دادام ۋاپات بولغىلى ئۈچ ئاي بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇنى كۆپ سېغىنىمەن، كۆپ ئۆزگىرىمەن، بەزى دادام تۈنۈگۈن ۋاپات بولغاندەك قاتتىق بىئارام بولىمەن، بەزى ياشاشقا رىغبىتىم يوقتەك ھېس قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا ھېچ قانداق بىر ئىشنى ھېس قىلماستىن تىنىچ بولۇپ قالىمەن، شەرئى ئىلىملەردىن مەلۇم دەرىجىدە دەرسلىك قىلدىم، نۇرغۇن دىنى كىتابلارنى ئوقۇدۇم، دەرس ۋە ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرىغا كۆپ قاتناشتىم، سەبىر قىلىشنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاپلارنى بىلىمەن، مەن دادامغا كۆپ دۇئا قىلىمەن، كۆپ ۋاقىتتا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دىلىمدا بۇ دۇئالارنى كۆپ تەكرارلايمەن: رەببىم! مەن سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولدۇم، سەن ئاتا قىلغۇچى ۋە چەكلىگۈچى، بۇيرۇق سېنىڭدۇر، مېنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. لېكىن مەن تېڭىرقاش ئىچىدە، ئەقلىمدە ئۆزۈمنى مۇناپىق دېگەن سۆز تەكرارلىنىدۇ، مەن گەرچە سەبىر قىلساممۇ، بۇ دەرد-ئەلەم، سىقىلىشنى ھېس قىلىمەن؟…
مەن ھېس قىلغان ئىش ھەقىقى سەۋېرچانلىققا زىت كېلەمدۇ؟ گەرچە مەن رازى بولمىساممۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا قانداق ئېرىشىمەن؟، ئاللاھ تائالانىڭ "ئەسسالام" دېگەن ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئوقۇدۇم، مۇشۇ ئىسىمنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلدىم، دادام ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:" ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق پەقەت سېنىڭدىندۇر، ئى ئۇلۇغلۇق، كاتتىلىق، ئالىلىق ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ، سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن، سېنىڭدىن دادامنى قەبىردە، قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى تىرگۈزىدىغان كۈندە سالامەت قىلغىن دەپ دۇئا قىلىمەن، قىلغان دۇئايىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.