0 / 0
20/شەئبان/1446 , 19/فېۋرال/2025

قۇرئان كەرىم، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلار بىلەن ۋەسىلە قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 220340

تۆۋەندىكى دۇئالاردا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولمايدىغان سۆزلەر بارمۇ؟، ئۇنىڭدا چەكلەنگەن سۆزلەر بارمۇ؟ ئۇنىڭدىكى چەكلىنىش قايسى؟، بۇنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن بولغان دەلىلى نېمە؟: "ئى ئاللاھ سىلىدىن قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ ھەرىپلىرى بىلەن سورايمەن، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن سورايمەن، مىكائىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئامانىتى بىلەن سورايمەن، ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ سۈر چېلىشى بىلەن سورايمەن، نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن سورايمەن، سەييىدىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دوستلىقى بىلەن سورايمەن، سەييىدىمىز مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ سۆزلىشىشى بىلەن سورايمەن، سەييىدىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ شاپائىتى بىلەن سورايمەن، سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ خىلاپىتى بىلەن سورايمەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىشى بىلەن سورايمەن، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھايالىقى بىلەن سورايمەن ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ باتۇرلىقى بىلەن سورايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سوئال سورىغۇچى ۋەسىلە قىلىشنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا سوراپتۇ. بۇنى تۆت تۈرگە ئايرىش مۇمكىن بولىدۇ:

بىرىنچىسى: قۇرئان كەرىم بىلەن ۋەسىلە قىلىش.

ئىككىنچىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ۋەسىلە قىلىش.

ئۈچىنچىسى: پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بولغان سالىھ كىشىلەر بىلەن ۋەسىلە قىلىش.

تۆتىنچىسى: مەنىسى بىلىنمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن ۋەسىلە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بىرىنچى: سوئال سورىغۇچىنىڭ رەببىدىن قۇرئاننى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشى دۇرۇس، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان بىر سۈپەت بىلەن ۋەسىلە قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەت بىلەن ۋەسىلە قىلىش شەرىئەت دۇرۇس دېگەن ئىشلاردىندۇر، بۇ توغرىدا ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ شان-شەرىپى، قۇدرىتىگە سېغىنىپ  مەن تاپقان ۋە ھەزەر قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەيمەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2202-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2080-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ غەيىبنى بىلىدىغان ئىلمىڭ ۋە مەخلۇقاتلىرىڭغا بولغان قۇدرىتىڭ بىلەن مەن ئۈچۈن ھاياتلىق ياخشى بولسا مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ئۆلۈم ياخشى بولسا ۋاپات تاپتۇرغىن». [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 30-توم 265-بەت. رىسالە ۋەقپى مۇسنەدنىڭ باسمىسىنى تەھقىقلىگەندە سەھىھ دېگەن].

ئاللاھ تائالاغا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر. قۇرئان بىلەن ۋەسىلە قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى ئۆزلىرى ھۆججەت كەلتۈرگەن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس دېگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل، تولۇق كەلىمىسى بىلەن پاناھلىق تېلەيمەن».

سەلەپ ئالىملىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولغان كالامى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلدى، مەخلۇق بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىنمايدۇ دېدى". [تەۋەسسۇل ۋە ۋەسىلە توغرىسىدىكى كاتتا قائىدە" 1-توم 297-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم بىلەن دۇئا قىلىش. يەنى: ئىنسان رەببىدىن ئۇنىڭ كالامىنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ بىر نەرسە سوراش بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتتۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقەتتە لەۋزى بىلەن سۆزلىگەن كالامىدۇر، ئۇ كىشى مەنادا قۇرئاننى ئىرادە قىلدى، ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى، قۇرئان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەت بولىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن ۋەسىلە قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"].

ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك زاتى بىلەن ۋەسىلە قىلىش بولسا، بۇ كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا كۆپ تونۇلغان ئىشتۇر، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمەن ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىدىن سورايمەن" دېگەن سۆزلەرنى قىلاتتى، بۇ مەنا سۈننەتتە كەلمىگەن.

بۇ توغرىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ھەمراھلىرى مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق ۋەسىلە قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ دەپ بۇنىڭدىن چەكلىگەن ۋە مەخلۇقنى ۋەسىلە قىلىپ بىر نەرسە سورالمايدۇ، ھېچ بىر كىشى: ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ھەققى بىلەن سورايمەن دېمەيدۇ".

ئىمام زەيلەئى ھەنەپى "ھەقىقەتلەرنىڭ بايانى" 6-توم 31-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ مۇنداق دېگەن: پالانىنىڭ ھەققى بىلەن، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ ۋە ئەلچىلىرىڭنىڭ ھەققى بىلەن دەپ ۋەسىلە قىلىشنى ئۆچ كۆرىمەن". چۈنكى ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ھەققى بولمايدۇ. كاسانىمۇ" بەدائى ۋە سەنائى" 5-توم 126-بەتتە شۇنداق دېگەن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئالىملارنىڭ سۆزىدىكى كۈچلۈك قاراش: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زاتى ۋە ئابرۇيى بىلەن ۋەسىلە قىلىش ھارام بولىدۇ، بىر ئىنساننىڭ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ يۈزىدىن مۇنداق، مۇنداق نەرسە سورايمەن دېيىشى توغرا بولمايدۇ، ۋەسىلەنىڭ ۋەسىلە بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەقسەت قىلىنغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تەسىرى بولىشى كېرەك، دۇئا قىلغۇچىغا نىسبەتەن مەقسەت قىلىنغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولىشىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئابرۇيىنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى بولمايدىكەن، ئۇ توغرا سەۋەپ بولمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا مەقسەتنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن تەسىرى بولغان توغرا سەۋەپ بىلەن دۇئا قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئابرۇيى دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولغان ئىشتۇر، بۇ پەقەت يالغۇز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچى ئەمەس، بىز پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئەگىشىش بىلەن مەنپەئەتلىنىمىز". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر دۇئا قىلغۇچىنىڭ: "ئى ئاللاھ! سىلىدىن سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سورايمەن دېسە، بۇنىڭ سۆزىدىن: مەن سىلىدىن مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىمانىم، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۇم بىلەن سورايمەن، مەن سىلىگە مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىمانىم ۋە سۆيگۈمنى ۋەسىلە قىلىمەن دېگەننى ئىرادە قىلدى دېگەنگە قارىتىلىدۇ؟ بۇنى سىلەر ئىختىلاپسىز دۇرۇس دەپ بايان قىلدىڭلارغۇ؟ دېيىلسە، ئۇنىڭغا دېيىلىدۇكى: كىمكى بۇ مەنانى مەقسەت قىلغان بولسا ئۇ كىشى ھېچ ئىختىلاپسىز توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ۋەسىلە قىلغان كىشىنىڭ سۆزىنى مۇشۇ مەناغا قاراتقاندا، بۇ ياخشى بولىدۇ (بۇ قاراش سەلەپلەردىن يەنى ساھابىلار، تابىئىنلار، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملاردىن نەقىل قىلىنغان) ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بولمايدۇ. لېكىن ئومۇمى خەلقتىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزنى مۇتلەق ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭدىن يۇقىرىقى مەنانى مەقسەت قىلمايدۇ، بۇنى ئىنكار قىلغانلار شۇ سۆزنى مۇتلەق ئىشلەتكەنلەرنى ئىنكار قىلىدۇ.

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ۋەسىلە قىلىشتىن: ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە شاپائىتى بىلەن ۋەسىلە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ ھېچقانداق تالاش-تارتىشسىز دۇرۇس ئىشتۇر. ئاندىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ۋەسىلە بىلەن ئۇ مەنانى مەقسەت قىلمايدۇ". ["كاتتا قائىدە" 119-بەت].

ئۈچىنچى: مەخلۇقلارنىڭ زاتى بىلەن ۋەسىلە قىلىش توغرىسىدا:

بۇ شەرىئەتتە ئىنكار قىلىنغان، ئۆرپە-ئادەت ۋە لەۋزىدىمۇ ئىنكار قىلىنغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر، بۇنىڭدا مەخلۇقنى ئاللاھ تائالا تەسەررۇپ قىلىشقا رۇخسەت بەرمىگەن ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا قويغانلىق بولىدۇ، دۇئادىكى ئەدەپكە خىلاپلىق قىلغانلىق ۋە دۇئا قىلغۇچى، ۋەسىلە قىلغۇچى ۋە شاپائەت تەلەپ قىلىنغۇچىنىڭ مەقسىدىگىمۇ ئۇيغۇن بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شاپائەت قىلالمايدىغان كىشىدىن شاپەت تەلەپ قىلىنمايدۇ ۋە ھاجەتمۇ سورالمايدۇ، بەلكى سورالغۇچى ئۆزىدىن بىر نەرسە سورالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، بۇ ئۆرپىدىمۇ ۋە بىز سۆزىنى بىلىدىغانكىلەرنىڭ سۆزىدىمۇ شاپائەت تەلەپ قىلىش بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 1-توم 242-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىر كىشى ئىتائەت قىلىنىدىغان چوڭ بىرىگە: پالانىنىڭ ساڭا بولغان تائىتى بىلەن سورايمەن، ئۇنىڭ سېنىڭ تائىتىڭنى ياخشى كۆرىشى بىلەن سورايمەن، ئۇنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلىشى بىلەن سەن ئۇنىڭدا قىلغان سېنىڭ نەزىرىڭدىكى يۈز-ئابرۇيى بىلەن سورايمەن دېسە، ئۇ كىشى سوئال بىلەن ئالاقىسى بولمىغان يات بىر ئىش بىلەن سورىغان بولدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە يېقىن بولغان كىشىلەرگە ئېھسان قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىشىدە ئۇلارنىڭ نامى بىلەن بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان بىر نەرسە يوق. ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان نەرسە بولسا: ئۇ كىشىدىن بولغان سەۋەپ يەنى ئۇ كىشىنىڭ ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئۇ كىشىنى شاپائەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن سەۋەپ ئۇلاردىن بولىدۇ".

يەنە مۇنداق دېدى: "بىر كىشىنىڭ: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن پالانىنىڭ ۋە پالانىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن سورايمەن. يەنى: پەرىشتىلەردىن، پەيغەمبەرلەردىن، سالىھلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن، ياكى پالانىڭ يۈزىدىن ياكى پالانىنىڭ ھۆرمىتىدىن دېگەندەك بۇ سۆزلەر، شۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە  ئابرۇيى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرا سۆز، ھەقىقەتەن ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى مەرتىۋە، يۈز-ئابرۇي ۋە ھۆرمەت بار، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىشنى، قەدىر-قىممىتىنى كاتتا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار شاپائەت قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئۇلاردىن دۇئامۇ ۋە شاپائەتمۇ بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسى بولمايدىغان  ۋە ئۆزىگە يات بولغان بىر ئىش بىلەن سورىغان بولىدۇ".

يەنە بىر ئورۇندا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ ئىكرام قىلىشىدا ئاشۇ سەۋەپ بۇنى ئىجابەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دەيدىغان ئىش يوق. ئەگەر: سەۋەپ ئۇ كىشىنىڭ شاپائەت قىلىشى ۋە دۇئا قىلىشى دېسە، ئۇ كىشىگە شاپائەت قىلغان ۋە دۇئا قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلمىغان ۋە دۇئا قىلمىغان بولسا ، بۇ يەردە ھېچ سەۋەپ بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "قائىدەتۇل جەلىيلە پىتتەۋەسسۇل ۋەل ۋەسىلە" ناملىق مۇبارەك كىتابىدا بۇ مەسىلىنى مۇكەممەل، تولۇق، تەپسىلى بايان قىلدى.

تۆتىنچى: سوئال سورىغۇچىنىڭ سۈرنىڭ چېلىنىشى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باتۇرلىقى قاتارلىقلار دېگەندەك سوئال سورىغۇچى تىزىپ كەلتۈرگەن بۇ سۆزلەر مەنىسىگە قارالمايدىغان بەلكى مەنىسى يوق بىر سۆزلەر بولۇپ، بۇ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر كىشىنىڭ سورايدىغان سۆزى ئەمەس، ئەقلى جايىدا كىشى بۇنداق دۇئالارنى ياقتۇرمايدۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ  كاپىرلىرى، مۇسۇلمانلىرى، ياخشىلىرى، پاجىر-پاسىقلىرى، تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ؟.

ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باتۇرلىقى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىغانلىقى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھايالىقلىقى ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ دوستى بولغانلىقى قانداقمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ؟.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ دوستى بولىشى بىلەن بۇ دۇئا قىلغۇچىنىڭ نېمە ئىشى؟، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يۇقىرى مەرتىۋېسىدىن ئۇ كىشىنىڭ نېسىۋېسى بارمۇ؟، بۇ پەقەت سۈننەتكە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقنىڭ ۋە يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان دۇئاغا مايىل بولغانلىقنىڭ، دۇئادا قاپىيلاشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن دۇئادا قاپىيلاشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشتىن چەكلەنگەنلىكنىڭ ھېكمىتى نامايەندە بولىدۇ.

ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇئادا قاپىيلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئارتۇقچە تەكلىپ ۋە قىيىنچىلىقتۇر، بۇ دۇئادىكى ئىخلاس، خۇشۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا غاپىل قەلىپتىن قىلىنغان دۇئانى قوبۇل قىلمايدۇ».

ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا قاپىيلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتا: ئۇ كىشىنىڭ ھىممىتى سۆزنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قاپىيلاشتۇرۇش بولىدۇ، پىكرى مەشغۇل قىلىپ قويغان كىشىنىڭ كۆڭۈل-خاتىرسى تەكەللۇپ بىلەن ھالسىرايدۇ، قەلبى خۇشۇدىن غاپىل قالىدۇ". ["شەرھى سەھىھىل بۇخارى" 10-توم 97-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android