ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قېرىندىشىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرا بولمايدۇ

سۇئال: 21878

  مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ قىرىندىشىدىن خاپا بولۇپ، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق  سۆز قىلماي تەرك قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى  بۇرۇن سالام قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن، لېكىن ئاچچىقلىشىپ قالغان ئۇ قېرىندىشىم بىلەن بىر ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ قالىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەم توغرا بولامدۇ؟، ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ كۈن بىلەن چەكلىنەمدۇ؟، مەن شۇنداق قىلدىم، ئۇ قېرىندىشىم، مېنىڭ ئۆزىدىن خاپا بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېسىدە ساقلىمايدۇ، مەن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىسلام مۇسۇلماننى ئەخلاقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان گۈزەل ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن قېرىنداشلىرىمنىڭ بىرىدىن مەلۇم  بىر ئىش يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا دەپ قارىساممۇ لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا قوشۇلمايمەن؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن بىر-بىرىگە تەتۈر قارىشىپ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ياخشىسى سالامنى باشتا قىلغىنىدۇر» دېدى. [بۇخارى 5727-رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى2560-رىۋايىتى].

    مۇمىن كىشىنىڭ باشقا كىشىلەرنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇغ-تۇغقان، يېقىنلىرىنى تەرك قىلىشى چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغان بولسا، ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈشكە پايدىسى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنى تەرك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ مۇنكەرنى يوقۇتۇشنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مۇنكەر ئىشنى كۆرسە، قادىر بولالىسا ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا دىلى بىلەن ئۆچ كۆرسۇن، مانا بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى49-ھەدىس].

    ئەسلىدە مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى سەۋەبسىز تەرك قىلىشى ھارام بولىدۇ". ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: "مەنار ئىسلام پەتىۋالىرى" 3-توم 732-بەتكە قارالسۇن.

    ۋەلىيىددىن ئىراقىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلماننى دىنغا ئالاقىدار بولمىغان، ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئاچچىقلىنىش سەۋەبىدىن تەرك قىلىش ھارام بولىدۇ، ئەمما گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش ۋە بىدئەت-خۇراپات پەيدا قىلىش قاتارلىق دىنغا مەنپەئەتلىك ئىشلاردا تەرك قىلىش چەكلەنمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئەب ئىبنى مالىك، ھىلال ئىبنى ئۇمەييە ۋە مۇرارە ئىبنى رەبىئە قاتارلىق تەبۇك غازىتىغا سەۋەبسىز چىقمىغان ساھابىلارنى ئەللىك كۈن ئەتراپىدا ئۇلارغا سۆز قىلىش ھەتتا سالام قىلىشنىمۇ تەرك قىلغان، ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: "كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىس: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ بۇرادىرىدىن بىدئەت-خۇراپات، ناچار ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنى بۇ ئىشتىن چەكلەش ۋە ئەدەپلەش يۈزىسىدىن تەرك قىلىشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەبۇ ئابباس قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەرك قىلىش: بىدئەت-خۇراپات ۋە گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بۇنى ئۇ كىشى قىلمىشىدىن تەۋبە قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق".

    ئىبنى ئابدۇل بەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار مۇسۇلمان كىشى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەت ياخشىلانسا، سۆز قىلسا، بۇ سەۋەپتىن ئۆزىگە دىن ۋە دۇنيا تەرەپتىن زىيان يېتىدىغان، توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىدىن مەلۇم مۇددەت يىراق تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئەزىيەت يېتىدىغان كىشىگە ئارىلاشقاندىن، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش ياخشى بولىدۇ". ["تەرھىت تەسرىيب" 8-توم 99-بەت].

   سىزگە مۇھىم بولغىنى، قېرىندىشىڭىز چەكلەنگەن-ھارام ئىشنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەس ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاللاھنى ئەسلىتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. يەنىلا خاتالىقنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى تەرك قىلىشنى مەنپەئەتلىك دەپ قارىسىڭىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى تەرك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما سىزگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بىر ئىشنى قىلسا ياكى پىكىرى-قاراشتا ئوخشاشماسلىق بولسا، سىز ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكىڭىزنى ياكى پىكىر -قارىشىنىڭ خاتالىقىنى بايان قىلىپ بىرىڭ، ئەگەر سىز بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشى ياكى پىكرىنىڭ سىزگە مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكىنى تەرك قىلىشنىڭ شۇئارى قىلسىڭىز بۇ ئاخىرىدا ئۇ كىشىنى سىزنىڭ توغرا قاراشلىرىڭىزنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىشىڭىز شەرىئەتتىكى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك قىلمىسۇن دېگەن قائىدىگىمۇ سىغمايدۇ. يۇقىرىدا ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئەسلىدە مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى سەۋەبسىز تەرك قىلىشى ھارام بولىدۇ". دېگەن پەتىۋاسى بايان قىلىندى.

   مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولىدىغىنى كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭرىي تۇتۇش، قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت قىلىش، بەزى ئەزىيەتلىرىنى كۆتۈرۈش، ئۇششاق خاتالىقلىرىدىن كۆز يۇمۇش، بىرەر سەۋەبنى بانا قىلىپ ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۈزۈشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك. بۇنداق شەكىلدە قېرىندىشىنى تەرك قىلىش ھارام بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلسۇن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android