ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ماشىنا ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھوشىنى يوقاتقان كىشى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

سۇئال: 22204

ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىغان بىر كىشى ئۆلۈم ھالىتىگە كېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ھېچ نەرسىنى تۇيمىغان ھالەتتە ھۇشسىز ياتتى بۇ جەرياندا رامىزان ئېيىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە شىپالىق ئاتا قىلدى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، ئۇ كىشى ھۇشسىز ھالەتتىكى ناماز ۋە روزىلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ كىشى ماشىنا ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئەقلى-ھۇشىنى يوقاتقان بولسا، مۇشۇ مۇددەتتە رامىزان ئېيىمۇ ئۆتكەن بولسا، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، ئۇ كىشى ئەقلى-ھوشىنى يوقاتقان مۇددەتتە ناماز ۋە روزىغا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتتىكى ناماز ۋە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. 

مەنبە

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 6-توم 18-بەت.

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android