوسۇلغان ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا تۈرتكە بولىشىئۈچۈن قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىبىلدۈرىدىغان بەزى ئالامەتلەرنى ئاشكارا قىلدى،ئۇلار ھەر قېتىم قىيامەتنىڭيېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەرنىكۆرگەندە، قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىنئەنسىرىشى كۈچىيىدۇ ۋە ئاللاھقا بولغانئىشەنچىسى ئاشىدۇ-دە، نەتىجىدە ياخشىئەمەللەرگە يۈزلىنىش ئارقىلىققىيامەتكە پۇختا تەييارلىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالابۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَنتَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَأَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَاجَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ تەرجىمىسى:ئۇلار(يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەتقىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلاكۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىكەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلارقانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنىبۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭپايدىسى بولمايدۇ). [سۈرە مۇھەممەد18-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئالتەتۈرلۈك ئالامەتتىن بۇرۇن: كۈنمەغرىبتىن چېقىشتىن، ئاسماننى تۈتۈن قاپلاشتىن،دەججال ئاشكارا بولۇشتىن، چوڭ ھايۋان چېقىشىدىن،ئۆلۈم كېلىشتىن ياكى قىيامەت بولۇشتىنبۇرۇن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقائالدىراڭلار.[مۇسلىم رىۋايىتى2947- ھەدىس].

(يەنىقىيامەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغانئالتە ئالامەت كۆرۈلۈشتىن ۋە ئىلگىرىياخشى ئەمەللەرنى قېلىشقا ئالدىراڭلار،ئۇنىڭدىن كېيىن قېلىنغان ئەمەللەرقوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئېتىبارغائېلىنمايدۇ).

قازى ئىياز مۇنداقدەيدۇ: “بۇ ئالامەتلەركۆرۈلگەندە كىشىلەر قورققىنىدىن گاڭگىراپ،ھېچ ئەمەل قىلىشقا تاقىتى بولمايدۇ ياكى ئۇلارئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكى تاقىلىپ،ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭئۈچۈن ئىنسان ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇنپۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ياخشى ئەمەل قىلىشقائالدىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ”.

ئاللاھ تائالادىنھەممەيلەننى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپتائەت-ئىبادەتنى تولۇق ئادا قېلىشقامۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android