ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

شېكەر كېسلى ۋە قان بېسىمى بارلار رامىزان روزىسىنى تۇتۇشتا قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال: 222148

مۇسۇلمان كىشى ساق تۇرۇپ رامىزاندا روزا تۇتالمىغان بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن پىديە بەرسە توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇ كىشى شېكەر كېسلى ۋە قان بىسى بولۇپ قالغان؟ بىر كەمبەغەلگە بىر قېتىم يەنى بىر ۋاقلىق بېرەمدۇ ياكى ئىككى قېتىمدىن بېرەمدۇ؟ ئۇ كىشى سېرىتتا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بىر ئايلىق دەم ئىلىش قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: شېكەر كېسلى بىلەن قان بېسىمىنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنى تېبابەتتە بىر قانچە تۈرگە ئايرىيدۇ، بەزىلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە رايە قىلىپ خاتىرجەم روزا تۇتالايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ. لېكىن بىر كىشىدە شېكەر كېسىلى ۋە قان بېسىمى بولسا بۇنداق بىمارغا نىسبەتەن روزا تۇتۇش قېيىن بولىدۇ.

     شۇنىڭغا ئاساسەن: بىمار دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىپ، روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.  چۈنكى بىز ئىلگىرى 1319– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك ھەر قانداق كېسەلنىڭ روزا تۇتماي ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: شېكەر كېسىلى بىلەن قان بېسىمى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىغان كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش كېرەك بولىدۇ، قازاسىنى تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ.

    بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىشتىن بولغان مەقسەت: بىر ۋاق تاماق بېرىش بولۇپ، بىمار تاماقنى ئۆزى تەييار قىلىپ كەمبەغەلنى چاقىرىپ بەرسۇن ياكى پىشۇرۇلغان تەييار يىمەكلىك بەرسۇن ياكى پىشۇرۇپ يەيدىغان يېمەكنىڭ ماتېرىيالىنى بەرسۇن ئوخشاش قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ، مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى ئادا قىلسا كەمبەغەلگە يېمەك بەرگەن ھېسابلىنىپ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بىز بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى49944– 101100- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android