سۈنئى كىرپىك يەملەش توغرىسىدا
سۇئال: 21724
ئەسلى كىرپىكنىڭ ئۈستىگە سۈنئى كىرپىك يەملىسە قانداق بولىدۇ؟، بۇنداق قىلىش كۆزنى چوڭ ۋە جەلىپ قىلارلىق قىلىدۇ. (بەزى ئاياللار ئەرلىرى ۋە مەھرەملىرىنىڭ ئالدىدا قىلىدۇ؟.) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: " سۈنئى تىرناق ۋە سۈنئى كىرپىك ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش بەدەندىكى شۇ ئەزالارغا زەرەر بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش، باشقىلارنى ئالداش ۋە گوللاش بولىدۇ." ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 17 –توم 133 –بەت.]
"شەرىئەت بىلەن تېبابەتنىڭ ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ زىننەتلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ 33 –بىتىدە مۇنداق كەلگەن: "سۈنئى كىرپىك ۋە تەبىئىي كىرپىكنى مايلايدىغان ماددىلار توغرىسىدا دوختۇرلار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ نىكېل تۇزىدىن ياكى سۈنئى كاۋچۇكتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئىككى كىرپىكنىڭ چۈشىشى ۋە قاپىقىنىڭ ياللۇقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق
بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ
- ئورۇندىنئۆزگىچە سىياسەت
- ئىسلام سوئال-جاۋاپ كۇلىبى ئۈچۈن بولغان بارلىق ھوقۇق ماھاپىزەت قىلىنىدۇ 2024-1997 ©