0 / 0

ئىستىغپار قەلب ياشناتقۈچى ئاساسلىق سەۋەبدۇر

سوئال: 225558

ئىستىغپار قەلبلەرنى ياشنىتىدۇ دېسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىستىغپار بولسا قەلبنىڭياشنىشى، نۇرلىنىشى ۋە ھىدايەت تېپىشىنىڭسەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇ ئاللاھتائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭسەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَتەرجىمىسى: سىلەررەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈننېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپقىلمايسىلەر؟. [سۈرە نەمل46-ئايەت].

سەلەپ ئالىملارنىڭبەزىسى مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالانىڭ بىربەندىسىگە ئىستىغپار ئېيتىشنى ئىلھام قىلمىغانلىقى، ئاللاھتائالانىڭ ئۇ بەندىسىنى ئازابلاشنى مەقسەتقىلغانلىقىدىندۇر” [ئەھيا ئۇلۇمىددىن 1-توم 313].

ئىستىغپار ئېيتىش بولسا ئاللاھ تائالانىياد ئېتىپ زىكىر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھ تائالانىياد ئېتىش بىلەن قەلب ياشنايدۇ.

ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “زىكىرقىلىشنىڭ مېۋىسى قەلبنى ياشنىتىشىدۇر”. [مەدارىجئەسسالىكىن 2-توم 29-بەت].

ئىستىغپار گۇناھسەۋەبىدىن كېسەل بولغان قەلبنىڭدورىسىدۇر. گۇناھ-مەسىيەت بارلىقبالا-مۇسىبەتنىڭ ئاساسىدۇر.

ئىمام قەتادەرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “شۈبھىسىزكى،قۇرئان كەرىم سىلەرگە كېسەللىرىڭلارۋە كېسەلنىڭ دورىسىنى بايان قىلىپ بەردى،كېسەللىرىڭلار بولسا، سىلەرنىڭگۇناھىڭلار، كېسەلنىڭ دورىسى بولسا ئىستىغپارئېيتىشتۇر”. [ئىمان شاخچىلىرى 9/347].

ئىستىغپار بولسا قەلبنىكىر-قاسماقلاردىن، غەپلەت ۋە سەھۋەنلىكلەردىن تازىلاپ، ئۇنىڭچاقنىشى ۋە پاكلىنىشىدىكى كاتتاسەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مەنبىر كۈنى ئۇستازىم ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېدىم: “بەزىئۆلىمالار: بەندە ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىشبەكراق پايدىلىقمۇ ياكى ئىستىغپار ئېيتىشمۇ؟ دەپسوراۋاتىدۇ دېسەم، ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ: “كىيىمپاكىزە بولسا گۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراقنەرسىلەر مەنپەئەتلىكراق بولغاندەك،ئەگەر كىيىم قاسماق-كىر بولسا، ئىسسىق سۇ بىلەنسوپۇن بەكراق مەنپەئەتلىك بولىدۇ”.ماڭا يەنە: “ئەمما كىيىم ھەمىشەكىر-قاسماق بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن. [ۋابىلىسسەيىب 92-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىسالدىكىگۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراقنەرسىلەردىن زىكىر-تەسبىھ قاتارلىقلار مەقسەتقىلىنىدۇ. سوپۇن بىلەن ئىسسىق سۇدىن ئىستىغپارمەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى كىيىم بىلەنبەدەن سوپۇن بىلەن تازىلانغاندەك،گۇناھدىنمۇ ئىستىغپار بىلەن پاكىزلىنىدۇ.

ئەغەررىل مۇزەنىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەتقىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: مېنىڭ قەلبىممۇپەردىلەنگەندەك بولىدۇ، مەنمۇكۈندە 100 قېتىم ئىستىغپار ئېيتىمەن. [مۇسلىمرىۋايىتى2702-ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقىھەدىستە توختۇۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:”پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغائىستىغپار ئېيتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق قەلبىنى ئورىۋالغانپەردىلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەربەرگەن”. [پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 283-بەت].

ئەبۇ ھۈرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: «شۈبھىسىزكى، مۆمىن بىر گۇناھ قىلسا،ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قارا چىكىت پەيدا بولىدۇ،ئەگەر تەۋبە قىلسا، گۇناھدىن قولئۈزسە قەلبى ئاقىرىپ پاكلىنىدۇ. ئەگەرگۇناھ-مەسىيەت زىيادە بولسا قەلبىنى قاراچېكىتلەر قاپلاپ كېتىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالاقۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلغان قارا چىكىتلەردۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا يَكْسِبُونَ تەرجىمىسى: ھەرگىزئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭگۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن. [سۈرە مۇتەپپىپىن 14-ئايەت]. [بۇھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەتقىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرتوپلىمىدا 2654- نومۇرلۇقھەدىستە كەلتۈرگەن].

بۇ ھەقتەتېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن104919-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android