ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا بولغان قارىشى توغرىسىدا

سۇئال: 225392

ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا بولغان قارىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەنەفىي مەزھەپئۆلىمالىرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىتۈرىدىكىلەر: ماتۇرىدىيە ياكى سوپىئىزىمچىلىق قارىشىكۈچلۈك بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھغا نىسبەتەن دۈشمەنلىكپوزىتسىيسىدە بولىدۇ. پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىدائۇلارنىڭ ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھتوغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلىرىنىڭ ھېچ ئېتىبارىيوق كىشىلەردۇر. دىنى ئالىملار ئارىسىدا ئىجرا بولىۋاتقانقائىدە: دىنى ئالىملار بەزى ئۆلىمالارنىڭ بەزىسىتوغرىسىدىكى سۆزلىرىنى پەقەت دەلىل بىلەنسۆزلىگەندە ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ. بۇ توغرىدائىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش، ئىلىمدەكامالەتكە يەتكەن، ئادىل، ئىشەنچىلىك،ئىلىمگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىملار توغرىسىداباشقىلار ئەيىبلەپ سۆز قىلسا، ئەيىبلەشكەلايىق بولغان دەلىللەرنى كەلتۈرسە،گۇۋاھ-شاھىتلىرى بولسا، ئەيىبلىگۈچى ھەسەت،ئاداۋەت، بەسلىشىش قاتارلىق ئىشلاردىن سالامەت بولسا،سۆزىنىڭ راستلىقىغا قاراپ چىقىلغاندىن كىيىن، پىقھىتەرەپتىن ئىسپاتلانسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭسۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ”. [ئىلىمنىڭ بايانىۋە پەزىلىتى 2-توم 1093-1094-بەتلەر].

بىرىنچى تۈركۈمدىكىھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھغا قىلغانتەنە-تەنقىتلىرىنىڭ ھېچ دەلىل-ئىسپاتى يوق،پەقەت ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھبىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشاشماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.پىكىر-قاراشلار ئارىسىدا ئىختىلاپ، تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە،ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلارنىڭ سۆزى شەرىئەت پرىنسىپىغاتوغرىلىنىدۇ، كىمنىڭ سۆزى ھەق بولسا شۇنىڭسۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُواالرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّـهِوَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا﴾تەرجىمىسى: ئىمۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگەۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىشئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار،ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپقالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋەپەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەرسىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمانكەلتۈرگەن بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭكىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگەمۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر،نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر. [سۈرە نىسا 59-ئايەت].

ئىمام قۇرتۇبىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھتائالانىڭ ﴿فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ﴾تەرجىمىسى: ئەگەرسىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار دېگەن سۆزى يەنى سىلەر دىنى ئىشلاردىنبىرەر ئىشتا ئۆز-ئارا جىدەللەشسەڭلار،ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھتائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات بولسا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ۋاپات بولغاندىنكېيىن بولسا سۈننەتلىرىگە مۇراجىئەتقىلىڭلار دېگەن بولىدۇ. مۇجاھىد،ئەئمەش ۋە قەتادە قاتارلىق ئالىملارنىڭقارىشىمۇ شۇنداق، بۇ توغرا قاراش بولۇپ،بۇنىڭغا قوشۇلمىغان كىشىنىڭ ئىمانىدا مەسىلەبار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ﴿إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ﴾تەرجىمىسى:ئەگەر سىلەر ئاللاھقاۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمانكەلتۈرگەن بولساڭلار،دېگەن. [جامىئ لى ئەھكامىل قۇرئان 6-توم 433-بەت].

ئىككىنچى تۈردىكى ھەنەفىيئۆلىمالىرى، ئۇلار ئىلىملىك ۋە ئىنساپلىق ئالىملاربولۇپ، گەرچە ئۇلار بىلەن ئىبنىتەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىئارتۇقچىلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېتۈك ئالىمئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

بىز تۆۋەندە ئىنساپلىقئالىملارنىڭ ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلمى ۋە پەزىلىتىنىئېتىراپ قىلغان مەدھىيە-ماختاشلىرىغا نەزەرسالايلى:

1- شەمسىدىن ئىبنى ھەرىيرىھەنەفىي رەھىمەھۇللاھ (ئۇ كىشىھىجىرىيە 728-يىلى ئىبنى تەيمىيە بىلەن بىر يىلداۋاپات بولغان). ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھبۇ كىشى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: “قازىلارنىڭباشلىقى شەمسىدىن ئىبنى ھەرىيرى ئەبۇ ئابدۇللاھمۇھەممەد ئىبنى سەپىيىددىن ئەبى ئەمىر ئوسمانئىبنى ئەبىل ھەسەن ئىبنى ئەبدۇل ۋەھھاب ئەلئەنسارىھەنەفىي، ھىجىرىيە 653-يىلى تۇغۇلغان، ھەدىسئاڭلاش، ئۈگۈنۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمەشغۇل بولغان، ھەنەفىي مەزھىپىدىكىمەشھۇر پىقھى كىتاب “ھىدايە”نى ۋايىغايەتكۇزۇپ ئۈگەنگەن. ئۇ پىقھىمەسىلىلەرنى بەك ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى بولۇپ،دەمەشقنىڭ كۆپ جايلىرىدا دەرسئۆگەتكەن، ئاندىن دەمەشققە قازى بولغان،كىيىن مىسىرغا قازى بولۇپ، مىسىردا ئۇزۇن مۇددەتقازىلىق قىلغان، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭيۈز-ئابرۇيىنى ساقلىغان، ھېچ بىر كىشىدىن سوۋغاتقوبۇل قىلمىغان، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىپمالامەت قىلغۇچىلارغا پەرۋا قىلمىغان.

ئۇ كىشى مۇنداق دەيتتى: ئىبنىتەيمىيە شەيخۇل ئىسسلام بولمىسا كىم بولىدۇ؟،ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى سۆھبەتداشلىرىغا: شەيختەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟دېگەندە، ئۇلار: ھەئە دېدى. ئۇكىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنى ياخشىكۆرگەندەك باشقا بىر نەرسىنى ياخشى كۆرمىدىم،دەيدۇ. ئۇ كىشى ھىجىرىيە 728-يىلى 6-ئاينىڭ4-كۈنى ۋاپات بولغان ۋە جەسىتى قۇراپەدېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. [“ئەلبىدايەۋەننىھايە”دارۇلھىجرە باسمىسى18-توم 306-307-بەتلەر].

2-بەدىرىددىن ئەينىرەھىمەھۇللاھ، ئۇ كىشى بولسا ھەنەفىيمەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇ كىشىئۆزىنىڭ: “ئەلبىنايەتۇ شەرھۇل ھىدايە”ۋە ” سەھىھ بۇخارىينىڭ شەرھىسى بولغان “ئۇمدەتۇلقارى” ناملىق كىتابلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئىمام ئەينىرەھىمەھۇللاھنىڭ ئىبنى تەيمىيىگە بولغانماختاش-ئالقىشلىرىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

بىرىنچىسى: بەدىرىددىن ئەينىرەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ “ئۇقەدۇلجىمان فى تارىخى ئەھلى زامان” ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنىتەيمىيەنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، ئۇنىڭئىلىم-مەرىپەت، ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى ئېتىراپقىلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن،ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 667-يىلىدىكى ۋەقەلەرنىبايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەران ئەھلىھەراندىن چىقىپ شامغا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدامەشھۇر ئالىم تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە دادىسىبىلەن بىرگە كەلگەن ئېدى، ئۇ ۋاقىتتائىبنى تەيمىيە ئاران ئالتە ياشتا ئېدى، ئۇنىڭئۆزىدىن كىچىك قېرىنداشلىرىدىن زەينىدىنئابدۇرەھمان ۋە شەرپىدىن ئابدۇللامۇبار ئېدى”. [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىكھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 2/51].

ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھھىجىرىيە 683-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپمۇنداق دەيدۇ: “شەيخۇل ئىسلام ئۇستازتەقىيىددىن ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيەقەسائىين دېگەن جايدىكى سۇكرىييە دارۇل ھەدىسمەدرىسىسىدە دەرس بەرگەن. بۇ ھىجىرىيە683-يىلى 1-ئاينىڭ 8- كۈنى دۈشەنبە ئېدى.ئۇنىڭ دەرىسىگە شافىئى مەزھىپىدىكىقازىلارنىڭ باشلىقى شەيخ باھائىددىن ئىبنى زەكىي، شافىئىمەزھەپ پېشىۋالىرىدىن شەيخ تاجىدىن پەزارىي،شەيخ زەينىدىن ئىبنى مەرھەل، ھەنبەلىمەزھىپىدىكى شەيخ زەينىدىن ئىبنى مۇنجى قاتارلىق ئالىملارھازىر بولغان. بۇ كۈنى ئالاھىدە دەرس بولغان. شۇيىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە كۈنىدەتەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە نامازدىن كېيىن ئۆزىئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىشقاتەييارلانغان مۇنبەرگە چىقىپ قۇرئان كەرىمنىڭئەۋۋىلىدىن تەپسىر دەرسىنى باشلىغان،ئۇنىڭ دەرسىگە نۇرغۇن كىشىلەر ھازىربولغان، بۇ دەرس مۇشۇ ئۇسۇل بويىچەئىككى يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان.” [ئۇقەدۇلجىماندىن: مەمالىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 2-توم330-331-بەتلەر].

ئىمام ئەينىرەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 694-يىلى ۋاپات بولغانلارنىبايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “شەيخ، ئىمام،ئۇستاز، مەدرىسىنىڭ نۇتۇقچىسى، مۇپتى، قازى،شەرىپىددىن ئەھمەد ئىبنى شەيخ جامالىدىنئەھمەد ئىبنى نېمەت ئىبنى ئەھمەد ئىبنىجەپەر ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ھەمادئەلمەقدەسى شافىئىي، بۇ كىشى ھىجىرىيە 622-يىلىتۇغۇلۇپ، 694-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپاتبولغان بولۇپ بابى كىيسان قەبرىستانلىقىدا دادىسى بىلەنقېرىندىشىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ كىشىكۆپ ئالىملاردىن دەرس ئاڭلىغان، ئېسىل، ياخشى كىتابلارنىيېزىپ قالدۇرغان، غەزالىيە ۋە دارۇلھەدىس نۇرىيەدە ئوقۇتقۇچى بولغان، شامدىكىبەرانىيە مەكتىۋىدىمۇ دەرسبەرگەن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ پەتىۋابېرىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئۇلارنىڭئىچىدە، شەيخ ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيەمۇپەتىۋا بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئۇكىشى ئىبنى تەيمىيە بىلەن پەخىرلىنىپ مۇنداقدەيدۇ: مەن ئىبنى تەيمىيەنىڭپەتىۋا بېرىشىگە ئىجازەت قىلدىم”. [ئۇقەدۇلجىماندىن: مەمالىكھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 3-توم 185-بەت].

ئىمام ئەينىرەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 699-يىلى يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ مۇنداقدەيدۇ: “يۇرتنىڭ چوڭلىرى ۋەشەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە بىرلىكتەموڭغۇللارنىڭ شامغا ئەسكەر باشلاپكەلگەن قوماندانى قازاننىڭ ئالدىغا بېرىپ شام خەلقىئۈچۈن ئەمىنلىك تىلىمەكچى بولىدۇ، ئۇلار699-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دۈشەنبەكۈنلۈكتە نەبەك دېگەن جايداموڭغۇللارنىڭ قوماندانى بىلەن كۆرىشىدۇ،شەيخ ئىبنى تەيمىيە بۇ ئۇچرىشىشتا مۇسۇلمانلارنىڭمەنپەتىنى قوغداپ ناھايىتى جانلىق سۆزلەيدۇ،بۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى كۆپ پايدىسىبولىدۇ”. [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىكھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 4-توم29-30-بەت].

ئىككىنچى: ئىمام ئەينىنىڭشەيخ ئىبنى تەيمىيەنى مەدھىيەلىشى. ئىبنىناسىرىددىن دەمەشقى رەھىمەھۇللاھ ئىبنىتەيمىيەگە تەنە قىلغانلارغا رەتقايتۇرۇپ: “شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىكاپىر دەپ گۇمان قىلغانلارغا تولۇق رەددىيە”دېگەن ئەسەرنى يازىدۇ. ئىمام بەدرىددىنئەينى رەھىمەھۇللاھ بۇ كىتابتا ئۇنى ماختاپمۇنداق دەيدۇ: “ھەممەيلەنگەمەلۇمكى، شەيخۇل ئىسلام ئىمام، يېتەكچىئۇستاز تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيەئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئىلىم-مەرىپەتلىكيېتۈك ئالىمدۇر. بۇ كىشى دىننى ساپلاشتۇرۇش،مۇلھىد، زىندىقلارغا رەت قايتۇرۇش،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپرىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ راستلىرى بىلەنتوقۇلمىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ساھابىلار ۋەتابىئىنلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ توغرىسىنىئايرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەممە تەرەپكەكەڭ تارالدى، يازغان كىتابلىرىدا ئازغۇنلۇق ياكى ئۈممەتنىبۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدىغان بىر نەرسە يوق،ئۇنىڭغا تەنە قىلىنغان زىيارەت ۋە تالاقمەسىلىلىرى بولسا، مەزھەپ ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئىجتىھادىمەسىلە بولۇپ، ئىجتىھاد قىلغۇچى ھەر ئىككىلاھالەتتە ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلغۇچىغا مالامەت،تاپا-تەنە قىلىنمايدۇ. ئەمما ئۇلارئۆچمەنلىك ۋە ھەسەت قىلغانلىقتىنشۇنداق قىلىدۇ. ئىبنى تەيمىيە بولسا ھەدىس ئىلىمى،تەپسىر، پىقھى ۋە ئۇسۇل پىقھى قاتارلىقپەنلەرنى بېكىتىش ۋە ساپلاشتۇرۇشتاتەڭدىشى يوق يېتىشكەن تەقۋادار،پەزىلەتلىك بىر ئالىم. ئۇ بىدئەتچىلەرگەقارشى سۇغۇرۇلغان قىلىچ، دىن ئىشلىرىنى مۇداپىئەقىلغۇچى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىنچەكلىگۈچى، ھىممەتلىك، ئىرادىلىك، قورقماس، ئاللاھنى كۆپزىكىر قىلىدىغان، نەپلە ناماز-روزا قاتارلىق ئىبادەتۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىئۆزىگە لازىم تۇتقان بىر ئالىمدۇر.” [ئەررەددۇلۋافىر 261-262-بەتلەر].

ئۈچىنچى: ئىمام بەدىرىددىنئەينى ئۆزىنىڭ “ئەلبىنايەتۇشەرھۇل ھىدايە” شۇنداقلا بۇخارىنىڭشەرھىسى “ئۇمدەتۇل قارى” ناملىقئەسەرلىرىدە ئىبنى تەيمىيەدىن نەقىل قىلىشقائالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، مانا بۇ ئىمامئەينىنىڭ ئىبنى تەيمىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتتىكىئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3- موللا ئەلى قارىرەھىمەھۇللاھ شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييىمنىمۇداپىئە قىلىپ، ئۇلارغا قارىتىلغانتۆھمەتلەرگە رەددىيە بىرىپ مۇنداقدەيدۇ: “مەدارىج سالىكىين” ناملىقئەسەرنىڭ شەرھىسى بولغان” مەنازىلسائىرىين” دېگەن كىتابنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن ئىبنىتەيمىيە ۋە ئىبنى قەييىمئىككەيلەننىڭ ئەھلى سۈننەۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ كاتتىلىرى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭھەقىقى ئەۋلىيالىرى ئىكەنلىكى ئوچۇق ئاشكارابولىدۇ”. [مۇشكاتۇل مەسابىھنىڭ شەرھىسىمىرقاتۇل مەپاتىھ 8-توم148-بەت. جەمئۇلۋاسائىل فى شەرھى شەمائىل1-توم168-بەت].

4- “تاجۇل ئەرۇس مىنجەۋاھىرىل قامۇس” ۋە”ئۇقۇدۇل جەۋاھىرۇل مەنىيپەفى ئەدىللەتى مەزھەپ ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە”ناملىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى مۇرتەزازۇبەيدى ئەلھەنەفىي رەھىمەھۇللاھئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە شەيخۇل ئىسلامئىبنى تەيمىيەنى بىر قانچە ئورۇندا “بۈيۈكئالىم ۋە ئىسلام پېشۋاسى” دەپسۈپەتلەپ مۇنداق يازىدۇ: بۈيۈك ئالىمئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبنى ئابدۇل ھەلىمئەلھەنبەلى ئىبنى تەيمىيە نامى بىلەنتونۇلغان مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىمىدۇر.”[تاجۇل ئەرۇس 31-توم351-بەت].

5- بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئابىدىنرەھىمەھۇللاھ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭمەشھۇر “رەددۇل مۇھتار ئەلا دۇررەلمۇختار” ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھنى بىر قانچە ئورۇندا “ئىسلامپېشۋاسى ۋە ھاپىز” دەپسۈپەتلەپ: “مەن شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيەنىڭ “سارىمۇل مەسلۇل”ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆردۈم” دەيدۇ. [رەددۇلمۇھتار ئەلا دۇررەل مۇختار 6-توم345-بەت].كىيىن ئىبنى ئابىدىن رەھىمەھۇللاھ ئىبنى تەيمىيەنىڭھەنەفىي مەزھىپىگە نىسبەت بېرىلگەنسۆزىنى نەقىل قىلىپ، ئۇ سۆزگە ئىلاۋەيېزىپ مۇنداق دەيدۇ: “بىزنىڭمەزھىبىمىزدىكىلەردىن بۇ سۆزنى ئوچۇقسۆزلىگەنلەرنى كۆرمىدىم، لېكىن ئىبنىتەيمىيە ئۇ سۆزنى بىزنىڭ مەزھىبىمىزدىننەقىل قىلغان، ئىبنى تەيمىيە ئىشەنچىلىك، سۆزىقوبۇل قىلىنىدىغان كىشىدۇر.” [رەددۇل مۇھتارئەلا دۇررەل مۇختار 6-توم 346-بەت].

مانا بۇ ھەنەفىيمەزھىپىدىكى بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئابىدىننىڭ شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىلىمى قابىلىيىتى ۋەئۇنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى،ھەنەفىي قارىشىنى بېكىتكەن مەسىلىدەئۇنىڭ سۆزىگە تايانغانلىقى ۋە ئۇنىئىشەنچىلىك، سۆزى قوبۇل قىلىنىدىغان ئالىم دەپسۈپەتلىگەنلىكى يىتەرلىكتۇر. بىز بۇمەسىلىدە يۇقىرقى قۇرلارنى يىتەرلىك دەپقارايمىز. كىمكى بۇ ھەقتە تېخىمۇچوڭقۇر ئىزدەنسە، تېخىمۇ كۆپمەلۇماتلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android