0 / 0
2,93111/02/2017

ئايدۇرۇملاردا ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كىرىست بەلگىسى ئېسىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سوئال: 224737

بەزى مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ياكى باشقا ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ياسالما پاسپورتلار بىلەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى كۆتۈرۈپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، بەزى كىشىلەر ئايدۇرۇم خىزمەتچىلىرىنىڭ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايدۇرۇمغا كىرگەن ۋاقىتتا كىرىست بەلگىسى ئېسىۋالىدۇ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا كىرىست بەلگىسى ئېسىۋالسا قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

بىرىنچى:”كىرىست ئوچۇق-ئاشكارا كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىدۇر”بۇ ھەقتە ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ”ئەھكام ئەھلىزىممە”ناملىق ئەسەرنىڭ 3- توم 1240-بەتتەبايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىرىست بەلگىسىئېسىشنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىدەئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

“كۇۋەيتپىقھى مەجمۇئەسى” ناملىق ئەسەرنىڭ 12-توم88-بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: “مۇسۇلماننىڭكىرىېست بەلگىسى ياسىشى، ياكى كىرىستنى ئىپادىلەيدىغاننەرسىلەرنى ياسىشى، باشقىلارغا بۇيرۇتۇپ ياسىتىشى،ئۇنى ساقلىشى بوينىغا ئېسىۋالسۇن ياكى ئاسمىسۇن، بىرجايغا تىكلەپ قويسۇن ياكى قويمىسۇن ئوخشاشلا توغرابولمايدۇ”. كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇنداق قىلغانكىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلدى.

ھەنەپىيمەزھەپ كىتاپلىرىدىن بىرى بولغان “پەتاۋاھىندىيە” ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 276-بىتىدەمۇنداق بايان قىلىنغان: توغرا قاراشتا مەجۇسى-ئاتەشپەرەسلەرنىڭ باش كىيىمىنى كىيگەن ئادەم كاپىربولىدۇ، ئەمما ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈنرۆرۈرەت بولۇپ كىيگەن بولسا ھېچنەرسەبولمايدۇ. قەدىمقى زاماندىكى غەيرى دىندىكى كىشىلەرنىدوراپ كەمەر باغلىغان بولسا كاپىر بولىدۇ ئەممائۇرۇش مەيدانىدا كاپىرلانى ئالداش، مۇسۇلمانلارغائاخبارات توپلاش ئۈچۈن تاقىغان بولسا بولىدۇ”.

يەنەھەنەپىي مەزھەپ كىتاپلىرىدىن بىرى بولغان “مەجمەئەلئەنھار فى شەرھى مۇلتەقەل ئەبھار” ناملىقئەسەر 1-توم 698-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:توغرا قاراشتا مەجۇسى-ئاتەشپەرەسلەرنىڭ باش كىيىمىنى كىيگەن ئادەم كاپىربولىدۇ، ئەمما ئىسسىق ياكى سوغۇقتىنساقلىنىش ئۈچۈن ياكىئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بولسا بۇنىڭدىنقۇتۇلۇش ئۈچۈن كىيگەن بولسابولىدۇ”.

قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككەكەلگەن قارىشىدا، كاپىردىن سادىر بولىدىغان ھەرقانداقئىش-ھەرىكەتنى قىلغان كىشىنى كاپىر دەيمىز، گەرچەئۇنى قىلغۇچى شۇ ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ مەنمۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ.

مەسىلەن:بۇتقا چوقۇنۇش، كۈنگە چوقۇنۇش، ئايغاچوقۇنۇش، كىرست بەلگىسى ۋە ئوتقاچوقۇنۇش، چېركاۋلارغا بېرىش، ئۇلاربىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا ئوخشاش كەمەرتاقاپ باشلىرىنى ئوراش قاتارلىقلار.

ھەقىقەتەنمۇسۇلمانلار بۇنداق ئىشلارنىڭ پەقەتكاپىرلاردا تىپىلىدىغانلىقى، بۇنداقئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ كاپىرنىڭ ئالامەتلىرىئىكەنلىكى، گەرچە بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئۆزىنىمۇسۇلمان دەپ ئېلان قىلسىمۇ كاپىر بولىدىغانلىقىغائىتتىپاققا كەلگەن.” [“ئەششىپا بىتەرىيپىھوقۇقۇل مۇستەپا” ناملىق ئەسەر2-توم611-بەت].

ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىئۆلىمالىرىدىن: كىرىست ئېسىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىداسورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: “كىرىست ئاسقانكىشىگە ئۇنىڭ ھۆكمى، ئۇنىڭخرىستىئانلارنىڭ دىنى شۇئارى ئىكەنلىكى بايان قىلىپبېرىلسە، ئۇنى ئاسقان كىشى، كىرىست بەلگىسىنىڭخرىستىئانلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭقىلغان ئىشىغا رازى بولۇپ بۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرسا،ئۇ كىشىنىڭ كاپىرلىقىغاھۆكۈم بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَاالَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَبَعْضُهُمْأَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُمِنْهُمْ إِنَّ اللهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىيۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر – بىرىنىدوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوستتۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىنسانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەنھىدايەت قىلمايدۇ. سۈرە مائىدە 51-ئايەت].

زۇلۇممۇتلەق بايان قىلىنسا ئۇنىڭدىن چوڭ شېرىكمەقسەت قىلىنىدۇ، كىرىست تاقاش خرىستىئانلارنىڭ ئۆزگۇمانى بويىچە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىئۆلتۈردۇق دېگەن دەۋاسىغامۇۋاپىق كەلگەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ گۇمانىقارىشىنى يالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَا قَتَلُوهُ وَمَاصَلَبُوهُ وَلَكِن شُبِّهَ لَهُمْ تەرجىمىسى: ۋاھالەنكى،ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغائاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھەسېلىندى (يەنى ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسائەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). [سۈرە نىسا 157-ئايەت].[ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كۆمىتېتى پەتىۋالارمەجمۇئەسى 2-توم 119-بەتتىن ئىلىندى].

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرەھمان بەرراكمۇنداق دەيدۇ: “ھەممەيلەنگەمەلۇمكى، كىرست بەلگىسى خرىستىئانلارنىڭچېركاۋ ۋە ئۆيلىرىدە چوقۇنىدىغانبۇتلىرى، ئۇلار بۇنى بويۇن ۋەمەيدىلىرىگە ئېسىۋالىدۇ، بۇخرىستىئانلارنىڭ دىنى شۇئارى، ھەرقانداق ئەھۋالئاستىدا بۇنى ئېسىش مۇسۇلمانلارغا ھارام بولىدۇ.

مۇسۇلمانئۆزىنىڭ خرىستىئان ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈنكىرىست ئاسقان بولسا، بۇ ئۆزىنىڭ خرىستىئانلارنىڭ دىنىغامۇۋاپىق كەلگەنلىكىنى ئاشكارا قىلىشتۇر،خرىستىئانلارنىڭ دىنىغا مۇۋاپىق كېلىش دېگەنئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانلىقتۇر. ئەمما ئۆز نەپسىدىنئەنسىرەپ ياكى مەجبۇرى ئاسقان بولسا بۇنىڭغاگۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدېگەن: مَنْكَفَرَ بِاللَّهِ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُمُطْمَئِنٌّ بِالأِيمَانِتەرجىمىسى: كىمكىئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، -قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇمەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنىبىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. [سۈرەنەھل 106-ئايەت].

بۇنىڭشەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بىلمەي ئاسقان بولسا،بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن كەچۈرۈمقىلىنىدۇ. ئەمما خوشامەت قىلىش يۈزىسىدىن ئاسقان بولسابۇنداق قىلىش ھارامدۇر. مەزكۇر ھالەتتە ئۇكىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش خەۋپى بار.مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىنھەزەر قىلىشى كېرەك، كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭتۈرلىرىنى ئۇلۇغلىغان كىشىگەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىكۇپايىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىسلامنىڭ غەيرىدىكى ياتقەۋىمگە ئوخشىۋالغان كىشى شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن. [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى 4031-ھەدىس].

شۇنىڭئۈچۈن بۇنداق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشزۈرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى تېنچ-سالامەتقىلسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشىبىلگۈچىدۇر”. http://ar.islamway.net/fatwa/8605 بۇ ئۈلۈنىشقا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگەئاساسەن، سوئالدا ئىشارەت قىلىنغان مۇسۇلمان كىشى شۇنداققىلىشقا قىستالغان بولسا، ئۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا يالغانۋەتەنداشلىقى ئاشكارا بولۇپ، تۈرمىگەتاشلىنىدىغان ياكى ھاياتىغا خەۋەپ يېتىدىغان ئەھۋالئاستىدا، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، يەنىئۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا قەلبى ئىمان بىلەن تىنچلانغانھالدا مەزكۇر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسا ئۇنىڭھۆكمى باشقا ئەلۋەتتە.

ئەممائۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى مەجبۇرلىنىشۋە زۆرۈرىيەت ھالىتىگە يەتمىگەنبولسا ئۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

ئۆزيۇرتىدىن چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپقالغان كىشىنىڭ ھالىبىلەن كىرىستئېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشىنىڭھالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشكېرەك، ئىنسان بەزى ۋاقىتتا تۈرمىگەكېرىپ قېلىشتىن ۋە ھاياتىنىڭ خەۋىپكەئۇچراشتىن ئەنسىرەپ يۇرتىدىن چېقىشقامەجبۇر بولىدۇ، لېكىن كىرىست ئېسىش بولسامەجبۇرلىنىشنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ، كىرىست ئاسمىساتۈرمىگە تاشلىنىدىغان ۋە ھاياتىغاخەۋەپ يېتىدىغان ئىشلار بولماسلىقى مۇمكىن. (شۇنداقلا،كىرىست ئېسىپ يۇرۇپ ياۋرۇپاغا بارماستىنمۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگەبېرىشى ئەۋزەلدۇر).

بۇنداقمەسىلىدە بەك ئېھتىيات قېلىش كېرەك،ئىنسان ئۈچۈن قىلسا رۇخسەت بولىدىغان ھالەتتىكىزۆرۈرىيەت بىلەن رۇخسەت قىلىنمايدىغانزۆرۈرەتنىڭ پەرقىنى بىلىش كېرەك.زۆرۈرىيەت بولغاندىمۇ سەۋىر قىلسا،كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىنى كۆرۈرۈپ چىقمىسا ياكىكۇپرى سۆزنى سۆزلىمىسە، ھەتتا ئۆزنەپسىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردىمۇ سەۋىرقىلسا ياخشى بولىدۇ.

گەرچەزۆرۈرىيەت بولغاندا كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىنىئاشكارا قىلىش رۇخسەت، دۇرۇس بولسىمۇ لېكىندۇنيالىق ئىشلارنى دەپ ئىمان ئېتىقادتىن ئېغىزدابولسىمۇ ۋاز كەچمەستىن ئىماندا كەسكىن تۇرسائەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى كاتتىدۇر.

پىتنىدىنۋە ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ھاياتىنى ۋەدىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قېچىش يوللۇق بولۇپ،بۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئاستىدا ھەركىشىنىڭ ئەھۋالى بويىچەپەرز ياكى مۇستەھەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android