بۇ يەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان نۇرغۇن دۇئالار بار، ئۇنىڭ ھەممىسىنى ياد قىلىش ماڭا قىيىن بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئېسىمدە تۇتۇش قابىلىيتىم بۇ دەرىجىدە يېتەرلىك ئەمەس، لېكىن "ياخشىلار باغچىسى" ئون يەتتىنچى بۆلۈم 1492-نۇمۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئا مېنى بەك ئەجەبلەندۈردى، بۇ ھەدىستىكى دۇئانىڭ تېكستى: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ياخشىلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىنى سورايمەن، يامانلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىدىن پاناھ تىلەيمەن، سىلە ياردەم بەرگۈچى، سىلىگە يەتكۈزۈش، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، كۆپ ۋاقىتتا مەن ئۇ دۇئانى ياد قىلىشقا تىرىشىمەن، پەقەت مۇشۇ دۇئانى ياد قىلىش كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسى توغرىسىدا
سوئال: 227973
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنۇ دۇئانى تەلىم بەرگەن: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن دۇنيادا-ئاخىرەتتە، مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى سورايمەن، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ياخشىلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىنى سورايمەن، يامانلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن جەننەت ۋە جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ئەمەللەرنى سورايمەن، دوزاخ ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ئەمەللەردىن پاناھ تىلەيمەن. سىلىدىن ماڭا قىلغان ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلىق قىلىشلىرىنى سورايمەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 24498-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3856-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1276-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئەمما بۇ تېكىستتە كەلگەن ھەدىسنى: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ياخشىلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىنى سورايمەن، يامانلىقتىن بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىدىن پاناھ تىلەيمەن، سىلە ياردەم بەرگۈچى، سىلىگە يەتكۈزۈش، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى3521-ھەدىس. بۇخارى "ئەدەبۇل مۇپرەد"تە 679-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى "تىرمىزىنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرىدە" زەئىپ دەپ كەلتۈرگەن].
ئاساسلىقى دەسلەپتە بايان قىلىنغان تېكستتۇر، ئۇنىڭدا ئىككىنچى ھەدىسنىڭ تېكستتىدىن بىھاجەتلىك ۋە كۇپايە قىلىش بار، ئۇ ھەدىسنى ياد قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ دۇئا قىلىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ لەۋزى قىسقا مەناسى چوڭقۇر دۇئالاردىندۇر.
ئەگەر ئىككىنچى تېكست بىلەن دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ بايانى 179426-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئىلگىرى ئۆتتى، دۇئا تەلەپكە مۇناسىپ، گۈزەل، مەنىسى توغرا بولسا گەرچە زەئىپ ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
بۇ دۇئا گەرچە ھەممە تەلەپنى جۇغلىمىغان بولسىمۇ، دۇئالارنىڭ جۇغلانمىسى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق ياخشىلىقنى سوراش ۋە بارلىق يامانلىقتىن پاناھ تىلەش بار، ئاندىن دۇئادا ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان جەننەت ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى سوراش، يامانلىقنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان دوزاختىن ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئاسىيلىقتىن پاناھ تىلەش بار.
موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ "مىرقاتۇل مەپاتىھ" تا زىكىر قىلىنغان 1739-ھەدىس توغرىسىدا، لەۋزى قىسقا مەناسى چوڭقۇر دۇئا دەپ بۇ دۇئانى بايان قىلغان".
مەناۋىي "پەيزۇل قەدىر"2-توم 162-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھۇلەيمى مۇنداق دەيدۇ:" بۇ ھەدىس بىلەن دۇئا قىلىشنى شەرىئەت ياخشى دېگەن، چۈنكى بۇ دۇئا بىلەن ئاللاھدىن ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى سورايدۇ، يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن پاناھ تىلەيدۇ، ئەگەر دۇئا قىلغۇچى ياخشىلىقنىڭ ئۆزىنىلا سورىسا ياكى يامانلىقنىڭ ئۆزىدىن پاناھ تىلىسە، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن كۆرۈنۈشتە چالا ئىش قىلغان بولدى".
رىۋايەت قىلىنىشچە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازدا تەشەھھۇتتىن كېيىن مۇشۇ دۇئالار بىلەن دۇئا قىلاتتى ۋە كىشىلەرگە تەلىم بېرەتتى. ھاپىز ئىبنى ھەجەر"پەتھۇلبارى"دا مۇنداق دەيدۇ: "تەشەھھۇتتىن كېيىن دېيىلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا بايان قىلىنغان ئەڭ ياخشى خەۋەر. سەئىد ئىبنى مەنسۇر ۋە ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبى شەيبە ئۇمەير ئىبنى سەئەدتىن قىلغان رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە نامازدا ئوقۇيدىغان تەشەھھۇتنى تەلىم بېرەتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: سىلەرنىڭ بىرىڭلار تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: "ئى ئاللاھ! مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى سورايمەن، مەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ياخشىلىقتىن سىلىنىڭ ياخشى بەندىلىرى سورىغان نەرسىنى سورايمەن، يامانلىقتىن سىلىنىڭ ياخشى بەندىلىرى پاناھ تىلىگەن نەرسىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئاتا قىلغىن".
ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سالىھ كىشىلەر بىرەر ئىش توغرىسىدا دۇئا قىلسا، ئۇ ئىشنى مۇشۇ دۇئاغا كىرگۈزەتتى". مۇشۇ دۇئا باشقىسىدىن كۇپايە قىلىدۇ، مۇسۇلمان بۇ دۇئانى كۆپ قىلسا كاتتا ياخشىلىقتا بولىدۇ، باشقا دۇئالارنى ياد قىلىش قېيىن بولسا مۇشۇ دۇئانىلا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما باشقا دۇئالارنى ياد قىلىشقا قادىر بولالىسا ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان جۇغلانما دۇئالارنى ياد قىلىپ ئۈگىنىشى كېرەك. كۈچىنىڭ يىتىشچە تۈرلۈك دۇئالارنى ئوقۇشى ياخشى بولىدۇ، ۋە ئۆزى ئۈچۈنمۇ دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى