ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال: 22389

ئىشراق نامىزى ۋە چاشكا نامىزى ئۈچۈن مۇناسىپ بولغان ۋاقىت قايسى؟. ئىشراق نامىزى بىلەن چاشكا نامىزى ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟. چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان باشلىنىدۇ؟. چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

-ئىشراق نامىزى بىلەن چاشكا نامىزى ئارىسىدىكى پەرق.

ئىشراق نامىزى دېگەن: ئاۋۋالقى ۋاقىتتا ئادا قىلىنغان چاشكا نامىزى بولۇپ، ئىككى ئوخشىمايدىغان ئىككى ناماز ئەمەس، ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇلغاننىڭ ئىشراق دەپ ئاتىلىشى ئۇ نامازنى كۈن چېقىپ ئۆرلىگەندىن كېيىنلا ئادا قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر.

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىشراق نامىزى دېگەن: ئاۋۋالقى ۋاقىتتا ئادا قىلىنغان چاشكا نامىزىدۇر". ["شەيخ بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 401-بەت].

-چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان باشلىنىدۇ؟.

چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن چېقىپ ئۆرلىگەندىن باشلاپ تاكى پېشىننىڭ ۋاقتى بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ۋاقىتنى تەكىتلەپ: "كۈن چېقىپ ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن باشلىنىپ، پېشىن نامىزىغا ئون مىنۇت قالغانغا قەدەر بولىدۇ دېگەن". ["شەرھىل مۇمتىئ"4-توم 122-بەت].

    مۇشۇ ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدۇر.

چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى:

چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى قۇياش كۆتۈرلۈپ تاشلار قىزىغان ۋاقىتتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چاشكا نامىزى تاشلار قىززىپ بوتۇلاقنىڭ پۇتى كۆيگۈدەك بولغاندا بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 748-ھەدىس. "شەيخ بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 395-بەت].

   ئالىملار بۇ ۋاقىتنى كۈن چېقىپ ئۆرلىگەن ۋاقىتتىن پېشىننىڭ ۋاقتىغىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرى دەپ قارىغان.

    ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەلمەجمۇ" 4-توم 36-بەتكە ۋە "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 27-توم 224-بەتكە قارالسۇن. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ  ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android