ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟

سۇئال: 22909

سوئال: كىشى رامىزان روزىسىنى قايسى ۋاقىتتا ۋە قانداق نىيەت قىلىدۇ؟ .

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
نىيەت قىلىش دېگەنلىك روزا تۇتۇشقا كەسكىن ئىرادە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر كېچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى ئىرادە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ( سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10-توم 246-بەت).
بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا: رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇشنى ئىرادە قىلىپ نىيەت قىلسا ۋە بۇ جەرياندا روزا تۇتۇشتىن بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالمىسا ئاي بېشىدا قىلغان نىيىتى كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئۈزۈلۈپ قالسا يېڭىدىن نىيەت قىلىدۇ دېيىلگەن . ( يەنى كىشى رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە، مەن تولۇق بىر ئاي روزا تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلسا، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتۇشتىن توختاپ قالمىسا مۇشۇ بىر قېتىم قىلغان نىيىتى كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەردىن بىر – ئىككى كۈن روزا تۇتالمىسا روزا تۇتقاندا يەنە يېڭىدىن نىيەت قىلىدۇ .) شۇنىڭدەك بىر ئادەم رامىزاندا سەپەرگە چىقىپ روزا تۇتمىغان بولسا، سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يېڭىدىن نىيەت قىلىپ روزا تۇتىدۇ، مانا بۇ توغرا قاراشتۇر.
چۈنكى ھەرقانداق مۇسۇلماندىن سورىسىڭىز، بىر ئاي روزا تۇتۇشى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، مەن بىر ئاي تولۇق روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم دەيدۇ، گەرچە نىيەت رېئاللىققا ئايلانمىغان بولسىمۇ ھۆكۈمدە ئۇنىڭ جائىزلىقى بېكىتىلدى. ئەسلى قائىدىدە تولۇق روزا تۇتۇش، ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماسلىق، شۇ سەۋەپتىن بىز، مۇسۇلماننىڭ مەلۇم سەۋەبلەردىن روزا تۇتۇشى ئۈزۈلۈپ قىلىپ كىيىن داۋاملاشسا يېڭىدىن نىيەت قىلش كېرەك دەيمىز. مانا بۇ ئىنساننىڭ قەلبى ئارام تاپىدىغان سۆزدىن ئىبارەت. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
( شەرھى مۇمتىئ 6- توم 369 – 370 بەت) .

مەنبە

www.islamqa.com

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android